باش بەت

نۇسرەتگۈل

6596يوللانما
60مەستانە

5 مىليونلۇق لەمبورگىنى ھەيدەپ بېرىپ، كۆڭۈل ئىزھار قىلغان بايۋەتچە رەت قىلىندى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-01 18:00 0 ئىنكاس چۈشتى

بىز ئادەتتە بايۋەتچىلەرنىڭ ئېسىل ماشىنا ھەيدەپ، چىرايلىق گۈل كۆتۈرگەن ھالدا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئادەمگە كۆڭۈل ئىزھار قىلىدىغانلىقىنى كۆرۈپ تۇرىمىز. يېقىندا، دۆلىتىمىزدىكى بىر بايۋەتچە دەل مۇشۇ ئۇسۇل ئارقىلىق كۆڭلىدىكى ئادىمىنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشىشنى ئارزۇ قىلغان. بىراق، نەتىجە باشقىلارنىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىدەك ئۇنچە ئاددىي بولمىغان.

ئازراق سېمىز، ئەمما ئۆزى ياۋاش بۇ يىگىت كۆڭلىدىكى قىز بىلەن ماشىنا توختىتىش مەيدانىدا ئۇچراشماقچى بولۇپ، قىممىتى 5 مىليون يۈەندىن ئاشىدىغان لەمبورگىنى ماركىلىق ماشىنىسىنى ھەيدەپ، بىر دەستە گۈل ئېلىپ كەلگەن.

قىزمۇ ئۇزۇنغا قالماي يېتىپ كەلگەن. شۇنىڭ بىلەن يىگىت ئۇنىڭغا قولىدىكى گۈلنى سۇنۇپ كۆڭلىنى ئىزھار قىلغان، ئەتراپتىكىلەرمۇ قىزغا يىگىتنىڭ كۆڭلىنى قوبۇل قىلىشنى ئېيتقان.

بۇ قېىتمقى كۆڭۈل ئىزھار قىلىشتا ئەسلىدە قىز چوقۇم كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئاققۇزغان ھالدا گۈلنى قوبۇل قىلىشى كېرەك ئىدى. بىراق، بۇ قىز يىگىتنىڭ گەپلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن كۆزەينىكىنى ئېلىۋېتىپ، ئۇنى قوبۇل قىلالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە ئارقىغا ئۆرۈلۈپلا كېتىپ قالغان.

بۇنىڭدىن يۈزى چۈشۈپ كەتكەندەك ھېس قىلغان بايۋەتچە يىگىت قولىدىكى گۈلنى تاشلىۋېتىپ ماشىنىسىنى ھەيدىگىنىچە كېتىپ قالغان. شۇنداق قىلىپ، بۇ قېتىمقى كۆڭۈل ئىزھار قىلىش «مەغلۇبىيەت» بىلەن ئاياغلاشقان.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号