باش بەت

نۇسرەتگۈل

8975يوللانما
149مەستانە

قاتتىق قار سەۋەبىدىن ئۈرۈمچىنىڭ ھۆل يېغىن مىقدارى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتتى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-20 17:00 0 ئىنكاس چۈشتى

ئۈرۈمچىدە 2-ئاينىڭ 19-كۈنى چۈش سائەت 11 لەر ئەتراپىدا قار يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 25-15 سانتىمېتىرغا يەتكەن، شەھەرنىڭ جەنۇبىدىكى رايونلاردا يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 30-20 سانتىمېتىرغا يەتكەن.

2-ئاينىڭ 20-كۈنى ئەتىگەن ئۈرۈمچى مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 20-چېسلا ئەتىگەن سائەت 6 گىچە ئۈرۈمچى شەھىرى ئىچىدە يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 29 سانتىمېتىرغا، مىچۈەن رايونىدا يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 26 سانتىمېتىرغا، جەنۇبىي تاغ رايونلىرىدا يېڭىدىن يىغىلغان قارنىڭ قېلىنلىقى 25 سانتىمېتىرغا يەتكەن. 

بۇ قېىتمقى قار ئۈرۈمچىدە قىش كىرگەندىن بۇيان ياغقان ئەڭ قېلىن قار بولۇپ، ئۈرۈمچىنىڭ 24 سائەت ئىچىدىكى ھۆل-يېغىن مىقدارى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئالدىنقى قاتارىدا تۇرغان. 

پۈتۈن شىنجاڭ دائىرىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندا، 2-ئاينىڭ 18-كۈنىدىن باشلاپ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدا قار يېغىشقا باشلىغان بولۇپ، ھازىرغا قەدەر مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە ياغقان قارنىڭ مىقدارى جەھەتتە پۈتۈن شىنجاڭ بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. بۇ قېتىم شىمالىي شىنجاڭنىڭ تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى رايونلىرىدا قاتتىق قار ياغقان، ئۈرۈمچى ئەتراپىدىكى رايونلاردا ئالاھىدە قاتتىق قار ياغقان. تۈنۈگۈن چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسى قاتتىق قاردىن كۆك رەڭلىك ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.

شىنجاڭ مېتېئورلوگىيە ئىدارىسى ئەمەلىي تەكشۈرۈپ ئېنىقلىغان سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 18-چېسلا كەچتىن باشلاپ 20-چېسلا ئەتىگەن سائەت 6 گىچە پۈتۈن شىنجاڭدىكى 19 مېتېئورلوگىيە پونكىتى ئەتراپىدىكى رايونلاردا قاتتىق قار ياغقان. بۇ 19 مېتېئورلوگىيە پونكىتىنىڭ كۈنەس، توققۇزتارا ۋە غۇلجا ناھىيەسىدىكى مېتېئورلوگىيە پونكىتلىرىدىن باشقىلىرىنىڭ ھەممىسى شىخەنزىدىن سانجىغىچە بولغان تەڭرىتېغى بويلىرىغا جايلاشقان.

شىنجاڭ مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىنىڭ باش مۇلازىمەتچىسى دوۋ شىنيىڭ: «بۇ قېتىم قار يېغىشىدىكى سەۋەب شىمالنىڭ سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن جەنۇبنىڭ ئىللىق ھاۋا ئېقىمى ئۇچراشقاندا، سۇ ھورى يېتەرلىك بولغاچقا ياغقان قارنىڭ مىقدارىمۇ كۆپ بولغان. ئۇنىڭ ئۈستىگە سوغۇق ھاۋا ئېقىمى بىلەن ئىللىق ھاۋا ئېقىمىنىڭ ئۇچرىشىش ئورنى شىمالىي شىنجاڭدىكى تەڭرىتېغى ئەتراپلىرى بولغاچقا، بۇ جايلاردا ياغقان قارنىڭ مىقدارى ئالاھىدە كۆپ بولغان» دېگەنلەرنى بىلدۈرگەن.

بۈگۈن كۈندۈزدە ئۈرۈمچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى 6- سېلسىيە گىرادۇستىن 11- سېلسىيە گىرادۇسقىچە بولىدۇ. مۇشۇ قېتىمقى سوغۇق ھاۋا ئېقىمى تەسىرىدە 21- ۋە 22-چېسلالار ئۈرۈمچىنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئازراق تۆۋەنلەپ، 13- سېلسىيە گىرادۇس ئەتراپلىرىدا بولىدۇ. 23-چېسلادىن باشلاپ تېمپىراتۇرا قايتىدىن يۇقىرىلاشقا باشلايدۇ.

20-چېسلا چۈشتىن بۇرۇن، سوغۇق ھاۋا ئېقىمىنىڭ شىمالىي شىنجاڭنىڭ كۆپ قىسىم رايونلىرىدىكى تەسىرى ئاساسىي جەھەتتىن تۈگەيدۇ. بىراق، جەنۇبىي شىنجاڭغا بولغان تەسىرى 21-چېسلا ئەتىگەنگىچە داۋاملىشىدۇ. ئارقىدىن، ھەرقايسى جايلارنىڭ تېمپىراتۇرىسى ئازراق ئۆرلەيدۇ.

تۈنۈگۈن كەچتىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ۋە قار تازىلاش ماشىنىلىرى قار تازىلاش خىزمىتىگە ئاتلانغان؛ قاتناش ساقچى ئەترىتىدىكى بارلىق خادىملار ھەرىكەتلىنىپ، ماشىنىلارنىڭ بىخەتەر يۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلغان؛ شەھەر ئاھالىلىرى ئۆيىدە بار ئەسۋابلارنى ئېلىپ چىقىپ قار تازىلاشقا ياردەملەشكىن.

مۇھىت ئاسراش ئىشچىلىرى ۋە قار تازىلاش ماشىنىلىرى شوپۇرلىرىنىڭ تىرىشچانلىقىدا چوڭ يوللاردىكى قار پاكپاكىزە تازىلىنىپ بولغان.

قار ئاستىدا قالغان تىكتاك توپ تاختىلىرى

شەھەر ئاھالىلىرى جىددىيلەشكەن ھالدا تاكسى ساقلىماقتا.

قار بىلەن قاپلانغان بالىلار ئويۇنچۇقلىرى

قاردا قىزىنى كۆتۈرۈپ كېتىۋاتقان ئانا

ئاھالىلەر ئولتۇراق رايونىدىكى «قار گۈمبەمەدەك»

قار قاپلىغان ماشىنىلار



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号