باش بەت

جاھانكەزدى

14329يوللانما
5مەستانە

مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك 6 خۇشخەۋەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-19 18:20 0 ئىنكاس چۈشتى

ھۆكۈمەتنىڭ ئىجتىمائىي كاپالەت، داۋالاش سەھىيە قاتارلىق خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چىقىملىرى ھەر بىر ئادەمنىڭ تۇرمۇشى بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، يېقىندا مالىيە مىنىستىرلىقى ئېلان قىلغان، تۇرمۇشىمىزغا مۇناسىۋەتلىك 6 خۇشخەۋەرنى كۆرۈپ باقايلى. 

1. شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە تولۇقلىمىسى ئۆستۈرۈلىدۇ 

مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2016-يىلى، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئاساسىي داۋالىنىش سۇغۇرتىسى مالىيە تولۇقلىمىسى ئۆلچىمى ھەر كىشىنىڭ ھەر يىلىغا 420 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 29-كۈنى ئېچىلغان مەملىكەتلىك مالىيە يىغىنىدا، بۇ يىلقى مەركەز مالىيەسىنىڭ بۇ ئۆلچەمنى يەنىمۇ يۇقىرى كۆتۈرۈپ، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان تولۇقلىمىنى 420 يۈەندىن 450 يۈەنگە ئۆستۈرۈپ، شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ داۋالىنىشىنى تېخىمۇ كاپالەتكە ئىگە قىلىش قارار قىلىنغان. 

2. ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمەت تۈرى مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى يۇقىرى كۆتۈرۈلىدۇ 

2016-يىلى، ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى تۈرىنىڭ يىللىق كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان مالىيە تولۇقلىما ئۆلچىمى 45 يۈەنگە ئۆستۈرۈلگەن. بۇ يىل، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئاساسىي جامائەت سەھىيە مۇلازىمىتى خىراجەت تولۇقلىما ئۆلچىمى 45 يۈەندىن 50 يۈەنگە ئۆستۈرۈلىدىكەن. 

3. پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈلىدۇ 

مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا، پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مۇۋاپىق ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

گەرچە ئۆستۈرۈلۈش نىسبىتى تېخى بېكىتىلمىگەن بولسىمۇ، بىراق پېنسىيەگە چىققانلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ بۇ يىل داۋاملىق ئۆستۈرۈلىدىغانلىقىنى مۇقەررەرلەشتۈرۈشكە بولىدۇ. 2016-يىلى، پۈتۈن مەملىكەت بويىچە تۇنجى قېتىم كارخانا ۋە ئورگان كەسپىي ئورۇنلاردىن پېنسىيەگە چىققۇچىلارنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش تەمىناتىنى ماس قەدەمدە تەڭشەش ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، ئومۇمىي سەۋىيەسى %6.5 ئەتراپىدا ئۆستۈرۈلۈپ، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى ئاساسىي ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىنىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئايلىق ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى 105 يۈەندىن ئاشقان. 

4. شەھەر-بازارلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمى ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق بېكىتىلىدۇ 

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقىنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، مەملىكەت بويىچە شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوبيېكتىدىن 60 مىليون 534 مىڭ كىشى بولۇپ، 2016-يىلى شەھەر-يېزا تۆۋەن كاپالەت ئوتتۇرىچە ئۆلچىمى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %10.8 ۋە %17.8 ئاشقان. 

مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا، بۇ يىل شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى داۋاملىق ئىلمىي ۋە مۇۋاپىق ئۇسۇلدا ئۆستۈرۈش ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، نۆۋەتتە، بېيجىڭ، لياۋنىڭ قاتارلىق جايلار شەھەر-يېزىلارنىڭ تۆۋەن كاپالەت ئۆلچىمىنى تەڭشەپ بولغان. 

5. خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىدا بۆسۈش ھاسىل قىلىنىپ، ئوتتۇرا-تۆۋەن كىرىملىك كىشىلەر توپىنىڭ باج سېلىقى تۆۋەنلىتىلىدۇ 

مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا، ئۇنىۋېرسال ۋە تۈرلەرگە ئايرىلغان خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتىنى تەتقىق قىلىپ ئىلگىرى سۈرۈش، خۇسۇسىي كىرىم ۋە مال-مۈلۈك ئۇچۇر سىستېمىسى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسىنى تەتقىق قىلىپ بېكىتىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى پۇختا ئىلگىرى سۈرۈش بىلەن بىر ۋاقىتتا، خۇسۇسىي تاپاۋەت بېجى ئىسلاھاتى بۇ يىلقى باج تۈزۈمى ئىسلاھاتىدىكى ئەڭ مۇھىم نۇقتا ھېسابلىنىدۇ. 

6. باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش: تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش ئارقىلىق 700 مىليارد يۈەن باج كېمەيتىلىدۇ 

مەملىكەتلىك مالىيە خىزمىتى يىغىنىدا، تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش سىياسىتىنى داۋاملىق ئەمەلىيلەشتۈرۈش ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈش، باج كېمەيتىش ئۈنۈمىنى كېڭەيتىش، بۇندىن بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان باشقا باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سىياسەتلىرىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى باج كېمەيتىش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ يولغا قويۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. 

2016-يىلى، مەملىكىتىمىز زور كۆلەمدە باجنى كېمەيتىپ، ھەقنى تۆۋەنلەتكەن، بولۇپمۇ تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، يېڭى سىناق نۇقتىلاردىكى بارلىق كەسىپلەردە ئومۇمىي جەھەتتىن باجنى پەقەت كېمەيتىش، ئۆستۈرمەسلىك نىشانى ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇپ، كارخانىلارنىڭ كېمەيتىلگەن بېجى 500 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. 

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ مۆلچەرلىشىچە، بۇ يىل تىجارەت بېجىنى قوشۇلما قىممەت بېجىغا ئۆزگەرتىش كۆلىمى يەنىمۇ بىر قەدەم كېڭەيتىلىپ، كېمەيتىلىدىغان باج 700 مىليارد يۈەنگە يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. 

نۆۋەتتە ياسىمىچىلىق كەسپىنىڭ پايدىسى %5 ئەتراپىدا بولۇپ، ھەر خىل ھەقلەر كۆپ بولغانلىقتىن، كارخانىلارنىڭ بەرداشلىق بېرىشى تەسكە چۈشكەن. تەننەرخنى تۆۋەنلىتىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن ھەقلەرنى تۆۋەنلىتىش كېرەك. كارخانىلارنىڭ سېلىقى يېنىكلىسە، ئۈنۈمى يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، كەڭ ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ مائاش كىرىمىنى يۇقىرى كۆتۈرۈپ، تۇرمۇشىنى ياخشىلىغىلى بولىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号