باش بەت

نۇسرەتگۈل

7740يوللانما
110مەستانە

ئامېرىكا زۇڭتۇڭلىرىنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەن قاتىللار قامالغان روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-09 19:06 0 ئىنكاس چۈشتى

تېڭشۈن تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئەنگىلىيە «پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-ئاينىڭ 16-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بۇ سۈرەتلەر ئامېرىكىنىڭ ۋاشىنگىتون شەھىرى ئېلزابېت كوچىسىدىكى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسىدىن تارتىلغان بولۇپ، ئىگىلىنىشىچە، بۇ سۈرەتلەرنى كىرىس خول ئىسىملىك فوتوگراف تارتقان. بۇ يىل 17 ياشقا كىرگەن كىرىس شەھەر ئېكىسپېدىتسىيەچىسى بولۇپ، دائىم شەھەر مەركىزىدىكى خارابىلىكلەر ياكى كىشىلەر بىلمەيدىغان جايلارغا بېرىپ ئېكىسپېدىتسىيە قىلىدۇ.

بۇ روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى 1855-يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، ئۇ ئامېرىكا فېدىراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ باشقۇرۇشىدىكى تۇنجى روھىي كېسەللىكلەر دوختۇرخانىسى. بۇ دوختۇرخانىدا ئىلگىرى بىر نەچچە زۇڭتۇڭنى يوشۇرۇن ئۆلتۈرگەن قاتىللار داۋالانغان.

بۇ ئەرنىڭ ئىسمى چارلىز (les J Guiteau) بولۇپ، ئۇ ئامېرىكىنىڭ 20-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى جەيمېس گارفىيلدنى (James Garfield) يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى تاماملىغاندىن كېيىن تاكى جازا ئىجرا قىلىنغۇچە مۇشۇ دوختۇرخانىغا قاماپ قويۇلغان.

جون (John Hinckley Jr) زۇڭتۇڭ رېگاننى (Ronald Reagan) يوشۇرۇن ئۆلتۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئورۇندىيالمىغاندىن كېيىن مۇشۇ جايغا قامالغان.

رىچارد لاۋرېنس 1835-يىلى زۇڭتۇڭ ئاندرېۋ جېكسوننى (Andrew Jackson) يوشۇرۇن ئۆلتۈرمەكچى بولغان. كېيىن ئۇمۇ مۇشۇ دوختۇرخانىغا قامالغان.

كىرىس تارتقان بۇ سۈرەتلەردە جەسەت ساقلاش ئۆيلىرى، ئوپېراتسىيە ئۈستەللىرى ۋە باشقا داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى نامايان قىلىنغان. بۇ دوختۇرخانا 2010-يىلى ئىشلىتىلىشتىن پۈتۈنلەي توختىغان بولۇپ، شۇ ۋاقىتقىچە 125 مىڭ روھىي كېسەل بىمارى مۇشۇ جايدا داۋالانغان، شۇنداقلا نۇرغۇنلىغان نامسىز بىمارلارنىڭ جەسىتى مۇشۇ جايغا كۆمۈۋېتىلگەن.

1950-يىللىرى بۇ دوختۇرخانىدا 8 مىڭدىن ئارتۇق بىمار داۋالانغان.

كىرىس ئۆتكەن يىلىدىن باشلاپ شەھەر ئېكىسپېدىتسىيەسىگە ئاتلانغانلىقىنى، مۇشۇنداق غەلىتە شەھەر خارابىلىرىگە كەلگىنىدە بىر پارچە سۈرەتكە چۈشىۋېلىش ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مۇشۇ جايغا كەلگەنلىكىنى خاتىرىلىۋالىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ ئىلگىرى بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ مۇشۇ دوختۇرخانىنى ئىزدىگەنىدى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号