باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

8742يوللانما
417مەستانە

«تىتانىك ناملىق پاراخوت»تىكى ئېكسپېدىتسىيىچى 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-27 15:28 0 ئىنكاس چۈشتى

«سىنا تاماشا تورى» 27-فېۋرال خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەر ئارتىسى بېل پاشتون ئوپېراتسىيەدىن كېيىنكى كېسەل قايتا قوزغىلىش سەۋەبىدىن 25-فېۋرال 61 يېشىدا ئالەمدىن ئۆتتى. بېل پاشتون ئىلگىرى «تىتانىك ناملىق پاراخوت»، «قارا قويۇن» قاتارلىق كىشىلەرگە ئىنتايىن تونۇشلۇق كىلاسسىك كىنولاردا رول ئالغان. ئۇ داڭلىق رېژىسسور جەمېس كامېروننىڭ ئەڭ ئامراق «سەركەردىسى».

بېل پاشتون 1955-يىل 17-ماي تۇغۇلغان. ئۇ كامېرون بىلەن 1984-يىلدىكى «ئاخىرلاشتۇرغۇچى» ناملىق كىنودىن باشلاپ ھەمكارلاشقان. ئارقىدىن «غەيرىي شەكىل» (异形)، «ھەقىقىي يالغان سۆز» (真实的谎言)، «تىتانىك ناملىق پاراخوت» قاتارلىق فىلىملەردە ئاساسەن دېگۈدەك قوشۇمچە رول ئالغان. 

بېل پاشتوننىڭ كىنو ئېكرانىدىكى ۋەكىللىك ئەسەرلىرىدىن يەنە «Apollo 13» ھەمدە 1996-يىلدىكى ئاپەتلىك فىلىم «قارا قويۇن» قاتارلىقلار بار. 

رول ئېلىشتىن باشقا يەنە بېل پاشتون بىر قىسىم كىنولارغا رېژىسسورلۇق قىلغان. مەسىلەن مەس ماككونا باش رول ئالغان 2001-يىلدىكى «Frailty» شيا لابېئوف باش رول ئالغان «The Greatest Game Ever Played» قاتارلىقلار. 

پاشتوننىڭ ھايات ۋاقىتدىكى ئەڭ ئاخىرقى چوڭ ئەسىرى بولسا، بۇ يىلقى «The Circle» بولۇپ، بۇنىڭدا ئېمما ۋاتسون بىلەن تام خەنكىس باش رول ئالغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号