باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2698يوللانما
3مەستانە

ئەنگىلىيە بايۋەتچىلىرىنىڭ غوجىدارلىرىنىڭ ھەقىقىي تۇرمۇشىغا نەزەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-18 18:30 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ياۋروپا قىتئەسىدىكى غوجىدار-كۈتكۈچىلىك كەسپى فىرانسىيەدىن باشلانغان، بىراق ئەنئەنىۋى ئەنگىلىيە خان سارىيى ئەدەپ-قائىدە، ساختا ئالىيجاناپلىق ۋە ئىنچىكە نۇقتىلارغا ناھايىتى ئەھمىيەت بېرىدىغان بولۇپ، ئۇلار خان سارىيى ئەدەپ-قائىدە يوسۇنى ئۆلچىمى ئارقىلىق غوجىدار-كۈتكۈچىلەر كەسىپ مەسئۇلىيىتىنى قېلىپلاشتۇرغان ۋە ئىنىچكىلەشتۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن ئەنگىلىيە خوجىدار-كۈتكۈچىلىرىنىڭ پۈتۈن دۇنيادا داڭقى چىقىشقا باشلىغان. ئوتتۇرا ئەسىر مەزگىلىدە، ھەتتا ۋەزىيەت ئۆزگىرىپ، پەقەت ئەجدادىدىن ئاق سۆڭەك بولۇپ كېلىۋاتقانلار ۋە ياكى كېنەزلەرلا غوجىدار-كۈتكۈچى ئىشلىتىش سالاھىيىتىگە ئىگە بولغان.


ئەنگىلىيە ئۆزىنى ئالىيجاناپلىققا تولغان دۆلەت دەپ قارايدۇ، بىراق ئەنگىلىيەچە غوجىدار-كۈتكۈچىلىك كەسپى ئىزچىل ئالىيجاناپلىق ئىچىدىكى ئالىيجاناپلىق دەپ قارىلىدۇ. سۈرەتتە: ئەر خوجايىنىنىڭ كىيىمىگە دەزمال سېلىپ بېرىۋاتقان ئەنگىلىيەلىك غوجىدار.


ئەنگىلىيەچە غوجىدار-كۈتكۈچىلەر ئائىلىدىكى ئىچكى ئىشلارغىلا مەسئۇل كۈتكۈچى بولۇپلا قالماي يەنە بايۋەتچە-ئاق سۆڭەكلەرنىڭ تۇرمۇش مەسلىھەتچىسىدۇر. ئۇلار مۇلازىمەت قىلىدىغان ئوبيېكىت تولىمۇ نوپۇزلۇق، سالاھىيىتى يۇقىرى كىشىلەردۇر. سۈرەتتە: مەزكۇر ئەنگىلىيەلىك غوجىدار ئەنگىلىيەدىكى بىر قورغاندا خىزمەت قىلىدۇ.

ئەنگىلىيەلىك غوجىدار-كۈتكۈچىلەرنىڭ يۈرۈش-تۇرۇشلىرى كىشىلەرنىڭ كاللىسىغا سىڭىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇچىسىغا ئاق رەڭلىك كۆينەك، قارلىغاچ قۇيرۇقلۇق ئۇزۇن پىلاچ كىيىپ، ئايىقىنى پاكىز مايلاپ، ھەر ۋاقىت خوجايىنىنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ.

سۈرەتتە: لىۋىرپولدىكى مەلۇم بىر ئاق سۆڭەك ئائىلىسىدىكى بىر قانچە غوجىدار-كۈتكۈچىلەر جىددى تۈردە كەچلىك زىياپەتكە تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. ھەر قانداق بىر تەخسە-قوشۇق، چىنە-پىيالىلەر چوقۇم ئۆلچەملىك قويۇلۇشى، ھەتتا پىيالە بىلەن پىيالىنىڭ ئارلىقىمۇ ئۆلچەمگە ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك.

