باش بەت

رازى

1625يوللانما
44مەستانە

بالىسىغا كەرە يادىلاتماقچى بولغان دادا ئوغلىنى ئارغامچىدا باغلاپ دەرياغا تاشلىماقچى بولدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-02-28 23:01 2 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى خەۋىرى نۇر تورى تەرجىمىسى

27-چېسلا كەچتە مەلۇم بىر تورداش بىر بۆلەك سىننى سىچۈەن ئۆلكىسى مېيشەن شەھىرى «مېيشەنلىكلەر تورى» غا ئېلان قىلغان، سىندا مۇنداق دېيىلگەن: «بۈگۈن چۈشتە مېيشەن شەھىرى توڭخۈي دەرياسى بويىدىكى گۈييۈەن ئولتۇراق رايونىنىڭ ئالدىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغان مۇنداق بىر ۋەقە يۈز بەردى: بىر دادا ئوغلىغا قاتتىق تەنبىھ بەرمەكچى بولۇپ، ئەمدىلا 7 ياشقا كىرگەن ئوغلىنى ئارغامچا بىلەن باغلاپ دەرياغا تاشلىماقچى بولدى، ئۇنىڭ بۇنداق قىلىشتىكى مەقسىتى ئوغلىغا كەرە يادلىتىش ئىدى!» مۇخبىر دەرھال يۇقىرىقى سىننى ئېلان قىلغۇچى بىلەن ئالاقىلىشىپ، بۇ ئىشنىڭ راست-يالغانلىقىنى دەلىللىدى.

يۇقىرىقى سىندا بالىنىڭ توختىماي يىغلاۋاتقان ئاۋازنى ئاڭلىغىلى بولاتتى ھەمدە بالا قاتتىق ۋارقىراپ دادىسىنىڭ ئىسمىنى چاقىرىپ «دادا مېنى قۇتقۇزۇۋال» دەپ توۋلاۋاتاتتى. ئەمما دادىسى قىلچىمۇ رەھىم قىلمايلا قالماستىن، يەنە توختىماستىن بالىدىن كەرە سوراۋاتقان ئىدى.

ئاتا-ئانا بالىلارنىڭ ئەڭ مۇھىم ئۆگىنىش ئۈلگىسى، ئاتا-ئانىنىڭ ھەربىر ھەرىكىتى بالىلارنىڭ ئۆگىنىش ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. نۇرغۇنلىغان تورداشلار يۇقىرىقى ۋەقەگە قارىتا پىكىر بايان قىلىپ، بالىغا نىسبەتەن ئۇنىڭ بالىلىق دەۋرى خۇشاللىق ۋە ئەركىن ئازادىلىك بىلەن ئۆتۈشى، ھەرگىزمۇ ئۆگىنىش بېسىمى ئارىسىدا قالماسلىقى كېرەك دېيىشتى. كۆپچىلىكنىڭ ھەممىسى يۇقىرىقى ئەسەبىي، قوپال بالا تەربىيەلەش ئۇسۇلىنى تەنقىد قىلدى، ھەمدە گەرچە بالىنىڭ ئۆگىنىشى ئۈچۈن قىلىنغان ھەرىكەت بولسىمۇ، ئەمما بۇنداق قىلىشنىڭ بالىنىڭ ئىززەت ھۆرمىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ بالىلاردا قارشىلىشىش پىسخىكىسى پەيدا قىلىپ، بۇنىڭدىن كېيىن بىر ئىشلارغا يولۇققاندا ئەسەبىي ھالدا بىر تەرەپ قىلىدىغان ئادەت شەكىللىنىپ قالىدىغانلىقىنى مۇلاھىزە قىلدى.

باش سۈرەت تاللاش x
  • ئابلىز3182 ئاي ئىلگىرى

    يالغۇز نۇرداش،ئوغلىڭىز يوقاپ كەتكەنما؟؟

  • يالغۇز6 ئاي ئىلگىرى

    ماڭا ئوغلۇمنى ئەسلتپ قويدى بالام سەن نەدە

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号