باش بەت

نۇسرەتگۈل

6493يوللانما
55مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ باي 20 ئادەم

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-19 13:21 0 ئىنكاس چۈشتى

1. جون روكفېللېرنىڭ (1937-1839) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 253 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ئۆلچەملىك نېفىت شىركىتىنىڭ (Standard Oil Company) قۇرغۇچىسى. بۇ شىركەت 1880-يىللىرى ئامېرىكا نېفىتىنىڭ %90 نى كونترول قىلىپ تۇرغان. ئۇ كېيىنكى ئۆمرىنى توپلىغان بايلىقلىرىنى ئىئانە قىلىش بىلەن ئۆتكۈزگەن بولۇپ، چىكاگو ئۇنىۋېرسىتېتى ۋە روكفېللېر فوندى جەمئىيىتىگە ئوخشاش ئالىي بىلىم يۇرتلىرى ۋە ساخاۋەت ئورۇنلىرىنى قۇرغان.

2. كونىليسى ۋەندېربىلت (1877-1794) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 205 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ پاراخوت سودىسى ئارقىلىق ئىگىلىك تىكلىگەن، كېيىنچە ئىگىلىكىنى پار پاراخوتى تىرانسىپورتى ۋە تۆمۈر يول تىرانسىپورتىغا كېڭەيتكەن. ئۇ ئالاھىدە تۆۋەن باھا ئارقىلىق رىقابەتچىلىرىگە ھۇجۇم قىلىپ، ئۇلارنى بازاردىن ئامالسىز چېكىنىپ چىقىشقا مەجبۇرلىغان.

3. جون ياكوب ئاستېرنىڭ (1848-1763) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 130 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئۇ ئەسلىدە يېنىدا بىر تىيىنمۇ پۇلى يوق گېرمانىيەلىك كۆچمەن بولۇپ، ئامېرىكىغا بېرىش سەپىرىدە باشقىلاردىن كۆن-خۇرۇم سودىسىنىڭ پايدىسى كۆپلۈكىنى بىلىۋالغان. ئارقىدىن ئۇ بىر باي ئايال بىلەن توي قىلىپ، سودىسىنىڭ راۋاجلىنىشى ئۈچۈن زور مەبلەغ ھازىرلىغان.

4. سىتىفېن گىلادنىڭ (1831-1750) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 120 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. گىلاد دەسلەپتە ياۋروپا-كارب دېڭىزى لىنيەلىرىدە قاتنايدىغان پاراخوتلاردا مۇلازىمەتچىلىك قىلغان بولۇپ، 23 يېشىدا كاپىتان بولغان. كېيىن فىلادېلفىيە شەھىرىدە ئولتۇراقلىشىپ، پۇل-مۇئامىلە سودىسى بىلەن شۇغۇللانغان. 1812-يىللىرى ئامېرىكىدا ئۇرۇش بولغان مەزگىللەردە يەنە ھۆكۈمەتكە قەرز بېرىپ تۇرغان.

5. رىچارد مېللوننىڭ (1933-1858) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 103 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. رىچارد ئاكىسى ئاندرېۋ (مۇشۇ تىزىملىكتىكى 15-باي) بىلەن پېتتىسبۇرگدا بانكا خىزمەتچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. بۇ جەرياندا ئۇ خىزمەت قولايلىقىدىن پايدىلىنىپ، پولات-تۆمۈر، نېفىت، كۆمۈر ۋە تۆمۈر يول قاتارلىق شۇ دەۋرلەردە يوشۇرۇن كۈچى ئەڭ زور كەسپلەرگە مەبلەغ سالغان.

6. ئاندرېۋ كارنېگنىڭ (1919-1835) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 101 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى. ئۇ كارنىگ پولات-تۆمۈر شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، شۇنداقلا دۇنيا داڭلىق خەير ساخاۋەتچى.

