باش بەت

ئىدىقۇت887

6840يوللانما
11مەستانە

«ئەخلەت يېمەكلىك»كە مەپتۇن بولغان ئايالنىڭ تەن ئېغىرلىقى 300 كىلوگرامدىن ئېشىپ كەتتى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-04 09:53 0 ئىنكاس چۈشتى

ئەنگىلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكىنىڭ ئوخايو شىتاتىدىكى نىكول (Nicole) ئىسىملىك 23 ياشلىق ئايالنىڭ تەن ئېغىرلىقى 700 قاداق (يەنە تەخمىنەن 318 كىلوگرامغا تەڭ) قا يەتكەن بولۇپ، ئۇ ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولغانلىقى ئۈچۈن ئىككى بالىسىنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئالالمايلا قالماستىن بەلكى ئۆزىگىمۇ باشقىلار قاراپ ھالىدىن خەۋەر ئالمىسا بولمايدىغان ھالغا چۈشۈپ قالغان. نىكولغا نىسبەتەن ئېلىپ ئېيتقاندا، ئەر دوستى بىلەن بىللە تاللا بازىرىنى ئايلىنىپ نەرسە-كېرەك سېتىۋىلىش ناھايىتى «رومانتىك» ئىش بولۇپ، چۈنكى بۇ دەل ئىككىسىنىڭ بىللە قىلالايدىغان بىردىنبىر ئىشى ئىدى.


ئىگەللىنىلىشىچە، «مېنىڭ 600 قاداقلىق تۇرمۇشۇم» ناملىق پىروگراممىدا نىكولنىڭ ئورۇقلاش يولىدا ئۇچرىغان قاتمۇ-قات مۇشكۈلاتلىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئەڭ يېقىندا كۆرسىتىلگەن پىروگراممىدا نىكول ئۆزى بىلەن ئەر دوستى چارلى (lie) نىڭ ئوخشاشلا ئەخلەت يېمەكلىك يېيىشنى ياخشى كۆرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

نىكول ئىپادە بىلدۈرۈپ مۇنداق دېگەن:«مېنىڭ بىردىنبىر قىلالايدىغان ئىشىم شۇنداقلا مېنى خۇش قىلالايدىغان ئىش بولسا دەل يەيدىغان نەرسە سېتىۋىلىش، لېكىن بۇ ئىشمۇ ماڭا ئاسانغا توختىمايدۇ».


نىكول يەنە مۇنداق دېگەن:«مەن بەك سېمىز بولغانلىقىم ئۈچۈن توكلۇق ھارۋىغا ئولتۇرالمايمەن، شۇڭلاشقا مەن چاقلىق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ دۇكان ئارلاشقا مەجبۇرمەن».


نىكولنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ دەل يېمەكلىك سەۋەبلىك ئەر دوستى بىلەن يېقىن مۇناسىۋەتنى ساقلاپ تۇرالايدىكەن. پەقەت توختىماي يەپ-ئېچىشلا بۇ ئىككىسىنىڭ مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشىلىيالايدىكەن.

نىكول  ئاساسەن دېگۈدەك تېز تاماقلارنى يەپ چوڭ بولغان بولۇپ، ئۇ كىچىكىدىن تارتىپلا ھەددىدىن زىيادە سېمىز بولغاچقا ھەمىشە باشقىلارنىڭ بوزەك قىلىشىغا ئۇچراپ كەلگەن. نىكولنىڭ ئاتا-ئانىسى زەھەرلىك چېكىملىك چەككۈچىلەردىن بولغاچقا، ئۇ ئۆسمۈرلۈك ۋاقتىدىن تارتىپلا تېنچ كۈن كەچۈرۈپ باقمىغان. دەل تۇرمۇشتىكى بۇ خىل قانۇنىيەتسىزلىك ئۇنىڭ تەن ئېغىرلىقىنىڭ كونتىرولسىز ھالدا ئېشىپ كېتىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان.

ھازىر نىكولنىڭ تەن ئېغىرلىقى ئىلگىرىكى ھەر قانداق ۋاقىتقا قارىغاندا ئېغىر بولۇپ، بۇ ئۇنىڭ سېمىزلىك سەۋەبلىك ئىككى بالىسىنى تاشلاپ كېتىپ قېلىش ئېھتىماللىقى بارلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ، لېكىن ئۇ شۇنداق بولسىمۇ ئۆزىنىڭ تاللا بازىرىغا بېرىپ يەيدىغان نەرسە سېتىۋىلىش ۋە ئەخلەت يېمەكلىكلەرنى يېيىشتىن ئېرىشىدىغان خۇشاللىقتىن قول ئۈزەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号