باش بەت

مەمەتجان

594يوللانما
5مەستانە

جۇڭگو دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ دېڭىز ئۈستى بۇرغىلاش سۇپىسى قۇراشتۇرۇپ چىقتى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-05 15:55 1 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى 5-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كۆك كىت بۈگۈنگە قەدەر دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ ھايۋان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئۇ دېڭىزدا ئۈزگەندە خۇددى لەيلەپ تۇرغان بىر ئارالغا ئوخشاش ئىنتايىن ھەيۋەتلىك. لېكىن سىز ئىنسانلار تۆمۈردە ياسىغان دېڭىز ئۈستىدىكى كۆك كىتنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى بىلەمسىز؟

مانا بۇ «كۆك كىت 1-نومۇر»، دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ، بۇرغىلاش چوڭقۇرلىقى ئەڭ چوڭقۇر بۇرغىلاش سۇپىسى.

ئۇنىڭ ئېغىرلىقى 42 مىڭ توننا، پالۇبىسىنىڭ يۈزى بىر ئۆلچەملىك پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدۇ.

ئاستىدىن بۇرغىلاش مۇنارىنىڭ ئۈستىگىچە 37 قەۋەتلىك ئېگىز بىنادەك كېلىدۇ، ياسىلىش باھاسى ئىنتايىن قىممەت بولۇپ، تەخمىنەن 700 مىليون ئامېرىكا دوللىرى، ئىككى دانە A380 يولۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ باھاسىغا باراۋەر كېلىدۇ.

بۇ قۇرۇلۇشنىڭ ئىسمى كۆك كىت بولۇپ، ئىنسانلار دېڭىز ئۈستى قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى ئەڭ يۇقىرى تېخنىكا سەۋىيەسىدىكى بۇرغىلاش سۇپىسى.

ئەمما بۇنى جۇڭگولۇقلار ئۆزى ياساپ چىققان.

يەنە ئىككى ھەپتىدىن كېيىن كۆك كىت 1-نومۇر ئىشلىتىشكە تاپشۇرىلىدۇ.

ئۇ دۇنيادىكى خىزمەت چوڭقۇرلۇقى ۋە بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقى ئەڭ چوڭ يېرىم چۆكمە ھالەتتىكى دېڭىز ئۈستى بۇرغىلاش سۇپىسى.

ئىشلىتىشكە تاپشۇرۇلۇشتىن ئىلگىرى، جۇڭگو CIMC Raffles شىركىتىنىڭ تۈر مەسئۇلى كې جۈن مۈلۈك ئىگىسى بولغان جۇڭگو نېفىتىنىڭ تەكشۈرۈشىنى قوبۇل قىلىدۇ.

بۈگۈن مۈلۈك ئىگىسى ئاساسلىقى كۆك كىت 1-نومۇرنىڭ يادرولۇق بۇرغىلاش سىستېمىسىنى كۆرىدۇ.

تېخىمۇ ئېنىق كۆرۈش ئۈچۈن پالۇبىدىن 40 مېتىر ئېگىزلىكتىكى بۇ جايغا يامىشىپ چىقسىڭىز، ھەيۋەتلىك قوش بۇرغىلاش مۇنارى كۆز ئالدىڭىزدا نامايەن بولىدۇ، بۇ كۆك كىت 1-نومۇرنىڭ ئەڭ ھەيۋەتلىك قىسىملىرىنىڭ بىرسى.

ئادەتتە بۇرغىلاش سۇپىسىدا بىر بۇرغىلاش مۇنارى، بىر بۇرغىلاش سىستېمىسى بولىدۇ، ئەمما بۇ قوش بۇرغىلاش مۇنارىدا ئىككى يۈرۈش بۇرغىلاش سىستېمىسى بار، كېمىنىڭ ئىككى تەرىپىگە ئېسىپ قويۇلغان بولۇپ، ئىككى دانە تۆمۈر بىلەكلىك چوڭ مەخلۇققا ئوخشايدۇ. خىزمەت جەريانىدا ئۇزۇنلىقى 10 مېتىر كېلىدىغان نېفىت تۇرۇبىسىنى ئېلىپ ئۇلاپ يەنە يەر ئاستىغا يەتكۈزۈپ بېرىدۇ.

