باش بەت

نۇسرەتگۈل

7790يوللانما
112مەستانە

«ھوقۇق ئۇرۇشى» دا رول ئالغان ئەنگىلىيەلىك ئەڭ ئېگىز ئادەم 36 يېشىدا قازا قىلدى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-02-28 13:06 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيەدىكى ئەڭ ئېگىز ئادەم نېيل فىنگلتون 2-ئاينىڭ 25-كۈنى 36 يېشىدا قازا قىلغان. ئۇنىڭ بوي ئېگىزلىكى 2.33 مېتىر كېلىدىغان بولۇپ، يۈرەك زەئىپلىشىش ئۇنى ھاياتىدىن ئايرىغان ئاساسلىق سەۋەب بولۇپ قالغان.

نېيل ئەنگىلىيەنىڭ دۇرھام ئوبلاستىدا تۇغۇلغان بولۇپ، 16 ياش ۋاقتىدا بويىنىڭ ئېگىزلىكى 2.26 مېتىرغا يەتكەن. يېنىدىكىسى ئۇنىڭ 15 ياشلىق ساۋاقدىشى.

نېيل 18 ياشقا كىرگەندە بويى ئۆسۈشتىن توختىغان. 

2007-يىلى نېيل جىننېس دۇنيا رېكورتىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەنگىلىيە، ھەتتا پۈتكۈل ياۋروپا بويىچە بويى ئەڭ ئېگىز ئادەم بولۇپ قالغان. ئۇ ۋاقىتتا، نېيل يەنە دۇنيا بويىچە ئەڭ ئېگىز 25 ئادەمنىڭ بىرى بولغان.

نېيل شىمالىي كارولىنا ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇغان بولۇپ، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن ۋاسكېتبول كوماندىسىغا قاتنىشىپ زور ئۇتۇقلارنى قولغا كەلتۈرگەن.

ۋاسكېتبول ساھەسىدىن ئايرىلغاندىن كېيىن، نېيل نۇرغۇن فىلىملەردە گىگانت ئادەم رولىنى ئالغان بولۇپ، بۇلارنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ داڭلىقى «ھوقۇق ئۇرۇشى» فىلىمى ئىدى. بۇلاردىن باشقا، ئۇ يەنە ئىلمىي فانتازىيەلىك فىلىم «سىرلىق دوكتۇر» (神秘的博士) ۋە «X جەڭچى» (X战警) قاتارلىقلاردا رول ئالغان.

نېيل: «كىشىلەر ئېگىز ئادەملەرنىڭ ھەرىكەت قىلىشى قولايسىز بولىدۇ دېيىشىدۇ. بىراق، مەن ئەزەلدىن ئۇ تەرەپلەردە قىيىنچىلىققا ئۇچراپ باقمىدىم. مېنىڭچە ئېگىز بولۇش بىر خىل ئۇلۇغلۇق» دېگەن. يېنىدىكىسى ئەنگىلىيە بويىچە ئەڭ پاكار ئەر جەيمېس.

نېيلنىڭ تۇيۇقسىز قازا قىلىشى ئۇنىڭ دوستلىرى ۋە مەستانىلىرىنى قاتتىق قايغۇغا سالغان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号