باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2811يوللانما
8مەستانە

سەككىز ياشلىق قىزىنى يېرىم كېچىدە ۋوگزالغا تاشلاپ كەتكەن «تاشيۈرەك ئانا»

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-24 19:51 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: ھازىر «تاش يۈرەك ئاتا-ئانىلار» مۇ ئانچە ئاز ئەمەس، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىنىڭ توغرا ئىكەنلىكىگە قاتتىق ئىشىنىدۇ. بەزى ئاتا-ئانىلارنىڭ بىر قىسىم قىلمىشلىرى ئادەمنى راستىنلا ھەيران قالدۇرىدۇ. يېقىندا لىياڭجىياڭ يېڭى رايونى ج خ ئىدارىسى تارماق ئىدارىسى پويىز ئىستانسى شىمالى ۋوگزال ساقچىخانىسىنىڭ ساقچىلىرىمۇ دەل شۇنداق بىر تاشيۈرەك ئانىغا يولۇقۇپ قالدى.

ئالدىنقى كۈنى كەچ سائەت 10 لار ئەتراپىدا، ساقچىلار چارلاۋاتقاندا، شىمالى ۋوگزال سۇپىسىدا سەككىز ياشلار ئەتراپىدىكى بىر قىز ئۆزى يالغۇز ئولتۇراتتى، ئۇنىڭ يېنىغا يەنە ئۈچ سومكىمۇ قويۇلغان ئىدى. بۇ ئەھۋالنى كۆرگەن ساقچىلار بېرىپ قىزچاقتىن ئەھۋال ئىگىلىدى، ئىگىلىنىشىچە، قىزچاق شۇ كۈنى ئانىسى خۇاڭ خانىم بىلەن بىللە سىچۈەن ئۆلكىسى پەنجىخۇا شەھىرىدىن چۇڭچىڭغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، ئانىسى ئۇنى ۋوگزالغا تاشلاپ قويۇپ، ئۆزى ئاللىقاچان ئۆيىگە قايتىپ كەتكەن ئىدى. ساقچىلار قىزچاقنىڭ ئانىسى بىلەن ئالاقىلاشماقچى بولغاندا، قىزچاق:«ئانامغا تېلېفون قىلمىساڭلار قانداق، مەن ئۆيگە كېتەلەيمەن، ئانام مېنى چېنىقتۇرىۋاتىدۇ» دېدى.

بىراق ساقچىلار يەنىلا قىزچاقنىڭ ئانىسىغا تېلېفون بەردى. خۇاڭ خانىم تېلېفوندا مۇنداق دېدى، بىز پويىزدىن چۈشكەندىن كېيىن قىزىم گەپ ئاڭلىمىدى، شۇنىڭ بىلەن مەن ئۇنى ۋوگزالغا قويۇپ قويۇپ، ئۆزۈم ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. بالا بېقىش تولىمۇ تەس ئىش ئىكەن، قىزىمنىڭ غەرەز ئۇقمىغانلىقىغا قاراپ مەن ئۇنى ئۆزى يالغۇز قويۇپ قويسام ئازراق بولسىمۇ تەجىربە-ساۋاق يەكۈنلەرمىكىن، دېگەن ئىدىم.

ساقچىلار مۇنداق دېدى، بەلكىم بۇ قېتىملىق ئاگاھلاندۇرۇشتىن كېيىن، بالا راستىنلا ئۆزىنىڭ خاتا قىلغان يەرلىرىنى ھېس قىلغان بولۇشى مۇمكىن، بىراق بالا تەربىيلەش ئۇسۇلىدا يەنىلا ئاۋۋال بالىلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئويلاشمىساق بولمايدۇ. بالىلارنى تەربىيلەشنىڭ ئۇسۇللىرى كۆپ، بۇنداق ھەددىدىن ئاشقان ئۇسۇلنى تاللىساق بولمايدۇ. بىر تەرەپتىن يېرىم كېچىدە بالىنى يالغۇز تاشلاپ قويۇپ چېنىقتۇرۇش ئۇسۇلى تولىمۇ خەتەرلىك، يەنە بىر تەرەپتىن ئانىسى بالىسىنى تاشلاپ كەتسە، ئەمدىلا سەككىز ياشقا كىرگەن قىز بالىنىڭ قەلبىگە يارا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. بالىنى تەربىيلەش بىلەن بىرگە چوقۇم ئۇنىڭ جىسمانىي-روھى ساغلاملىقىغىمۇ كۆڭۈل بۆلۈش كېرەك ئەمەسمۇ، بالىلار بىلەن يېقىن مۇناسىۋەت ئورنىتىش كېرەك ئەمەسمۇ.

ئاخىرىدا ساقچىلارنىڭ چۈشەندۈرۈشى ۋە نەسىھەت قىلىشى ئارقىسىدا، خۇاڭ خانىم ئىنىسىنى ئەۋەتىپ قىزىنى ئېلىپ كەتتى.

مۇتەخەسسىلەر بۇنىڭغا قارىتا مۇنداق دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى، تاشيۈرەكلىك قىلىپ بالا تەربىيلەش ئۇسۇلى بالىلارغا پايدىسىزدۇر. ئادەتتە جاھىل بالىلارغا قارىتا تاشيۈرەكلىك ئۇسۇلى ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى مۇمكىن، چۈنكى ئۇنداق قىلغاندا بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى كۈچىيىپ كېتىدۇ، بالا چوڭ بولغاندىن كېيىن كۆڭلىدە ئاتا-ئانىسىدىن نارازى بولۇپ قېلىشىمۇ مۇمكىن.


باش سۈرەت تاللاش x
  • دىلبەر3 ئاي ئىلگىرى

    بۇنداق بالا تەربىلەش ئۇسۇلى تۇپتىن خاتا بۇنداق تەنبىھ بەرگەن بالا كەلگۇسىدە قاراقۇساق كۇڭلى قارا باشقىلارغا ياردەم قىلىشنى خالىمايدىغان بۇلىشى مۇمكىن

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号