باش بەت

نۇسرەتگۈل

7737يوللانما
110مەستانە

مال-مۈلۈكى ئۆزىگە دۈشمەن بولغان داڭلىق بايۋەتچىلەرنىڭ قەستكە ئۇچراش جەريانى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-27 17:13 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

2016-يىلى 7-ئاينىڭ 14-كۈنى، ھىندىستاننىڭ پىمپرى شەھىرىدە تۇرىدىغان 48 ياشلىق بايۋەتچە پۇگې بىلەن 22 ياشلىق ئوغلى مەلۇم بىرەيلەننىڭ تۇغۇلغان كۈن ئولتۇرۇشىغا قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىنغان. ئۇلار ماشىنىسىنى ھەيدەپ ئولتۇرۇش ئۆتكۈزۈلىدىغان ئورۇنغا كەلگەندە بىرەيلەن پۇگېنى ماشىنا ئىچىدىن تارتىپ چىقارغان ھەمدە باشقا 12 جىنايەت گۇماندارىنى ئۇنى ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇغان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن، ساقچىلار 5 جىنايەت گۇماندارىنى قولغا چۈشۈرگەن بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرەيلەننىڭ پۇگېنىڭ جيەنى ئىكەنلىكىنى ئېنىقلانغان. سۈرەتتە، 7 كىلوگرام ئېغىرلىقتىكى ئالتۇن كۆڭلەك كىيىۋالغان پۇگې.

2014-يىلى 8-ئاينىڭ 18-كۈنى، ئومۇمىي مال-مۈلۈكى بىر مىليارد يېڭى تەيۋەن پۇلىدىن ئاشىدىغان تەيۋەن ئويۇنچۇق ماگناتى شى جياجىن ئامېرىكىدىن تەيۋەنگە قايتقاندا، شوپۇرى شيې يۈەنشىن ۋە باشقا 3 ئادەمنىڭ بۇلاڭچىلىقىغا ئۇچرىغان. 24-چېسلا كەچتە، ئۇنىڭ جەسىتى تەينەن شەھىرىدىكى كونا مېۋىلىك باغدىن تېپىلغان بولۇپ، ئەينى ۋاقىتتا ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ 28 يېرىدىن پىچاق ئىزى بايقالغان. شيې يۈەنشىن تايلاندتا قولغا چۈشۈرۈلۈپ تەيۋەنگە قايتۇرۇپ كېلىنگەن ھەمدە ساقچىلاردىن ئۆزىگە ئۆلۈم جازاسى بېرىشنى تەلەپ قىلغان. سولدىكى سۈرەتتىكى شى جياجىن، ئوڭ تەرەپتىكىسى شيې يۈەنشىن.

2013-يىلى 6-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەندە شياڭگاڭنىڭ چۈەنۋەن مەيدانىدىكى ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا خۇاماۋ گوروھىنىڭ رەئىسى گوڭ رېنشىننىڭ ئوغلى قاتتىق ئۇرۇلغان. ھادىسە يۈز بەرگەندىن كېيىن ساقچىلار 8 جىنايەت گۇماندارى بىلەن 7 كىشىلىك ماشنىدىن بىرنى قولغا چۈشۈرگەن. سوت جەريانىدا، جىنايەت گۇماندارلىرى ئۆزلىرىنىڭ بۇ ئىشنى قەستەن قىلغانلىقىنى ئىقرار قىلغان. 

2012-يىلى 7-ئاينىڭ 19-كۈنى سەھەردە، باۋكاڭ گوروھىنىڭ باش مۇدىرى يىڭ چوڭجياڭ جېجياڭ ئۆلكىسى يوڭكاڭ شەھىرىدىكى داچىسىدا بۇلاڭچىلىققا ئۇچراپ ئۆلتۈرۈلگەن. بۇ دېلو 7-ئاينىڭ 31-كۈنى پاش قىلىنغان. قاتىل مېڭ شىجيې ئىلگىرى يىڭ چوڭجياڭنىڭ كۆپ قېتىم ياخشىلىق قىلىشىغا ئېرىشكەن. بىراق، ئۇ خىزمەت تاپالمىغاندىن كېيىن يىڭ چوڭجياڭنى ئۆزىگە ياردەم قىلماپتۇ دەپ قاراپ، ئۇنىڭ ئۆيىنى بۇلاش قارارىغا كەلگەن. 

2009-يىلى 2-ئاينىڭ 23-كۈنى، خۇبېي ئۆلكىسى شىيەن شىڭلى ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋە باش دېرىكتورى شېن تيەنجىگە ئىلگىرىكى دوستى ۋە خىزمەتدىشى جېڭ خۇاجياڭ ئۆز ئىشخانىسىدا پىچاق تىقىۋەتكەندىن كېيىن قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلغان. 

2012-يىلى 3-ئاينىڭ 20-كۈنى، لوندوننىڭ شەرقىدىكى پۇل-مۇئامىلە مەركىزىنىڭ يېقىن ئەتراپىغا جايلاشقان ئالىي دەرىجىلىك تۇرالغۇدا تولىمۇ ئېچىنىشلىق بىر دېلو  يۈز بەرگەن بولۇپ، ھادىسىدە ئەنگىلىيەدە تۇرۇشلۇق رۇسىيەلىك بانكېر گېلمان گوربېنزوۋغا 6 پاي ئوق تېگىپ، مۆجىزىلەرچە ھايات قالغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号