باش بەت

ئىدىقۇت887

6839يوللانما
11مەستانە

يوقاپ كەتكەن 10 ياشلىق بالىنىڭ جەسىتى ئۆز ئۆيىدىكى كارىۋات ئاستىدىن بايقالدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-01 10:42 0 ئىنكاس چۈشتى

2017-يىلى 2-ئاينىڭ 25-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى جىڭجياڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ بىر پارچە ئادەم ئىزدەش ئېلانى نۇرغۇن ئادەمنى ھەرىكەتكە كەلتۈرگەن. ياڭ ياڭ ئىسىملىك 10 ياشلىق بالا كاڭنىڭ مىڭجۇ ئولتۇراق رايونىدىكى ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن بولۇپ، ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى سىرتتا ئىشلەمچىلىك قىلاتتى، بوۋا-مومىسى ۋە دادىسى بولسا جىڭجياڭدا ئىشلەيتتى. ئادەتتە كۆپىنچە چاغلاردا ياڭ ياڭ ئۆيدە يالغۇز قالىدىغان بولۇپ، بولۇپمۇ ھەپتە ئاخىرىدا ھەمىشە دېگۈدەك يالغۇز قالاتتى. شۇڭلاشقا ياڭ ياڭنىڭ يېنىدا ئورۇن بەلگىلەش ئىقتىدارىغا ئىگە سائەت، يانفون ۋە چوڭ ئىشىكنىڭ ئاچقۇچى بار ئىدى.

< 25-چېسلا ئەتىگەن سائەت 11 دىن ئاشقانلاردا، ياڭ ياڭنىڭ مومىسى ئولتۇراق رايوندا نەۋرىسى ياڭ ياڭنى ئىزدەۋاتقانىدى، ئۇنىڭ ئېيتىشىچە ياڭ ياڭ ئەتىگەن سائەت 9 لاردا ئاپىسىدىن كەلگەن تېلىفوننى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن سىرتقا پوسۇلكا ئالغىلى چىقىپ كەتكەن پېتى سائەت 11 دىن ئاشقاندىمۇ قايتىپ كەلمىگەن>. نۇرغۇنلىغان كىشىلەر 25-چېسلا ياڭ ياڭنىڭ ئۆيدە  ئۆزى يالغۇز ئىكەنلىكىنى دەلىللىگەن. شۇ كۈنى كەچ سائەت 6 دىن 26 مىنۇت ئۆتكەندە، ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى بىر تال قىسقا ئۇچۇر تاپشۇرۇۋالغان، شۇنىڭ بىلەن بىر ئائىلە كىشىلىرىنىڭ ھەممىسى قاتتىق قورقۇنچتا قالغان. قىسقا ئۇچۇردا ياڭ ياڭنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى، قارشى تەرەپ 2 مىليون يۈەن پۇل تەلەپ قىلغانلىقى ئېيتىلغانىدى.

26-چېسلا ئەتىگەن سائەت 6دىن ئاشقانلاردا، بۇ ئىشقا ئىشەنگۈسى كەلمىگەن ياڭ ياڭنىڭ ئاپىسى ئۆي ئىچىنىڭ ھەممە يېرىنى ئاختۇرۇشقا باشلىغان. تۇيۇقسىز كارىۋات ئاستىدىن بىر ئادەمنىڭ پۇتى كۆرۈنگەن. ياڭ ياڭنىڭ ئاغزىغا سۇلياۋ پىلاستىر چاپلاپ قويۇلغان بولۇپ، ئاللىقاچان ئۆلۈپ كەتكەنىدى.

مۇخبىر شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 9:30لاردا دېلو يۈز بەرگەن نەق مەيدانغا يېتىپ كەلگەندە، نەق مەيدانغا ئاللىقاچان ئاگاھلاندۇرۇش لېنتىسى تارتىپ قويۇلغان بولۇپ، ساقچىلار ۋە قانۇن دوختۇرلىرى نەق مەيداندا ئىسپات ئېلىۋاتقانىدى. شۇ كۈنى ئەتىگەن سائەت 10:30لاردا، ياڭ ياڭنىڭ جەسىتىنى ساقچىلار ئېلىپ كەتكەن بولۇپ، نۆۋەتتە ساقچى تەرەپ بۇ دېلونى يەنىمۇ ئىچكىرلەپ تەكشۈرمەكتە.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号