باش بەت

يەھياجان ئىبراھىم

2698يوللانما
3مەستانە

توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان پۇل تېپىپ، پۇل خەجلەش ھوقۇقى يوق ئەر

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-24 20:05 1 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 2-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چاغانلىق دەم ئېلىش ئاللىقاچان ئاخىرلاشتى، خېلى كۆپ ئىشچىلارمۇ قايتىدىن ئىشقا كىرىشىپ كەتتى، بىراق فېيدۇڭ ناھىيىسى جۇڭشىڭ يېزىسىدىكى قۇرۇلۇش ىشچىسى ۋاڭ سەيفا ئىسىملىك ئەر يەنىلا ئۆيىدە ئولتۇرۇپ ئىش مەيدانىغا بارمىغان ئىدى. ۋاڭ سەيفانىڭ دېيىشىچە، بىر يىل ئالدىراش ئىشلىگەن بولسىمۇ، بىراق تاپقان پۇلىدىن بىر پۇڭنىمۇ تۈزۈكرەك تۇتماي تۇرۇپ، پۇلنىڭ ھەممىسىنى خوتۇنى ئېلىۋاپتۇ. توي قىلغان يەتتە يىلدىن بۇيان، ئائىلىدە ئايالى مالىيە ھوقۇقىنى ئۆزى يالغۇز باشقۇرۇپ كېلىۋاتقان بولۇپ، ئادەتتە ۋاڭ سەيفانىڭ ئايالىدىن پارچە پۇل سوراپ خەجلىشىمۇ بەكلا تەس ئىكەن. پەقەت پۇل تېپىپ، پۇل خەجلەش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلىنغان ۋاڭ سەيفا بۇ دەرتنى قورسىقىغا پاتۇرالماي، بۈگۈنكى كۈنلۈككە كەلگەندە بولدى پۇلنىمۇ تاپماپتىمەن، دېگەن نىيەتكە كەلگەن ئىدى.

بۇ يىل 36 ياشقا كىرگەن ۋاڭ سەيفا قۇرۇلۇش ئىشچىسى بولۇپ، ئادەتتە خېفېي شەھىرىدە ئىشچىلىق قىلاتتى، چاغاننىڭ ئالدىدا، ۋاڭ سەيفا ئايالى بىلەن مەسلىھەتلىشىپ ئانىسىنى يوقلاپ كەلمەكچى بولغان، بىراق بۇ پىكىرگە ئايالى قوشۇلمىغان. ۋاڭ سەيفانىڭ دادىسى ئالدىنقى يىلى كېسەل بىلەن قازا قىلغان بولۇپ، ئۇ چاغاندا ئانىسىنىڭ يالغۇزسىراپ قېلىشىدىن ئەنسىرىگەن ئىدى. چاغاننىڭ 2-كۈنى ۋاڭ سەيفا ئايالىنىڭ قارشى تۇرغىنىغا قارىماي، ئۇرۇق-تۇغقىنىنىڭ ماشىنىسىغا چىقىۋېلىپ، ئۆزى يالغۇز ئانىسىنى يوقلاپ ماڭدى.

ئەسلىدە ئۆي ئىچىدىكى بۇ ئىشنى سىرىتتىكىلەرگە دەپ يۈرۈشمۇ ئەپسىز ئىدى، بىراق بۇ ئائىلىنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋىرى بار قوشنىلارمۇ ۋاڭ سەيفانىڭ ئۇۋالچىلىقىدىن نارازى بولۇپ قېلىشقان ئىدى.

ۋاڭ سەيفا مۇنداق دېدى، ئەمەلىيەتتە مەن شەھەرگە كىرىپ خېلى ياخشى كىرىم قىلالايمەن، بىر يىلدا 40 مىڭ يۈەن كىرىم قىلىشىمدا گەپ يوق، بىراق مەن توي قىلغاندىن بۇيان، بۇ پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئايالىم بىر پۇڭمۇ قويماي ئېلىۋالىدىغان بولىۋالدى.

ۋاڭ سەيفا يەنە مۇنداق دېدى، ئايالىم كىچىك ۋاقتىدا بالىلار مېڭە پارالىچ كېسىلىگە گىرىپتار بولۇپ قاپتىكەن، شۇڭلاشقا پۇتى ئانچە قولاشمايدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن تۇرمۇشتا مەن ئىزچىل ئۇنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىپ كېلىۋاتىمەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە مېنىڭ خىزمىتىمنى ئايالىمنىڭ تاغىسى تونۇشتۇرغان، شۇ سەۋەبتىن توي قىلغاندىن بۇيان تاپقان پۇللارنىڭ ھەممىسىنى ئايالىم باشقۇرۇپ كەلدى.

يۇرتىغا قايتىپ ئانىسىنى يوقلاش ئۈچۈن، ۋاڭ سەيفا چاغاندا ئايالى بىلەن خاپا بولۇشۇپ قالدى ھەم شۇ پېتى ئالاقىلاشمىدى، چاغاننىڭ 7-كۈنى ئايالىنىڭ تاغىسى ۋاڭ سەيفاغا تېلېفون قىلىپ، ئىش ئورنىغا قايتىشنى ئۇقتۇردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇ خېفېي شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ كەلدى. بىراق ئويلىمىغان يەردىن ئايالى ئۆينىڭ قۇلۇپىنى ئالماشتۇرىۋەتكەن بولۇپ، ئۇنىڭ كىرىشىنى رەت قىلدى.

