باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8769يوللانما
424مەستانە

خۇراپىي كىشىلەر يىقىلىپ قازا قىلغان ئىشچىنىڭ جەسىتىنى بىنا ئىچىدىن يۆتكىگىلى قويمىدى

مەنبە:تېڭشۈن خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-21 16:03 0 ئىنكاس چۈشتى

«تېڭشۈن تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

20-فېۋرال، ۋۇخەن شەھىرى جياڭئەن رايونىدىكى مەلۇم بىر ئائىلىكلەر قوروسىدا بىر بېزەش ئىشچىسى 16-قەۋەتتىن 3-قەۋەتنىڭ بالكونىغا چۈشۈپ كېتىپ، بەختكە قارشى قازا قىلدى. بىراق جەسەتنى قانداق قىلىپ پەسكە ئېلىپ چۈشۈش كېرەك؟ بۇ مەسىلە نەق-مەيداندىكىلەرنىڭ غۇلغۇسىنى قوزغىدى. 

بىنادىن چۈشۈپ كەتكەن ئەر 50 نەچچە ياشلار ئەتراپىدا بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ بۇ يەرگە كېلىپ ئىشلىگەن تۇنجى كۈنى ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى دەرھال نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەن. شۇ يەردىكى كىشىلەرنىڭ دېيىشىچە، ئەر سىرلاش ئىشچىسى بولۇپ، ھاۋا تەڭشىگۈچ قويۇلغان جايدا شوتىدىن سىرنى ئالىمەن دەپ تەڭپۇڭلۇقىنى يوقىتىپ چۈشۈپ كەتكەن.

دەپنە ئىشلىرىنى باشقۇرۇش خادىملىرى نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، جەسەتنى بىناغا ئەكىرمەكچى بولغاندا، نەق مەيداندا تۇرغان ئۆي غوجايىنلىرى قارشى پىكىرنى ئوتتۇرىغا قويغان. مۇشۇ بىنادا ئولتۇرىدىغان 30-قەۋەتتىكى خانىمنىڭ مۇخبىرغا دېيىشچە، جەسەتنى قورۇنىڭ لىفىتىدىن، پەلەمپىيىدىن، ئاساسىي غول لىنيەلىرىدىن يۆتكىسە بولمايدىكەن. چۈنكى بۇنداق قىلىش شۇملۇقنىڭ بىشارىتىمىش. ھەتتا بەزى ئۆي ئىگىلىرى دەپنە ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ كارىۋاتنى كۆتۈرۈپ كىرىشىگىمۇ يول قويمىغان. ئەينى ۋاقىتتا نەق مەيداندا 20-30غا يېقىن كىشىلەرنىڭ ھەممىسى بۇنى شۇملۇقنىڭ بىشارىتى دەپ قارىغان. «گەرچە ئۆي ئىگىلىرى قوشۇلمىغان بولسىمۇ، بىراق نەق مەيداندا بۇ ئىش توغرىسدا توقۇنۇش يۈز بەرمىدى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى بۇ ئىشنى مەسىلھەتلەشتى» دېدى غوجىلىق باشقۇرۇش بۆلىمىنىڭ دىرېكتورى.

كۆپچىلىكنىڭ مەسىلىھەتلىشى ئارقىلىق، جەسەتنى بوشلۇقتىن چۈشۈرۈش قارار قىلىندى. بىراق ساقچىلار، دەپنە ئىشلىرى خادىملىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئەسلىھەلىرى بولمىغاچقا، ئامالسىزلىقتىن 119 دىن ياردەم تەلەپ قىلدى. جەسەتنىڭ سىيرىلىپ چۈشۈپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، خادىملار ئارغامچا بىلەن جەسەتنى چىگىپ، ئەرنى 1-قەۋەتتىكى يەرگە چۈشۈردى ۋە نەق مەيداندىكى جەسەت ماشىنىسنىڭ ئىچىگە سالدى. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号