باش بەت

ئوغلان0996

3020يوللانما
23مەستانە

پىۋىنى كۆپ ئىچىشنىڭ سالامەتلىككە زادى قانداق زىيىنى بار؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-26 22:05 0 ئىنكاس چۈشتى

پىۋا ئاساسلىقى ئارپا ئۈندۈرمىسى، گۈرۈچ، خىمىگۈل، پىۋا ئېچىتقۇسى ۋە ئېچىتىلغان سۇنى خام ئەشيا قىلىدۇ. پىۋىنىڭ تەركىبىدە مول قەنتلەر، ۋىتامىن، ئامىنو كىسلاتاسى، كالىي، كالتسىي، ماگنىي قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار بولغاچقا، پىۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلغاندا سالامەتلىكى مەلۇم دەرىجىدە پايدىلىق رولى بولىدۇ. پىۋىنىڭ باشقا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرگە سېلىشتۇرغاندا ئىسپىرت مىقدارى تۆۋەن سۇ مىقدارى يۇقىرى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكى بولغانلىقى ئۈچۈن، ياز كۈنلىرى پىۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېستىمال قىلىپ بەرگەندە، ئۇسسۇزلۇقنى قاندۇرۇش رولىنى ئوينايدۇ. شۇنىڭ بىلەن ببر ۋاقىتتا،پىۋا تەركىبىدىكى ئورگانىك كىسلاتالار يەنە روھىي كەيپىياتنى جانلاندۇرۇش، زىيادە ھاياجانلىنىشنى يېنىكلىتىش، مۇسكۇللارنىڭ بوشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، نېرۋىنى غىدىقلاپ، ھەزىم قىلىشنى ياخشىلاش رولىنى ئوينايدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، پىۋا تەركىبىدىكى ناترىي، ئىسپىرت، يادرو كىسلاتاسى قاتارلىقلار چوڭ مېڭىنىڭ قان بىلەن تەمىنلىنىشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ، تاجىسىمان ئارتېرىيەلەرنى كېڭەيتىپ،بۆرەكنى يېتەرلىك قان سۇيۇقلۇقى بىلەن تەمىنلەپ بېرىش ئارقىلىق، بەدەننىڭ مېتابولىزىم ھەرىكىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش رولىنى ئوينايدۇ. پىۋىنىڭ يەنە كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولى بار بولۇپ، تەتقىقاتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، دائىم مۇۋاپىق مىقداردا پىۋا ئىستىمال قىلىپ بېرىدىغان كىشىلەرنىڭ پىۋىنى پەقەت ئىچمەيدىغان ياكى پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچىدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، يۈرەك كېسىلى ۋە ياللۇغلىنىش كېسىلىگە گىرىپتار بولۇش نىسبىتى تۆۋەنرەك بولىدىكەن. ئۇنىڭدىن باشقا، پىۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچىپ بەرگەندە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە باشقا ئەگەشمە كېسەللىكلەرنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينايدىكەن.