7. سىتېفېن ۋەن رېنسسېلېرنىڭ (1839-1764) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى 101 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. سىتېفېن بۇ 20 باي ئىچىدە جەمەتىنىڭ مال-مۈلۈكىگە ۋارىسلىق قىلغان بىردىنبىر ئادەم. ئۇ گوللاندىيە مۇستەملىكىچىلىك ھۆكۈمرانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدىكى ئاقسۆڭەك بولۇپ، ھۆكۈمەتتىن ناھايىتى كەڭ زېمىنغا ئېرىشكەن. ئۇنىڭ نيۇيوركتىكى زېمىنىنىڭ كۆلىمىلا 1 مىليون ئاكردىن (ئىنگلىز موسى) ئاشىدىغان بولۇپ، 100 مىڭ ئۆيلۈك ئادەم ئۇنىڭ يېرىدە ئىشلەيتتى.

8. ئالېكساندېر كارتنېي ستۇئارتنىڭ (1876-1803) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 100 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ ئەسلىدە ئېرلاندىيەلىك توقۇمىچىلىق زاۋۇتى ئىشچىسى بولۇپ، كېيىنچە ئامېرىكا بويىچە توقۇمىچىلىق بۇيۇملىرىنى توپ ۋە پارچە تارقىتىدىغان ئەڭ چوڭ سودىگەرگە ئايلانغان. ئامېرىكىدا ئىچكى ئۇرۇش پارتلىغان مەزگىللەردە ئۇ فېدىراتسىيە ئارمىيەسىنى زۆرۈر لازىمەتلىكلەر بىلەن تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق سودىگەرگە ئايلانغان.

9. فىرىدېرىچنىڭ (1914-1834) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 91 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئامېرىكىنىڭ ياغاچ ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەش ۋە قەغەز سانائىتىدىكى ئەڭ چوڭ مۈلۈكدار. ئۇنىڭ شىركىتىدىكىلەر قەغەز ياساش ئۈچۈن كېسىۋەتكەن ئورمانلارنىڭ ئورنىغا قايتىدىن دەرەخ تىكىپ قويۇشتا باشتىن-ئاخىر چىڭ تۇرغان.

10. جەي گولدنىڭ (1892-1836) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 78 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، گولد تۆمۈر يول شىركىتىنىڭ باش دېرىكتورى، بانكېر ۋە مەبلەغ سالغۇچى. ئۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ ئەخلاقسىز سودىگەر دەپ نام ئالغانلارنىڭ بىرى بولۇپ، ئۆمرىنىڭ ئاخىرقى مەزگىللىرىدە يېنىدا ھېچقانداق پۇلى قالماي كوچا-كويلاردا سەرگەردانلىقتا تۇرمۇش كەچۈرگەن، شۇنداقلا جەمئىيەتتىكىلەرنىڭ كۈچلۈك ئەيىبلىشىگە ئۇچرىغان.

11. مارشال رامسفېلدنىڭ (1906-1834) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 75 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن بولۇپ، ھازىرقى مارشال رامسفېلد تۈرلۈك ماللار شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى. بۇ شىركەتنى كېيىن مەسي تۈرلۈك ماللار شىركىتى سېتىۋالغان، ئەمما ئىسمىنى ئۆزگەرتمەي ساقلاپ قالغان.

12. بىل گەيتىس 1955-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 74 مىليارد ئامېرىكا دوللىرى، مىكروسوفتنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بىرى. ئۇ 2008-يىلىدىن باشلاپ شىركەتتىكى پۈتۈن كۈنلۈك خىزمىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا كۆپرەك كۈچ چىقىرىۋاتىدۇ.

13. ھېنرىي فوردنىڭ (1947-1863) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 67 مىليارد 20 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. فورد دېگەن بۇ ئىسىم ھازىر ماشىنا ۋە شىركەتنىڭ نامىغا ئايلىنىپ كەتتى. ئۇ خىزمەتچىلىرىنىڭ مائاشىنى مۇۋاپىق قىلىش ئارقىلىق، ئۇلارغا ئۆز شىركىتىنىڭ مەھسۇلاتلىرىنى ئالدۇرغان.

