باش بەت

نۇسرەتگۈل

8453يوللانما
213مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنېرگىيىسى ئېلېكتىر ئىستانسىسى «قۇشلار توزىقى» غا ئايلاندى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-05 11:54 0 ئىنكاس چۈشتى

ئىۋانپا قۇياش ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر ئىستانسىسى دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ قۇياش ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر ئىستانسىسى بولۇپ، ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە ئىشتاتى بىلەن نېۋادا ئىشتاتى چېگرىسىدىكى موجاۋې قۇملۇقىغا جايلاشقان. بۇ قۇملۇقنىڭ ئىگىلەيدىغان كۆلىمى 8 كىۋادرات كىلومېتىر. بۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسى يېقىندا ئىشقا كىرىشتۈرۈلۈپ، ئۇزۇن ئۆتمەي خىزمەتچى خادىملار بۇ ئورۇننىڭ ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشلارنىڭ كۆيۈپ جاراھەتلەنگەنلىكىنى، قۇياش ئېنېرگىيەسى تاختىسىنىڭ ئۈستىدىكى بوشلۇقنىڭ تېمپىراتۇرىسىنىڭ 537 سېلسىيە گىرادۇسقا يەتكەنلىكىنى بايقىغان. نۆۋەتتە، كۆيۈپ ئۆلگەن ياكى كۆيۈپ يارىلانغان قۇشلارنىڭ سانى نەچچە 10 غا يەتكەن. خىزمەتچى خادىملار يەنە بىر قىسىم ياۋايى ھايۋاناتلارنىڭمۇ مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تەقدىرگە دۇچار بولغانلىقىنى بايقىغان.

سۈرەتتە، يارىلانغان قۇش. مۇھىت ئاسراش تەشەببۇسچىلىرى ئىۋانپا قۇياش ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر ئىستانسىسى ئۈستىدىن ئۇچۇپ ئۆتكەن قۇشلارنىڭ كۆيۈپ يارىلانغانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك دەلىل ئىسپاتلارنىڭ تولۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

بىر ئېنژىنېر كومپيوتېر ئارقىلىق كونترول قىلىنىدىغان قۇياش ئېنىرگىيەسى ئەينىكى ئالدىدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتىدۇ. بۇ ئەينەكلەر ئۈستىگە چۈشكەن قۇياش نۇرى 140 مېتىر ئېگىزلىكتىكى مۇنارغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان پار قازىنىغا يېتىپ بارىدۇ.

300 مىڭ قۇياش ئېنىرگىيە ئەينىكى قۇياش نۇرىنى قايتۇرۇپ، پار قازىنىدىكى سۇنى ئىسسىتىدۇ. پار قازىنىدىن چىققان سۇ ھورى پىرقىرىغۇچنى ھەرىكەتلەندۈرۈپ، توك ھاسىل قىلىدۇ.

ئىۋانپا قۇياش ئېنىرگىيەسى ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ پار قازىنى

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号