باش بەت

رۇشەن

2837يوللانما
147مەستانە

بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودا H5N8 قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالدى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-02 15:50 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 1-مارت سارايېۋودىن بەرگەن خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا،  بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سەھىيە تارماقلىرىنىڭ 1-چېسلادىكى بىر پارچە ئاخباراتىدا دەلىللىنىشىچە، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ پايتەختى سارايېۋودىكى بىر ھايۋاناتلار باغچىسىدا H5N8 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغان.

ئاخباراتتا ئېيتىلىشىچە، ھۆكۈمەت تارماقلىرى مۇناسىپ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى قوللانغان ھەمدە كەڭ شەھەر ئاھالىلىرىغا بۇنىڭغا نىسبەتەن ھوشيارلىقنى ساقلاش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن.

يەرلىك تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھازىر بۇ ھايۋاناتلار باغچىسىدا ئىككى ئاققۇ قۇش زۇكىمى بىلەن ئۆلگەن.

بۇ بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ بىر ئايغا يەتمىگەن ۋاقىت ئىچىدە 2-قېتىم H5N8 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىقى دەلىللىنىشى ئىكەن. بۇنىڭدىن بۇرۇن، بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنا سەھىيە تارماقلىرى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئېلان قىلغان ئاخباراتتا بوسنىيە-گېرتسېگوۋېنانىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان پىرىجىدور شەھىرىدىكى بىر كەنتنىڭ توخۇ فېرمىسىدا H5N8 تىپلىق تارقىلىشچان قۇش زۇكىمى ۋىرۇسى بايقالغانلىق ئېيتىلغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号