باش بەت

ئادىلجان

5919يوللانما
34مەستانە

روللس-رويس ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل زاۋۇتىنى زىيارەت

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-19 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورىنىڭ 19-فېۋرالدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

روللس-رويس (Rolls-Royce) زاۋۇتى دۇنيادىكى ئالىي دەرىجىلىك ھەشەمەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش زاۋۇتى بولۇپ، بۇ زاۋۇت ئىشلەپچىقارغان روللس-رويس ماركىلىق پىكاپ دۇنياغا داڭلىق بولۇپ، كۆپلىگەن كاتتا پۇلدار بايلار، كىنو چولپانلىرى، سىياسىي ئەربابلارنىڭ ئالدىن تاللىشىغا ئايلانغان. بۇنداق ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل روللس-رويس قانداق قىلىپ ئىشلەپچىقىرىدۇ؟ تۆۋەندە بىز روللس-رويسنىڭ ھەشەمەتلىك زاۋۇتىنى كۆرۈپ باقايلى، بەلكىم سىز بۇ ئارقىلىق جاۋابقا ئېرىشەلىشىڭىز مۇمكىن. سۈرەتتىكىسى بىر روللس-رويس ماركىلىق پىكاپنىڭ رولى، رول ئۈستىدە خىروم يالىتىلغان تۈرلۈك كۇنۇپكىلار ۋە ۋىكلىيۇچاتىللار بار، بۇ تەرىپى ئادەتتىكى ئاپتوموبىلغا ئوخشىمايدۇ. 

سۈرەتتىكىسى ئورۇندۇقنىڭ ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان كىنو قويۇش ئاپپاراتى، بۇنىڭ بىلەن ئارقا رەت ئورۇندۇقتا ئولتۇرغان يولۇچىلار ئۇزۇن يوللۇق سەپەردە تېلېۋىزىيە پىروگرامملىرىنى كۆرگەچ ئارام ئالالايدۇ. 

سۈرەتتىكىسى ئەمدىلا زاۋۇتتىن چىققان بىر كۈلرەك روللس-رويس ئاپتوموبىلى، ئاڭلاشلارغا قارىغاندا بۇ پىكاپ بىر يۈرۈش ئۆيدىنمۇ قىممەت ئىكەن. 

روللس-رويس پىكاۋىنىڭ ئىچىگە ئىشلىتىلگەن بارلىق خۇرۇم ماتېرىياللار سكاندىناۋىيە يېرىم ئارىلىدىكى بۇقىنىڭ تېرىسىدىن ياسالغان بولۇپ، چىداملىق بولۇپلا قالماي يەنە سىزىقچىلار يوق، قۇرت يېمەيدۇ، چىدامچان. 

سۈرەتتىكىسى روللس-رويس پىكاپ زاۋۇتى، كۆپلىگەن قارا رەڭلىك پىكاپلار ئىچىدە بىر قىزىل رەڭلىك پىكاپ ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدۇ، بۇ بەلكىم بىر ئايال باينىڭ زاكاسلىق ئاپتوموبىلى بولسا كېرەك. 

سۈرەتتىكىسى روللس-رويس پىكاپ زاۋۇتىنىڭ ئورۇندۇق ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى، ھەربىر ئورۇندۇق مەخسۇس زاكاسلىق ياسىلىدۇ، بۇنى ھەم روللس-رويستەك ھەشەمەتلىك دەرىجىدىن تاشقىرى ئاپتوموبىل زاۋۇتىلا قىلالايدۇ. 

سۈرەتتە بىر روللس-رويس ماركىلىق پىكاپ ئاۋاز يوقىتىش سىنىقى قىلىنماقتا، تەلەپكە ئاساسەن ئەگەر ئاۋاز يوقىتىش سىنىقى ئۆلچەمگە يەتمىسە ماشىنا زاۋۇتقا قايتۇرۇۋېتىلىدۇ. 

سۈرەتتە روللس-رويس ئاپتوموبىلى بىر قاتار سىناقلاردىن ئۆتمەكتە، ئۇنىڭ سىناق تۈرى ئىنتايىن كۆپ، سىناق تەلىپى يۇقىرى. 

سۈرەتتىكىسى روللس-رويس ئاپتوموبىلىنىڭ ماتورى، دەل مۇشۇنداق ئىلغار ماتور بولغاچقا، روللس-رويس ئاپتومبىلى خەلقئارا ئاپتوموبىل كەسپىدە ئالدىنقى قاتارغا ئۆتەلىگەن. 

بۇ تۇنجى نۇسخىدىكى روللس-رويس Phantom ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى، ھازىر ئاللىبۇرۇن شاللىۋېتىلگەن بولۇپ، ئاسارە-ئەتىقە سۈپىتىدە يىغىۋېلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئورنىنى يېڭى ھەرىكەت ئۇزىتىش قۇرۇلمىسى ئالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号