باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10292يوللانما
779مەستانە

ئامېرىكا سابىق زۇڭتۇڭى كېننىدىنىڭ تۇرمۇش سۈرەتلىرى نيۇيوركتا كىمئارتۇق قىلىپ سېتىلدى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-10 23:20 0 ئىنكاس چۈشتى

«يەر شارى تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا ئامېرىكىنىڭ 35-نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭى كېننىدى بىلەن ئايالى جەككېليىنىنىڭ توي قىلىپ ئۇزاق ئۆتمەي تارتىلغان قىممەتلىك سۈرەتلىرى كىشىلەرگە ئاشكارىلاندى. بۇ سۈرەتلەرگە 6000 ئامېرىكا دوللىرى (41 مىڭ يۈەن خەلق پۇلىغا باراۋەر) باھا قويۇلغان.

كېننىدى ئەر-ئايالنىڭ كەمدىن-كەم ئۇچرايدىغان تۇرمۇش سۈرەتلىرىنى داڭلىق فوتوگراف ئورلاندو سۇئېرو تارتقان. 1954-يىلى مايدا، بۇ بىر جۈپلەر توي قىلىپ سەككىز ئايدىن كېيىن، فوتوگراف ئۇلار بىلەن جەمئىي 5 كۈن بىرگە تۇرغان. ئەينى ۋاقىتتا كېننىدى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ ياش پارلامېنت ئەزاسى بولۇپ، سىياسىي ساھەدە ئۆز نامىنى تىكلەۋاتقانىدى. فوتوگراف بۇ ياش پارلامېنت ئەزاسى ئۈچۈن «تۇرمۇشىتىكى كۈنلەر» تېمسىدىكى سۈرەتنى تارتىشقا مەسئۇل بولغان.

بۇ بىر جۈپ ئەر-ئايال ئىنتايىن ئەركىن تۇرمۇش شەكلىدە ئۆزلىرىنىڭ پۈتۈنلەي يېڭى ئوبرازىنى نامايەن قىلىپ، كىشىلەرگە بىر خىل ساداقەتمەنلىك ۋە ساپ مۇھەببەتنى ھېس قىلدۇرغان. سۈرەتتىكى مەيدان كۆرۈنۈشى كېننىدى بىلەن جەككېليىنىنىڭ مېھىمانسارايدا پارلامېنت قانۇن لاھىيەسىنى مۇنازىرىلىشىۋاتقاندىكى ھالىتى، كېننىدى بىلەن ئىنىسى روبېرتنىڭ زەيتۇن توپ ئوينىغاندا، ئايالىنىڭ بىر تەرەپتە قاراپ تۇرغانلىقى، كېننىدىنىڭ ئاق مايكا كىيىپ، ئارقا ھويلىدا كىتاب ئوقۇپ ئولتۇرغانلىقى، جەككېليىنىنىڭ گۈل پەرۋش قىلىش ئىشلىرى بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقاندىكى بىر قاتار مەنزىرىلەر ئېلىنغان.

بۇ كەلگۈسى زۇڭتۇڭنىڭ كۆزئەينەك تاقاپ ھۆججەت ئوقۇغاندىكى سۈرىتى ئۇنىڭ كېيىن زۇڭتۇڭلۇق سىياسىي ھاياتىدا فوتوگرافلارنىڭ سۈرەتكە تارتىشىنى رەت قىلغانلىقى سەۋەبلىك ئەڭ قىممەتلىك سۈرەتكە ئايلانغان. سۈرەتتە يەنە جەككېليىنى ياكى پۇتىنى تۈگۈپ  كىرېسلودا ئولتۇرغاچ تېلېفون ئۇرىۋاتقان ياكى ناخشا پىلاستېنكىسى قويۇپ ۋە ياكى ئائىلىسدە تاماق ئۈستىلى تىزىۋاتقاندىكى، ئەرمەك ئىتىنى ئايلاندۇرۇغاندىكى كۆرۈنۈشلىرى تارتىلغان. بۇنىڭدىن باشقا بۇ سۈرەتلەردىن كېننىدىنىڭ گەجگىسى ئاغرىش ئازابىغا بەرداشلىق بېرىۋاتقاندىكى ھالىتىنى شۇنداقلا يىل ئاخىرىدا دۈمبە تاشقى كېسەللىكلەر ئوپېراتسىيەسى قىلدۇرغانلىقىنى ئەسلا بىلگىلى بولمايتتى.

1999-يىلى بۇ بىر يۈرۈش سۈرەتتىكى بارلىق كىشىلەر، ئالەمدىن ئۆتكەن مەكس لوۋېنھېز كۆپ قىسىم سۈرەتلەرنى نېگاتىۋلىرى بىلەن تەڭ قوشۇپ، ماسساچۇسېتس ئىشتاتى يوھان خوپكىنس ئۇنىۋېرسىتېتى پېئابودىي مۇزىكا ئىنىستىتۇتىغا تەقدىم قىلىپ، بىر قىسىمنى ئۆزى ساقلاپ قالغان. يېقىندا ئۇنىڭ ئوغلى بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى 31 پارچە سۈرەتنى نيۇيورك كىمئارتۇق مەركىزىگە ھاۋالە قىلغان. 

كىمئارتۇق مەيدانىدىكى مۇتەخەسىس تام لامبنىڭ قارىشىچە، بۇ قىممەتلىك سۈرەتلەردە 20-ئەسىرنىڭ 50-يىللىرىنىڭ دەسلەپكى مەزگىلىدىكى ۋاشىنگىتون ئەتراپىدىكى جورجىي شەھىرى خاتىرىلەنگەن بولۇپ، ئەينى يىللاردىكى ياش پارلامېنت ئەزاسى كېننىدى ۋە ئۇنىڭ گۈزەل خانىمى جەككېيلىنىنىڭ راھەت ئائىلە تۇرمۇشى تەسۋىرىلەنگەن.

كېننىدى بىلەن جەككېيلىنى 1953-يىل 12-دېكابىر توي قىلغان؛ 1953-يىلدىن 1960-يىلغىچە، كېننىدى ماسساچۇسېتس ئىشتاتىنىڭ پارلامېنت ئەزاسى بولغان؛ 1960-يىلى كېننىدى رىچارد نېكسوننى مەغلۇب قىلىپ، 43 يېشىدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى بولغان؛ 3 يىلدىن كېيىن كېننىدى قەستلەش ۋەقەسىگە ئۇچرىغان. 1964-يىلى جەككېيلىنى گىرېتسىيە كېمە شاھى ئارىيستوتېلى ئوناسسىيسقا ياتلىق بولۇپ، ئىزچىل كىتاب تەھرىرلىكى خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان ۋە 1994-يىلى ۋاپات بولغان.


باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号