باش بەت

جاھانكەزدى

14354يوللانما
5مەستانە

92-نومۇرلۇق ۋە 95-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پەرقىنى بىلەمسىز؟

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-19 22:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئاپتوموبىل يېقىلغۇدىن ئايرىلالمايدۇ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇتلەق كۆپ قىسىم ئائىلە ئاپتوموبىللىرى بېنزىننى يېقىلغۇ قىلىدىغان بولغاچقا، ئۇ بىز ئۈچۈن ئەڭ تونۇشلۇق نەرسىگە ئايلانغان. بىراق سىز بېنزىننى ھەقىقىي چۈشىنەمسىز؟ 

ماي قاچىلاش پونكىتلىرىدىكى 92، 95، 97 دېگەندەك بېنزىن نومۇرلىرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ يۇقىرى باھالىق 98-نومۇرلۇق بېنزىننى قاچىلىسا ئاپتوموبىلنىڭ كۈچى تېخىمۇ ئاشامدۇ؟ 92-نومۇرلۇق بېنزىن بىزنىڭ پۇل تېجىشىمىز ئۈچۈن چىقىرىلغانمۇ؟ تۆۋەندە بىز بىرلىكتە كۆرۈپ باقايلى. 

بېنزىن نومۇرى نېمىگە ۋەكىللىك قىلىدۇ؟ 

بېنزىن نومۇرى بېنزىننىڭ ئوكتان قىممىتى (辛烷值)گە ۋەكىللىك قىلىدىغان بولۇپ، نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا ئوكتان قىممىتى شۇنچە يۇقىرى، بېنزىننىڭ پارتلاشقا قارشى خۇسۇسىيىتى شۇنچە ياخشى ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. بېنزىن نومۇرىنىڭ يېقىلغۇنىڭ ساپلىقى بىلەن مۇناسىۋىتى يوق. 

نومۇرى قانچە يۇقىرى بولسا شۇنچە ياخشى بولۇشى ناتايىن 

ھەر بىر ئاپتوموبىلنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىدا «پىرېسلاش نىسبىتى» (压缩比) دەيدىغان بىر ئاتالغۇ بار. ئادەتتە پىرېسلاش نىسبىتى يۇقىرى بولغان ماتورغا تۆۋەن نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىلسە، بېنزىننىڭ كۆيۈشى تولۇق بولماي، كۈچلۈك سىلكىنىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ماتورنىڭ قۇۋۋىتى تۆۋەنلەپ، ماتور زىيانغا ئۇچرايدۇ، ماي سەرپىياتى ئېشىپ كېتىدۇ ھەمدە ئاپتوموبىلنىڭ كۈچى قالمايدۇ. 

ئەگەر پىرېسلاش نىسبىتى تۆۋەن ماتورغا يۇقىرى نومۇرلۇق ماي ئىشلىتىلسە، «ئوت ئالماسلىق» ئەھۋالى كۆرۈلىدۇ، يەنى پىرېسلاش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان ۋاقىتتىمۇ بېنزىننىڭ ئۆزلۈكىدىن ئوت ئېلىش نۇقتىسىغا يەتمەي، ئوخشاشلا بېنزىننىڭ تولۇق كۆيمەسلىكى كېلىپ چىقىدۇ. شۇڭا ھەر قانچە كۆپ ماي بېرىپ  ماتورنىڭ قۇۋۋەت چىقىرىشىغا كاپالەتلىك قىلغان تەقدىردىمۇ، ماتورغا پايدىسىز بولۇپلا قالماي، ماي سەرپىياتىمۇ ئېشىپ كېتىدۇ. 

بېنزىن نومۇرىنى قانداق تاللىشىمىز كېرەك؟ 

ئادەتتە، ئاپتوموبىللارنىڭ ئوخشاش بولماسلىقىغا ئاساسەن، ئوخشىمايدۇ. 

92-نومۇرلۇق بېنزىن تېخنىكا تەركىبى يۇقىرى بولمىغان ئادەتتىكى ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدۇ. نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان 100 نەچچە مىڭ يۈەن ئەتراپىدىكى ئاپتوموبىللار ئۈچۈن ئېيتقاندا، 92-نومۇرلۇق بېنزىن ئەڭ ماس كېلىدىغان بولۇپ، 92-نومۇرلۇق بېنزىن ماس كېلىدىغان ماتورلارنىڭ تېخنىكىسى پىشقان، يېقىلغۇغا بولغان تەلىپى بەك يۇقىرى ئەمەس بولىدۇ. ئەلۋەتتە، بۇ پەقەت پايدىلىنىش ئۈچۈن بېرىلگەن تەكلىپ بولۇپ، قانداق نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىشنى پەقەت ئاپتوموبىل تىپىغا قاراپلا بېكىتىشكە بولمايدۇ، ئامال بار ئاپتوموبىلنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسىغا قاراش كېرەك. 

95-نومۇرلۇق بېنزىن مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدۇ 

95-نومۇرلۇق بېنزىن ئادەتتە تۇربىنىلىق بېسىم ئاشۇرغۇچلۇق ماتور ۋە پىرېسلاش نىسبىتى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان ئاپتوموبىللارغا ماس كېلىدۇ. 95-نومۇرلۇق بېنزىن نۆۋەتتە بازارلاردا سېتىلىۋاتقان مۇتلەق كۆپ قىسىم ئاپتوموبىل تىپلىرىغا ماس كېلىدىغان بولۇپ، مەيلى نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك كىچىك ئاپتوموبىل بولسۇن ياكى نەچچە يۈز مىڭ يۈەنلىك ئېسىل ئاپتوموبىللار بولسۇن، ھەممىسىگە دېگۈدەك ماس كېلىدۇ.

 

98-نومۇرلۇق بېنزىن ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللار ۋە يۇقىرى ئات كۈچىگە ئىگە مۇسابىقە ئاپتوموبىللىرىغا ماس كېلىدۇ 

92-نومۇرلۇق ۋە 95-نومۇرلۇق بېنزىنغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، 98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ ئىشلەپچىقىرىش تېخنىكىسى ۋە ئۈسكۈنىگە بولغان تەلىپى تېخىمۇ يۇقىرى بولۇپ، مەملىكىتىمىز تېخى يېقىنقى ئىككى يىلدا ئاندىن 98-نومۇرلۇق بېنزىننى ئىشلەپچىقىرالايدىغان بولغان. 

98-نومۇرلۇق بېنزىننىڭ پارتلاشقا قارشى تۇرۇش خۇسۇسىيىتى شۈبھىسىزكى ئۈچ خىل بېنزىن ئىچىدە ئەڭ ياخشى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئىشلەپچىقىرىش ئۆلچىمى ئەڭ يۇقىرى. ماتورى نىسبەتەن نازۇك ھەمدە ئېلېكتىرون سىستېمىسى نىسبەتەن مۇرەككەپ بولغان ياۋروپانىڭ ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىللىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، شارائىت يار بەرگەن ئەھۋالدا ئامال بار 98-نومۇرلۇق بېنزىننى ئىشلىتىش كېرەك. 

ئەگەر ئامراق ئاپتوموبىلىڭىزغا زادى قايسى نومۇرلۇق بېنزىن ئىشلىتىشنى بىلەلمىسىڭىز، ئاپتوموبىلنىڭ چۈشەندۈرۈش قوللانمىسى ياكى باك ئېغىزىنىڭ ئىچىگە قارىسىڭىز، ئاپتوموبىلىڭىزغا ماس كېلىدىغان بېنزىن نومۇرى يېزىلغان بولىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号