ئىلگىرى پەقەت بىرلا بۇرغىلاش چوققىسى ئىشلىتىلىدىغان بولۇپ، بىردەم تۇرۇبا ئۇلاپ، بىردەم توختاپ، يەنە بىردەم بۇرغىلايتى. قانچە چوڭقۇر بۇرغىلىسا ئىھتىياجلىق تۇرۇبا شۇنچە ئۇزۇن بولۇپ، چوققسىدىكى ئۇلاشقا كېتىدىغان ۋاقىت شۇنچە كۆپ بولىدۇ. ھازىر قوش بۇرغىلاش مۇنارى بىر ۋاقىتتا خىزمەت قىلىدىغان بولۇپ، بىرتەرەپتىن بۇرغىلاپ بىر تەرەپتىن تۇرۇبا ئۇلاپ، بۇرغىلاش ئىش ئۈنۈمىنى %30 يۇقىرى كۆتۈردى.

خىزمەت چوڭقۇرلۇقىنى 3658 مىتېرغا، بۇرغىلاش چوڭقۇرلۇقىنى 15420 مېتىرغا يەتكۈزۈش ئۈچۈن، كې جۈن كۆك كىت بۇرغىلاش سىستېمىسىغا ئىنتايىن كۆپ ئۆزگەرتىش كىرگۈزدى، نېفىت تۇرۇبىسىنى كۆپرەك پاتقۇزۇش ئۈچۈن بىر بوشلۇق چىقىرىپ ئىچىگە نەچچە ئون مېتىر ئۇزۇنلۇقتىكى ناھايىتى كۆپ تۇرۇبىلارنى قويدى. كۆك كىت 1-نومۇر دېڭىزغا بۇرغىلاشقا چىققاندا بۇنداق تۇرۇبىدىن 370 تال كېتىدۇ، 6-ئەۋلاد بۇرغىلاش سۇپىسىدىن %30 كۆپ. بۇ ھەرقانداق بۇرغىلاش سۇپىسى ياسىغۇچى ئۈچۈن ئىنتايىن چوڭ خىرىس.

بۈگۈن بۇرغىلاش سىناق بۆلۈمىدىن ۋاڭ ۋېدوڭ پۈركۈشتىن ساقلىنىش ئۈسكىنىسىنى سىنايدۇ، بۇ قۇدۇق پۈركۈشنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان بىخەتەرلىك ئۈسكىنىسى. 2016-يىلى قويۇلغان «چوڭقۇر دېڭىزدىكى بالايى ئاپەت» فىلىمىدە قۇدۇق پۈركۈپ چىقىپ ئەڭ ئاخىرىدا ئوت ئاپىتى يۈز بەرگەن. بۇ ساۋاق بۇ ئۈسكىنىنىڭ سىنىلىشى بارلىق كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى ئۆزىگە تارتتى.

ئەمەلىيەتتە پۈركۈشتىن ساقلىنىش ئۈسكۈنىسى نورمال ئىشلەمدۇ يوق دېڭىزدا خىزمەت قىلغاندىكى نەتىجىگە قاراشقا توغرا كېلىدۇ. بۈگۈن بىز پەقەت مۇشۇ ئىككى چوڭ يۇمىلاق كونۇپكىنى كۆرىمىز، توك ئۆتكەندىن كېيىن نورمال ئايلانسىلا پۈركۈشتىن مۇداپىئەلىنىش ئۈسكىنىسىنىڭ نورمال ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرىدۇ.

بىرىنچى مىنۇت، ئىككىنچى مىنۇت، ئۈچىنچى مىنۇتلاردا يەنىلا نورمال ئايلانمىسا، ۋاڭ ۋېدوڭنىڭ ياردەمچى قوشۇننى يۆتكىشىگە توغرا كېلىدۇ.

زادى كىم ۋاڭ ۋېدوڭنىڭ بۇ ئۈسكىنىنى سىنىشىغا ياردەم قىلالايدۇ؟ بۇنداق چوڭ بۇرغىلاش سۇپىسىنى ياساشتا، جۇڭگودا ياساشتا ئەڭ ئىھتىياجلىق ئىقتىدار نېمە ؟

باش سۈرەت تاللاش x
  • GILA8 ئاي ئىلگىرى

    سۇ جىدىسى ،،،،،،،،

ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号