باش بەت

زورىگۈل

5898يوللانما
22مەستانە

قارا بوران ماداغاسقارغا ھۇجۇم قىلىپ ئاز دېگەندە 50 ئادەم قازا قىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-12 16:29 0 ئىنكاس چۈشتى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 12-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ماداغاسقار يېقىندا ئىسسىق بەلباغ ئېقىمىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ئاز دېگەندە 50 ئادەم قازا قىلغان، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلق 176 مىڭغا يەتكەن، نەچچە مىڭ ئادەم ئاپەتتىن جىددىي مۇداپىيەلىنىش مەركىزىگە كۆچۈشكە مەجبۇر بولغان.

خەۋەر قىلىنىشىچە، دۆلەتلىك ئاپەت ۋە كىرزىس باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مەسئۇلى قازا قىلغۇچىلار سانى توغرىسىدىكى ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇرۇن مۆلچەرلەنگەندىن تېخىمۇ يۇقىرى ئىكەن. باياناتتا كۆرسىتىلىشىچە، بوران ھۇجۇمى 180 ئادەمنى يارىدار قىلغان، 53 مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئۆي-ماكانسىز قالغان، ئورگانلار ئاپەتتىن مۇداپىيەلىنىش مەركىزىدىن 137نى تەسىس قىلىپ، ئاپەتكە ئۇچرىغان خەلقنى يىغىۋالغان.

قارا بوران 7-مارت ماداغاسقارنىڭ شەرقىي شىمالىغا ھۇجۇم قىلغان، قۇرۇقلۇققا چىققاندىن كېيىن كۈچى ئاجىزلىغان. نۆۋەتتە ئىسسىق بەلباغ تۆۋەن ھاۋا بېسىمىغا ئايلىنىپ جەنۇبقا سۈرۈلۈپ، ماداغاسقاردىن يىراقلاشقان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号