باش بەت

saparkul

999يوللانما
1مەستانە

ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ: مانچېستېر شەھىرى 3:5 موناكو

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-22 11:26 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۈگۈن سەھەر ئۈرۈمچى ۋاقتى 1:45دە ئوينالغان ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا، مانچېستىر شەھىرى ئېتىھاد مەيدانىدا موناكو كوماندىسىنى كۈتۈۋالدى. بۇ مەيدان مۇسابىقىدە موناكو كوماندىسىدىن  فالكاۋ ئىككى توپ، مىباپپې بىر توپ ئۇردى. مانچېستېر شەھىرىدىن ئاگۈيرو ئىككى توپ، سىتىرلىڭ، سانې ۋە سىتونېسلار بىردىن توپ ئۇردى. ئاخىرىدا مانچېستېر شەھىرى ئۆز مەيدانىدا 3:5 نەتىجىدە موناكونى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 26-مىنۇتىدا، سانې سول يولدىن چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ پاس چىقاردى، سىتېرلىڭ توپ ئۇرۇپ نەتىجنى 0:1 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 32-مىنۇتىدا، مانچېستىر شەھىرى قاپقىچسى كابالېرو توپ باشلاشتا سەۋەنلىك سادىر قىلدى، فابىنھو توپنى ئۈزۈۋالغاندىن كېيىن ئوڭ يولدىن پاس چىقاردى، فالكاۋ كاللا توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ 40-مىنۇتىدا، موناكودىن مىباپپې چەكلەنگەن رايون ئىچىدە بىر توپ ئۇرۇپ كوماندىسىنى ئۈستۈنلۈككە ئېرىشتۈردى.

مۇسابىقىنىڭ 49-مىنۇتىدا، ئوتامېندى چەكلەنگەن رايون ئىچىدە فالكاۋنى يىقىتىۋەتكەچكە رېپىر نۇقتا توپ ھۆكۈم قىلدى، بىراق فالكاۋ تەپكەن نۇقتا توپنى كابالېرو توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 58-مىنۇتىدا سىتېرلىڭ پاس چىقىرىپ ئاگۈيرو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى قايتىدىن تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا لېمار ئارقا مەيداندىن ئۇزۇن پاس تاشلىدى، فالكاۋ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە سىتونېستىن ئۆتكەندىن كېيىن توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:2 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 71-مىنۇتىدا، داۋىد سىلۋا ئوڭ تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ باشلىدى، ئاگۈيرو توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. مۇسابىقىنىڭ 77-مىنۇتىدا، دېبرۇينى سول تەرەپتىن بۇلۇڭ توپ باشلىدى، سىتونېس توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:4 قىلىپ ئۆزگەرتتى. مۇسابىقىنىڭ 82-مىنۇتىدا، داۋىد سىلۋا چەكلەنگەن رايون ئىچىگە پاسلىدى، ئاگۈيرو توپنى ئالغاندىن كېيىن توغرىسىغا پاس چىقاردى، سانې توپ ئۇرۇپ نەتىجىنى 3:5 كقىلىپ مۇقىملىدى، ئاخىرىدا مانچېستىر شەھىرى ئۆز مەيدانىدا 3:5 نەتىجىدە موناكونى مەغلۇپ قىلدى. ئىككى تەرەپنىڭ ئىككىنچى ئۇچرىشىش مۇسابىقىسى ئۈرۈمچى ۋاقتى 3-ئاينىڭ 16-كۈنى سەھەر 1:45دە، «لۇئىس ئىككىنچى توپ مەيدانى»دا ئېلىپ بېرىلىدۇ.  

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号