ئەنگىلىيەلىكەر غوجىدارنىڭ مۇئاش-تەمىناتى جەھەتتە ئۇنچە پىخسىقمۇ ئەمەس، غوجىدارلارنىڭ يىللىق كىرىمى 35 مىڭ فوندستىرلىڭ ئەتراپىدا بولىدۇ. بىراق بۇ بايۋەتچە-ئاق سۆڭەكلەر غوجىدارلارنى ھۆرمەتلەش، ئېتىراپ قىلىشنى بىلىدۇ، ئادەتتىكى تۇرمۇش جەھەتتە كۆپىنچە ھاللاردا غوجىدارلارنىڭ پىكىر-تەكلىپى بويىچە ئىش كۆرىدۇ.

گوللاندىيەدە داڭلىق دۆلەتلىك غوجىدار ئىنىستىتۇتى بار بولۇپ، بۇ جاي دەل قابىل غوجىدارلارنى تەربىيلەپ چىقىدىغان بازا. سۈرەتتە: گوللاندىيە دۆلەتلىك غوجىدارلار ئىنىستىتوتىنىڭ ئىككى نەپەر جۇڭگولۇق ئوقۇغۇچىسى تاماق قاچىلىرىنى قانداق تىزىشنى ئۆگىنىۋاتىدۇ. ھازىر مەملىكەت ئىچىدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك غوجىدارلارغا بولغان ئېھتىياج بەكلا يۇقىرى بولغاچقا، مەخسۇس چەت ئەلگە چىقىپ غوجىدارلىقنى ئۆگىنىپ كېلىدىغانلارمۇ بارغانسېرى كۆپىيىۋاتىدۇ.

ئۆلچەمگە لايىق بىر ئەنگىلىيەچە غوجىدار بولۇش ئۈچۈن چوقۇم ناھايىتى يۇقىرى كەسپى ساپا بولۇشى، چوقۇم ھەر خىل ئەدەپ-قائىدە يوسۇنلىرىنى بىلىشى، ئېسىل ھاراقلارنى تېتىيالايدىغان بولۇشى، ئېسىل نازۇ-نېمەتلەردىن ئالدىن ھوزۇرلىنالايدىغان بولۇشى، ھەمدە مۇناسىپ جىددى قۇتقۇزۇش تەدبىرلىرى، ئامانلىق قوغداش ئىقتىدارى، مۇلازىمەت قىلىش، قىز-ئاياللارنىڭ تېرىسىنى ۋە بەدىنى ئاسراش-گۈزەللەشتۈرۈشنى بىلىشى لازىم.

سۈرەتتە: خەلقئارا غوجىدار ئىنىستىتۇتىدىكى ئايال غوجىدارلار ئوقۇغۇچىلارغا تاماق ئېتىشنى ئۆگىتىۋاتىدۇ، بۇ دەل كۆپ قىسىم ئەنگىلىيەچە غوجىدارلار ئۇستا ئاشپەز بولۇشىنىڭ سەۋەبى. چۈنكى تاماق ئېتىش ھۈنىرىمۇ غوجىدارلارنىڭ ساپاسىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئامىللارنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

ئەنگىلىيەچە غوجىدارلارنىڭ كۈندىلىك خىزمىتى ئاساسلىقى گېزىت توشۇش، ناشتىلىق ئاپىرىش، تازلىق قىلىش، گەپ يەتكۈزۈش قاتارلىقلار بولۇپ، ئۇلار غوجايىنىنىڭ ھەممىگە قادىر شەخسىي ياردەمچىسىگە ئايلىنىدۇ. سۈرەتتە: غوجىدارلار ئىنىستىتۇتىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا پۈتتۈرۈپ چىققان بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار، ئۇلار بازارغا كىرىپ بايۋەتچىلەر ياكى ئاق سۆڭەكلەرنىڭ ئۆزلىرىنى تاللىشىنى كۈتۈپ تۇرىدۇ، كۆپىنچىلىرى مەلۇم بىر قورغانغا كىرىپ ئائىلىۋى مۇلازىم بولۇپ ئىشلەيدۇ.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号