باش بەت

خالمۇرات روزى

847يوللانما
16مەستانە

ئىتالىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ: يۇۋېنتۇس 1:3 ناپولى

مەنبە:دوڭچيۇدى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-01 11:36 0 ئىنكاس چۈشتى

نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئۈرۈمچى ۋاقتى بۈگۈن سەھەر 1:45دە، ئىتالىيە لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ تۇنجى ئۇچرىشىشتا، يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا ناپولىنى كۈتۈۋالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىنسىنې ياردەمچى پاس چىقىرىپ كالىھون بىر توپ كىرگۈزدى. كېيىنكى يېرىم مەيداندا دىبالا ئىككى قېتىم نۇقتا توپ كىرگۈزدى، ھىگۇايىن بىر توپ كىرگۈزدى، ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس 1:3 نەتىجىدە ناپولىنى مەغلۇپ قىلدى.

مۇسابىقىنىڭ 13-مىنۇتىدا ناپولى قاپقىچىسى رېينا دىبالانىڭ توپنى توسۇۋالدى. 23-مىنۇتتا، ئىنسىنېنىڭ يىراق ئارىلىقتىن ئۇرغان توپنى يۇۋېنتۇس قاپقىچىسى نېتو توسۇۋالدى. 24-مىنۇتتا، خامسىكنىڭ چەكلەنگەن رايون سىرتىدىن توختاتمايلا تەپكەن توپىنى نېتو توسۇۋالدى. 33-مىنۇتتا، ھىگۇايىن ئالېكس ساندرو بەرگەن پاسنى قوبۇل قىلىپ چەكلەنگەن رايونغا بۆسۈپ كىرىپ تەپكەن توپ قاپقا دائىرىسىدىن ھالقىپ كەتتى. 35-مىنۇتتا، ئىنسىنې مىلىك بىلەن پاسلىشىپ چەكلەنگەن رايون سىزىقىدا توپنى قاپقا ئالدىغا پاسلىدى، ئوڭ يولدىن يېتىشىپ كەلگەن كالىھون بۇ توپنى كىرگۈزدى. ئالدىنقى يېرىم مەيدان ئاخىرلىشىش ئالدىدا، يۇۋېنتۇسدىن مانزۇكىچنىڭ يېقىن ئارىلىقتىن تەپكەن توپىنى رېينا تېز ئىنكاس قايتۇرۇپ توسۇۋالدى، لىچتىستېينېرنىڭ قايتۇرۇپ تەپكەن توپىنى رېينا يەنە بىر قېتىم بەدىنى بىلەن توسۇپ چىقىرىۋەتتى.

46-مىنۇتتا، ناپولى بېكى كولىبالى چەكلەنگەن رايوندا دىبالانى يىقىتىۋەتتى، رېپىر نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، دىبالا تېپىپ كىرگۈزدى. 63-مىنۇتتا، كۇئادرادو 45 گرادۇس بۇلۇڭدىن چەكلەنگەن رايونغا توپ تاشلىدى، رېينا يۈگۈرۈپ چىقىپ توپنى ئالماقچى بولغاندا خاتالىق سادىر قىلىپ توپنى ئۈزۈۋالالمىدى، كولىبالى بۇ توپنى ئارقىغا ئۈسۈپ، چەكلەنگەن رايوننىڭ ئوڭ تەرىپىدىكى ھىگۇايىننىڭ پۇتىغا چۈشۈرۈپ قويدى، ھىگۇايىن كىچىك بۇلۇڭدا توپنى توختاتمايلا تېپىپ كىرگۈزدى، رېينا قاپقىغا قايتىپ توپنى توسۇۋېلىشقا ئۈلگۈرمىدى. 67-مىنۇتتا، دىبالا سول يولدىن بۆسۈپ كىرىپ چەكلەنگەن رايونغا يۈگۈرۈپ كىرگەن كۇئادرادوغا پاسلىدى، كۇئادرادو قاپقىچىنى ئالداپ ئۆتمەكچى بولغاندا رېينا تەرىپىدىن يىقىتىۋېتىلدى، رېپىر يەنە بىر قېتىم نۇقتا توپقا ھۆكۈم قىلدى، دىبالا بۇ نۇقتا توپنى كىرگۈزدى. ئاخىرىدا يۇۋېنتۇس ساھىبخان مەيداندا 1:3 نەتىجىدە ناپولىنى مەغلۇپ قىلىپ، ئىككى ئۇچرىشىشلىق مۇسابىقىدە ئەۋزەللىكنى ئىگىلىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号