ئاچچىقىغا پايلىمىغان ۋاڭ سەيفا ئارقىغا يېنىپ يۇرتىغا، ئانىسىنىڭ قېشىغا كەتتى ۋە شۇ پېتى ئىش ئورنىغىمۇ بارمىدى.

كونىلاردا بىر گەز مۇز بىر كۈندە تۇتمايدۇ، دېگەن گەپ بار، ھازىرقى سوغۇق مۇناسىۋەتتە، ۋاڭ سەيفا تاراتقۇلار ئارقىلىق ئايالى بىلەن ياراشماقچى بولدى ھەمدە ئائىلىدە ئىقتىسادقا ئارلىشىش ھوقۇقىغا ئېرىشمەكچى بولدى. 2-ئاينىڭ 17-كۈنى چۈشتىن كېيىن، ۋاڭ سەيفا شىمالى ئىككىنچى ئايلانما ئەتراپىدىكى بىر كىيىم تىكىش زاۋۇتىدىن ئايالىنى تاپتى. بۇ چاغدا ئەر-خوتۇننىڭ كۆرۈشمىگىنىگە 20 كۈندىن ئېشىپ قالغان ئىدى، بىراق ئايال ۋاڭ سەيفانى كۆرۈپلا قاقشاشقا باشلىدى ۋە ئۆيگە نېمە دەپ كەلدىڭ، دېدى.

ۋاڭ سەيفانىڭ ئايالى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى، مېنىڭ ئۇنىڭ يۇرتىغا قايتىپ ئانىسىنى كۆرۈشىگە قوشۇلماسلىقىمدا سەۋەب بار ئىدى. چۈنكى چوڭ ئۆينىڭ ئاشلىق تولۇقلىما پۇلىنى ۋاڭ سەيفانىڭ ئانىسى ئېلىۋالغان ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدە تۆت مو يەرنىڭ ئاشلىق تولۇقلىما پۇلى ئەسلىدە ئەر-ئايال ئىككىمىزگە تەۋە بولۇشى كېرەك ئىدى. شۇڭلاشقا مەن ۋاڭ سەيفادىن شۇ پۇلنى قايتۇرۇپ كېلىشنى تەلەپ قىلغان بولساممۇ، ئۇ ئۇنىماي قويدى، شۇنىڭ بىلەن مېنىڭمۇ خۇيۇم تۇتتى.

ئايالىنىڭ بۇنداق جاھىللىقىنى كۆرگەن ۋاڭ سەيفا نېمە دېيىشىنى بىلەلمەي قالدى، بىراق ئۇ يەنىلا غەيرەتكە كېلىپ، كۈندىلىك خىراجەتكە پۇل بېرىش ئىشىنى تىلغا ئالدى، بىراق يەنىلا ئايالىنىڭ رەت قىلىشىغا ئۇچرىدى.

ئۇنىڭ ئايالىنىڭ قارىشىچە، ئەر-ئايالنىڭ بىر نەچچە ئېغىز تاكاللىشىپ قېلىشى نورمال ئىش، بىراق ۋاڭ سەيفا تۇيۇقسىز ئائىلىدە ئىقتىسادقا ئارىلىشىش تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويسا، بۇ ئۇنداق ئاسانلا قوشۇلىدىغان كىچىك ئىش ئەمەس. شۇڭلاشقا ئۇ تاغىسى ۋە دادىسىغا تېلېفون قىلىپ، ۋاڭ سەيفا ئائىلىدە ئىقتىسادقا ئارلىشىش ھوقۇقىنىڭ بار ياكى يوقلۇق مەسىلىسىنى يەنىلا ئىككى تەرەپنىڭ چوڭلىرى بار يەردە مەسلىھەتلەشمەكچى بولدى.

يولدىشىنىڭ پۇل خەجلەش ئىشلىرىنى كونتىرول قىلىۋالغان بۇ ئىشقا قارىتا، ئادۋوكاتلار مۇنداق دەپ مەسلىھەت كۆرسەتتى، بۇ ئېنىقلا ئائىلە زوراۋانلىقىغا كىرىدۇ. ۋاڭ سەيفا بۇرۇن ئەر-ئايالنىڭ ئورتاق مۈلكىدىن 2000 يۈەن چىقىرىپ ئانىسىغا بېرىشنى ئويلاشقان، بۇ مەيلى ئادىمىيلىك نۇقتىسىدىن ياكى قانۇن نۇقتىسىدىن ئېلىپ ئېيتقاندىمۇ ئەقىلگە سىغىدىغان ئىش ئىدى.


باش سۈرەت تاللاش x
  • جاھان كەزدى3 ئاي ئىلگىرى

    گەپ بۇ ئاداشنىڭ ئۇزىدىكە ، بۇنى خۇتۇندىن قوقۇشنىڭ يۇقىرى پەللىسى دەيمىز

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号