14. ۋوورېن باففېت 1930-يىلى تۇغۇلغان بولۇپ، مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 63 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرى. ئۇنىڭ باشقۇرۇشىدىكى بېركشىر شىركىتىنىڭ مەھسۇلات ئىشلەپچىقىرىشى نۇرغۇنلىغان ساھەلەرگە چېتىلىدىغان بولۇپ، خېنز يېمەكلىكلىرى، توقۇلما بۇيۇملار شىركىتى، ھۆكۈمەت خىزمەتچىلىرى سۇغۇرتا شىركىتى ۋە شىمالىي بېرلىڭتون تۆمۈر يول شىركىتى قاتارلىق نۇرغۇنلىغان داڭلىق شىركەتلىرى بار.

15. ئاندرېۋ مېللوننىڭ (1937-1855) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 63 مىليارد 200 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. گەرچە ئۇ ئىنىسى رىچاردتىن ئۇزۇن ياشىغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ بايلىقى ئىنىسىنىڭكىدىن خېلىلا ئاز. ئاندرېۋ سەنئەتكە ئالاھىدە قىزىقىدىغان بولۇپ، يىغىپ ساقلىغان 126 پارچە داڭلىق رەسىمىنى كۆرگەزمە قىلغان ھەم شۇنىڭدىن توپلانغان پۇللار ئارقىلىق ۋاشىنگىتوندا دۆلەتلىك گۈزەل-سەنئەت سارىيى قۇرغان.

16. سەم ۋولتوننىڭ (1992-1918) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 56 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ دەسلەپتە بىر تۈرلۈك ماللار شىركىتىدە ئىشلىگەن. كېيىنچە ئۇ شىركەتتىن ئايرىلىپ چىقىپ، ۋولتون تۈرلۈك ماللار شىركىتىنى قۇرغان.

17. موس تايلورنىڭ (1882-1806) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 54 مىليارد 500 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ بۇ تىزىملىكتە 3-ئورۇنغا تىزىلغان جون ياكوب ئاستېرنىڭ ئوغلى. موس تايلور جەمەتىنىڭ مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، شىېكەر قۇمۇشى، قەھۋە، تۆمۈر يول، پولات-تۆمۈر، كۆمۈرچىلىك ۋە ئاممىۋى ئەسلىھەلەر ساھەسى قاتارلىق نۇرغۇن تۈرلەرگە مەبلەغ سالغان.

18. رۇسسېل سەيگنىڭ (1906-1816) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 53 مىليارد 600 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. رۇسسېل نامرات ئائىلىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئىلگىرى تۈرلۈك ماللار دۇكىنىدا ئىشلىگەن، ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئىرادىسىگە تايىنىپ بايلىق توپلىغان. بىراق، ئۇ تولىمۇ پىخسىق بىر ئادەم بولۇپ، ئىلگىرى بىر تال يەلپۈگۈچ ئوغرىلاۋاتقاندا تۇتۇلۇپ قالغان.

19. جەيمېس فىلنىڭ (1894-1831) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 52 مىليارد 900 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ئۇ 3 شېرىكى بىلەن نېۋادا ئىشتاتىدىكى ئالتۇن-كۈمۈش كانىدىن خېلى كۆپ پايدىغا ئېرىشكەن. بىراق، ئۇ جاپا چېكىپ تاپقان بايلىقلار ئۇنىڭغا ئامەت ئەمەس، بەلكى ئاپەت بولۇپ، ئايالى ئۇنىڭدىن ئايرىلىپ كەتكەن، ئوغلى ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالغان.

20. ۋىليام ۋايتمەننىڭ (1904-1813) مال-مۈلۈكىنىڭ ئومۇمىي قىممىتى تەخمىنەن 51 مىليارد 800 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن. ۋىليام بىر دورا شىركىتى ئاچقان ھەمدە فىلادىلفىيە شەھىرىنىڭ ئۆي-مۈلۈك ساھەسىگە مەبلەغ سېلىپ نۇرغۇن بايلىققا ئېرىشكەن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号