باش بەت

ئەلى

1916يوللانما
1مەستانە

سابىق ئامېرىكا زۇڭتۇڭى كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش نەق مەيدانىغا نەزەر

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-21 14:15 0 ئىنكاس چۈشتى


بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئامېرىكىنىڭ داللاستا مەشھۇر بىر تاشيول بار. بىراق بۇ تاشيول كىشىنى قايغۇغا چۆمدۈرىدۇ، چۈنكى دەل مۇشۇ تاشيولدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى جون كېننىدى قەستكە ئۇچرىغان. مەزكۇر تاشيول خەلق مەيدانىنىڭ ئەتراپىغا جايلاشقان بولۇپ، نۇرغۇن ساياھەتچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ كېننىدىنى ئەسلىشىدۇ. تۆۋەندىكى بىر يۈرۈش كونا رەسىملەردە جون كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش تەپسىلاتى خاتىرىلەنگەن.

1963-يىلى 11-ئايدا جون كېننىدى تېكساس ئىشتاتىغا نۇتۇق سۆزلىگىلى بارغان. 11-ئاينىڭ 22-كۈنى جون كېننىدى ۋە ئۇنىڭ ئايالى ئوق ئۆتمەس قۇرۇلما ئورنىتىلمىغان ئۈستى ئوچۇق ماشىنىدا داللاستىكى چوڭ كوچىدىن ئۆتۈۋاتاتتى. رەسىمدىكى كېننىدىنىڭ ماشىنا ئەترىتى.


كېننىدىنىڭ ماشىنا ئەترىتى ئېلم كوچىسىغا كەلگەندە كېننىدى كوچىنىڭ ئىككى قاسنىقىدىكى كىشىلەرگە قول پۇلاڭلىتىپ ھۆرمەت بىلدۈرۈۋاتاتتى، دەل مۇشۇ پەيتتە تاپانچا ئاۋازى ياڭرىدى، ئارقىدىنلا 2-پاي ئوق كېننىدىنىڭ بېشىغا تەگدى. رەسىمدە كېننىدىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى يېتىپ كېلىپ يارىلانغان كېننىدىنى دوختۇرخانىغا ئېلىپ ماڭدى.

كېننىدى پاركلەند دوختۇرخانىسىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن جان ئۈزگەنلىكى رەسمىي ئېلان قىلىندى. رەسىمدىكىسى ئەينى ۋاقىتتىكى گېزىت يايمىسى. كىشىلەر بەس بەستە گېزىت سېتىۋېلىپ زۇڭتۇڭنىڭ ئەڭ يېڭى ئەھۋاللىرىدىن خەۋەردار بولماقتا.

كېننىدى زۇڭتۇڭنىڭ قەستكە ئۇچراپ قازا قىلىشى ئامېرىكا تارىخىدىكى ئۇنتۇلغۇسىز دەقىقە. ئۇ قەستكە ئۇچرىغاندىن كېيىن ئوستۋالد ئىسىملىك بىر گۇماندار قولغا ئېلىندى ھەمدە زۇڭتۇڭنى قەستلىگەن قاتىل دەپ ئەيىبلەندى. بىراق ئۇ ئۆزىنىڭ كېننىدىنى قەستلىگەنلىكىنى ئىنكار قىلدى. رەسىمدە ئوستۋالد قولغا ئېلىنغاندىن كېيىن تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا.

رەسىمدىكىسى قىستاڭچىلىققا تولغان ساقچى ئىدارىسى. بىر ئەر مەرگەن مىلتىقىنى ئېگىز كۆتۈرۈۋېلىپ، ئوستۋالدنىڭ زۇڭتۇڭنى ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنى ياللىغانلىقىنى ئېيتتى. 

زۇڭتۇڭ قەستكە ئۇچراپ 3-كۈنى قاتىل دەپ ئەيىبلەنگەن ئوستۋالد تۇيۇقسىز بىر مېھمانساراي خوجايىنى تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلدى. بۇ ۋاقىتتا مەزكۇر جىنايەت گۇماندارى تېخى تولۇق سوراق قىلىنمىغانىدى. ئوستۋالد جان ئۈزۈش ئالدىدا ئۆزىنىڭ پەقەت «قۇربانلىق قوي» ئىكەنلىكىنى ئېيتتى. رەسىمدە ئوستۋالدقا ئوق تەگكەندىن كېيىن نوسۇلكىغا سېلىنىپ ئېلىپ مېڭىلماقتا.

ئەينى ۋاقىتتا كېننېدى بىلەن ئۇنىڭ قاتىلى دەپ ئەيىبلەنگەن ئوستۋالد بىرلا ۋاقىتتا «دەۋر» ژۇرنىلىنىڭ مۇقاۋىسىگە بېسىلدى. ئۇنداقتا ئوستۋالد كېننېدىنى قەستلىگەن ھەقىقىي قاتىلمۇ؟

ئوستۋالد كىشىلەر تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن كېننىدىنىڭ زۇڭتۇڭلۇق ئورنىغان ۋارىسلىق قىلغان سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭ لىندون جونسون ئۆز قولى بىلەن بىر كومىتېت قۇرۇپ، كېننىدىنىڭ قەستكە ئۇچراش ۋەقەسىنى تەكشۈردى. رەسىمدە مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى كېننىدى قەستكە ئۇچرىغان نەخ مەيداننى قايتا تەكشۈرمەكتە.

رەسىمدە مەخسۇس تەكشۈرۈش كومىتېتى كېننىدىنىڭ باش قىسمىنىڭ يارا ئىزىنى ئانالىز قىلماقتا. مەخسۇس تەكشۈرۈش كومېتىتى 10 ئاي تەكشۈرگەندىن كېيىن پەقەت «ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا ئىككى نەپەر مەرگەن بولۇشى مۇمكىن، بىراق بۇنىمۇ جەزملەشتۈرگىلى بولمايدۇ» دېگەن يەكۈننى چىقاردى. مەزكۇر تەكشۈرۈش دوكلاتى كىشىلەرنىڭ گۇمانىنى يوقىتالمىدى. ئۇلار كېننىدىنىڭ زادى كىم تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنلىكىگە قارىتا ئېنىق جاۋابقا ئېرىشەلمىدى.

مىڭلىغان 10 مىڭلىغان كىشىلەر پارلامېنت بىناسىغا كېلىپ كېننىدى زۇڭتۇڭغا تەزىيە بىلدۈرۈپ، ئۆزىلىرىنىڭ قەلبىدىكى مەڭگۈلۈك زۇڭتۇڭنى ئەسلەشتى.

زۇڭتۇڭنىڭ جەسىتى ئاقسارايغا ئېلىپ بېرىلدى ھەمدە بۇ يەردە داغدۇغىلىق تەزىيە مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى. رەسىمدە كېننىدىنىڭ دەپنە مۇراسىمىدا ئۇنىڭ ئايالى كېننىدىنىڭ تاۋۇتىنى سۆيمەكتە. ئۇنىڭ يېنىدىكى تىزلىنىپ تۇرغىنى كېننىدىنىڭ قىزى كارولىن كېننىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号