گەرچە پىۋىنىڭ تەركىبىدە ئىسپىرت مىقدارى يۇقىرى بولمىسىمۇ، بىراق پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچىش جىگەرنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋېتىپ، جىگەر توقۇلمىلىرىنى بىۋاسىتە زىيانغا ئۇچرىتىدۇ ھەم يۈرەك مۇسكۇل ئىقتىدارىنىڭ تۆۋەنلەپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئەگەر پىۋىنى ئۇزۇن مەزگىل زىيادە كۆپ ئىچكەندە زېھنىي كۈچى زەئىپلىشىش، يۈرەك رېتىمى قالايمىقانلىشىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، تەتقىقاتلاردىن ئىسپاتلىنىشچە، پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە يۇقىرى قان بېسىمى ۋە يۈرەك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئالالماي قالماستىن، ئەكسىچە ئارتېرىيە قان تومۇرلىرىنىڭ قېتىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۈرەك كېسىلى ۋە جىگەر كېسىلى قاتارلىق كېسەللەرنىڭ قوزغىلىپ تەرەققىي قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچكەندە ئاشقازان شىللىق پەردىسىنى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىپ،ئاشقازان ياللۇغى ۋە ئاشقازان يارىسىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئىشتىھاسىزلىق، قورساق كۆپۈش، كېكىرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى پەيدا قىلىدۇ، ھەممىمىزگە مەلۇم، نۇرغۇن كىشىلەر ياز كۈنلىرى مۇزدەك سوغۇق پىۋا ئىچىشنى ياخشى كۆرىدۇ، بىراق سوغۇق پىۋا ئاشقازان ۋە ئۈچەي يوللىرىنىڭ تېمپېراتۇرىسىنى تۆۋەنلىتىدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاشقازان ئۈچەي يوللىرىگە قان تومۇرلار تارىيىپ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە پىۋىنىڭ تەركىبىدىكى ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولغاچقا، ھاسىل قىلىدىغان ئىسسىقلىق مىقدارىمۇ يۇقىرى، تەركىبىدىكى كۆپ قىسىم ماددىلار ئاساسەن بەدەنگە سۈمۈرۈلۈپ كېتىدۇ، پىۋىنى ئۇزۇن مەزگىل كۆپ مىقداردا ئىچكەندە، بەدەندە ياغلارنىڭ يىغىلىپ قېلىشى نەتىجىسىدە كىشىلەردە ئاسانلا يوغان قورساق بولۇپ قېلىشتەك بىنورمال ئەھۋاللار كۆرۈلىدۇ. ئالاقىدار ماتېرىياللاردىن مەلۇم بولۇشىچە،  يىگىلەش خاراكتېرلىك ئاشقازان ياللۇغى،سۈيدۈك ئاجرىتىپ چىقىرىش سىستېمىسىدا تاش پەيدا بولۇپ قالغان بىمارلار پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچسە كونا كېسەلنىڭ قايتا قوزغىلىشى ياكى كېسەللىك ئەھۋالنىڭ تېخىمۇ ئېغىرلاپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن. چۈنكى، ئىچىدىغان پىۋا تەركىبىدىكى ئارپا ئۈندۈرمىسىدە كالتسىي، چۆپ كىسلاتاسى، نوكلىئوتىد ۋە پۇرىن نوكلىئوتىد قاتارلىقلار بولغاچقا، ئۇلارنىڭ ئۆزارا تەسىرلىشىشى نەتىجىسىدە، بەدەندىكى سۈيدۈك كىسلاتاسىنىڭ مىقدارى بىر ھەسسە كۆپىيىپ، ئۆت ۋە بۆرەك قاتارلىق ئەزالاردا تاش پەيدا بولۇش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرىلىتىۋېتىدۇ. شۇنىڭدەك يەللىك بوغۇم ئاغرىقىنى پەيدا قىلىدۇ. يۇقىرىقىلاردىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، گەرچە پىۋىنى مۇۋاپىق مىقداردا ئىچكەندە كېسەللەرنىڭ مۇئەييەن دەرىجىدە ئالدىنى ئېلىش رولىنى ئوينىسىمۇ، بىراق زىيادە كۆپ ئىچكەندە ئەكسىچە ئۈنۈم بېرىپ كىشىلەرنىڭ ساغلاملىقىغا زىيان سالىدۇ. 

ئاۋسترالىيە ئالىملىرىنىڭ بىر تۈرلۈك تەكشۈرۈش تەتقىق قىلىش نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، ھەر كۈنى 5 لىتىردىن ئارتۇق پىۋا ئىچىدىغان كىشىلەر پىۋا ئىچمەيدىغان كىشىلەرگە قارىغاندا، تۈز ئۈچەي راكىغا تېخىمۇ ئاسان گىرىپتار بولۇپ قالىدىكەن.

پىۋا ئادەتتە تۆۋەندىكى كىشىلەر توپىغا ماس كەلمەيدۇ، يەنە ھەزىم قىلىش يولى كېسەللىكلىرى، مەسىلەن ئاشقازان ياللۇغى، ئاشقازان يارىسى، بوغماق ئۈچەي ياللۇغىغا گىرىپتار بولغانلار، ئۇنىڭدىن باشقا سوزۇلما ھەم ئۆتكۈر جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار. ئەگەر جىگەر كېسىلىگە گىرىپتار بولغان كىشىلەر پىۋىنى زىيادە كۆپ مىقداردا ئىچسە جىگەرنىڭ فۇنكىسىيىسى مۇكەممەل بولماسلىق سەۋەبىدىن، جىگەرنىڭ زەھەرنى قايتۇرۇش ئىقتىدارى تۆۋەنلەپ كېتىپ، ئاسانلا ئىسپىرتتىن زەھەرلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ ھەم جىگەر ھۈجەيرىلىرىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، پىۋا يەنە مېڭە قان تومۇر كېسىلىگە گىرىپتار بولغانلار، ھامىلدار ئاياللار، بالىلار، ياشانغانلار ۋە تېنى ئاجىز كىشىلەرنىڭ ئىچىگە ماس كەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن ئادەتتە بۇ خىل كىشىلەر توپىنىڭ پىۋىنى كۆپ ئىچىشنى نازارەت قىلىشى كېرەك.

ئادەتتە پىۋا ئىستېمال قىلغاندا تۆۋەندىكى نۇقتىلارغا دىققەت قىلىش كېرەك: پىۋىنى زىيادە كۆپ ئىچمەسلىك، پىۋىنى دورا بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولمايدۇ، پىۋىنى تۇزغا چىلانغان يېمەكلىكلەر بىلەن قوشۇپ ئىچىشكە بولمايدۇ، قاتتىق تەرلىگەن ۋاقىتتا پىۋا ئىچىشكە بولمايدۇ، ئۇزۇن مۇددەت تۇرۇپ قالغان پىۋىنى ئىچىشكە بولمايدۇ، توڭلىتىلغان پىۋىنى ئىچىشكە بولمايدۇ.

ئاپتور: ھۆسىناجى ئابدۇرېھىم

ئاتۇش شەھەر ئۈستۈن ئاتۇش بازار قايراق ئوتتۇرا مەكتەپتىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号