باش بەت

رۇشەن

2676يوللانما
109مەستانە

بۇلغانغان گانگې دەرياسىدىن مېتال پۇل سۈزۈپ ئائىلىسىنى قامدايدىغان ھىندىستان ئۆسمۈرلىرى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-26 11:40 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كالكۇتتا ھىندىستاننىڭ غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ مەركىزى، سۈرەتتە بىر ئوغۇل بالىنىڭ ئاغزىدا لىققىدە تەڭگە تۇرىدۇ، مۇشۇنداق كۆرۈنۈشنىڭ بارلىققا كېلىشىگە زادى نېمە تۈرتكە بولدى؟

مۇشۇنداق ئاغزىدا تەڭگە چىشلەپ تۇرىدىغان ئۆسمۈرلەر ھىندىستاندا يالغۇز بىرلا ئەمەس، ھىندىستاننىڭ كالكۇتتادا ئاز دېگەندە 100چە ئوغۇل بالا بار بولۇپ، ئۇلار مۇخلىسلار گانگې دەرياسىغا تاشلىغان مېتال پۇللارنى سۈزۈش ئارقىلىق تۇرمۇش كەچۈرىدۇ.

بۇ يەردىكى گانگې دەرياسى شۇ جايدىكى ياكى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلارنىڭ نەزەرىدە بىر مۇقەددەس دەريا دەپ قارىلىدۇ، بۇ ئۇلارنىڭ ئېتىقادى، شۇنداقتىمۇ، بۇنداق مۇقەددەس دەريا ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان بولۇپ، بۇ سۈرەتتىن ھازىرقى گانگې دەرياسىنىڭ «ئېچىنىشلىق ئەھۋالى»نى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.

لېكىن يەنىلا بىرمۇنچە بۇددىزم مۇرتلىرى بۇ دەرياغا تەڭگە تاشلايدۇ، شۇ جايدىكى كۆپ قىسىم ئوغۇل بالىلار ھەر كۈنى ئېغىر دەرىجىدە بۇلغانغان گانگې دەرياسىغا سەكرەپ چۈشۈپ، بۇددىزم مۇرتلىرى دەريا ئىچىگە چاچقان تەڭگە پۇللارنى يىغىدۇ. سۈرەتتە: بىر ئوغۇل بالا ھازىر مۇقەددەس دەريا ئىچىدىن نەرسە سۈزۈۋاتىدۇ.

بۇ ئاللىقاچان ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنىڭ بىر قىسىمىغا ئايلانغان، ئۇلار كۈنىگە 1 ئامېرىكا دوللىرىدىن 10 ئامېرىكا دوللىرىغىچىلىك تەڭگە پۇل يىغالايدۇ، بۇ ئارقىلىق بىر ئائىلىنىڭ چىقىملىرىنى قامدايدۇ. سۈرەتتىكى بۇ ئوغۇل بالا ھازىر بۈگۈنكى ھوسۇلىنى ساناۋاتىدۇ، بۇ خېلىلا يامان ئەمەس كىرىم بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

بۇنداق قىلىش ھەتتا بۇ يەردىكى نۇرغۇن ئائىلىلەرنىڭ بىردىنبىر كىرىم مەنبەسى بولۇپ قالغان. بۇنداق تۇرمۇشنى «قانچىلىك دەرىجىدە ياخشى بولماقچى ئىدى؟» دېمەي تۇرالمايمىز، بالىلار ئەسلىدە كەلگۈسى تۇرمۇشقا قارىتا گۈزەل ئارزۇلارغا تولغان بولۇشى كېرەك ئىدى، شۇنداقتىمۇ ياشاش مۇھىتى ئۇلارنىڭ كېيىنكى يولىنى بەلگىلەپ قويدى، بۇنداق ئەھۋال ئادەمنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号