باش بەت

murder

1245يوللانما
6مەستانە

ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى: شاڭخەي شاڭگاڭ 5-1 سىدنېي سەرگەردانلار

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-28 22:43 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

2-ئاينىڭ 28-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن كېيىن 5:30دە، ئاسىيا ئۇزغۇنلۇق بىرلەشمىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسى 2-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى ساھىبخان مەيداندا سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلەشتى. شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسىدىن خۇلىك، ئوسكار، ئېرىكسون، شى كې ۋە ۋۇ لېي بىردىن توپ، سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسىدىن نىكولىس بىر توپ كىرگۈزۈپ، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى 5-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 3-مىنۇتىدا، شاڭخەي شاڭگاڭدىن ئوسكار توپنى جاڭ ۋېيغا پاس بەردى، جاڭ ۋېي توپنى ئوتتۇرىغا تاشلىدى، خۇلىك بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 17-مىنۇتىدا، بىرازىلىيەلىك ئۈچ توپچى ماسلىشىپ توپنى چەكلەنگەن رايونغا ئېلىپ كەلدى، خۇلىك پاس چىقىرىپ، ئوسكار بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 19-مىنۇتىدا، سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسىدىن نىكولىس بىر توپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 25-مىنۇتىدا، خۇلىك تەپكەن توپنى سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى توسۇۋالدى، بىراق شىكې قاپقىچى توسۇۋالغان توپنى قايتا تېپىپ كىرگۈزدى. مۇسابىقىنىڭ 27-مىنۇتىدا، شاڭخەي شاڭگاڭدىن ئېرىكسون بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، يېرىم مەيدان مۇسابىقە 4-1 نەتىجىدە ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىنىڭ 48-مىنۇتىدا، سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسىنىڭ قاپقىچىسى ئوسكارنىڭ توپىنى توسۇۋالدى. مۇسابىقىنىڭ 61-مىنۇتىدا، ئوسكار پاس چىقاردى، بىراق سىدنېي سەرگەردانلار كوماندىسىنىڭ بېكى خۇلىكنى يىقىتىۋەتتى، باش رېپىر خۇلىكنى يالغان يىقىلدى دەپ سېرىق كارتا جازاسى بەردى. مۇسابىقىنىڭ 75-مىنۇتىدا، شاڭخەي شاڭگاڭدىن ۋۇ لېي بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىن ھەر ئىككى كوماندا كۈچىگەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، شاڭخەي شاڭگاڭ كوماندىسى 5-1 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号