باش بەت

ئەلى

1879يوللانما
5مەستانە

كوكا كولانىڭ مەخپىي رېتسىپى ساقلانغان سىرلىق ساندۇق

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-03-12 19:49 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى باش تېما تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

كوكا كولانىڭ مەخپىي رېتسېپى ئىزچىل ھالدا دۇنيادىكى سىر ھېسابلىنىدۇ. كوكا كولا شىركىتى ئەزەلدىن ئۆزىنىڭ مەخپىي رېتسېپىنى ئاشكارىلاپ باقمىغان، شۇنداقلا پاتېنت ھوقۇقىمۇ ئىلتىماس قىلمىغان. ئامېرىكا ئاتلانتا شەھىرىدىكى كوكا كولا شىركىتى باش ئىشتابىدىكى سىرلىق بىخەتەرلىك ساقلاش ساندۇقىدا كوكا كولا شىركىتىنىڭ ئەڭ دەسلەپكى رېتسىپى ساقلانغان.

بۇ مەخپىي رېتسىپ ساقلانغان جاي يەنە بىر مۇزېيغا ئايلاندى. ھەر يىلى نەچچە مىليونلىغان ئېكىسكۇرسىيەچىلەر بۇ يەرگە كېلىپ ئېكسكۇرسىيە قىلىدۇ. ئۇلار كوكا كولانىڭ مەخپىي رېتسېپى ساقلانغان بۇ سىرلىق ساندۇقنى كۆرۈۋېلىشنى ئارزۇ قىلىشىدۇ. 1919-يىلى بۇ مەخپىي رېتسىپ ئۈچ نەپەر مەبلەغ سالغۇچى تەرىپىدىن سېتىۋېلىنغان. ئاندىن قەغەزگە يېزىلغان. ئۇنىڭدىن بۇرۇن بۇ رېتسىپ ئېغىز ئارقىلىق تارقىلاتتى.

مەزكۇر مۇزېينىڭ بىخەتەرلىك سىستېمىسى ناھايىتى مۇكەممەل. بىخەتەرلىك ساندۇقى ساقلانغان بۆلۈمگە كىرمەكچى بولغان ئېكىسكۇرسىيىچىلەر 16 دانە كامېرا تەرىپىدىن سۈرەتكە تارتىلىدۇ. بۇنداق قىلىشتىكى مەقسەت رېتسىپنىڭ ئوغرىلىنىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن. 

مەخپىي رېتسېپ سېلىنغان بىخەتەرلىك ساندۇقى 3 مېتىر ئېگىزلىككە قويۇلغان. ئىگىلىنىشىچە، بۇ بىخەتەرلىك ساندۇقىنى ئېچىش ئۈچۈن كوكا كولا شىركىتىنىڭ بۇ مەخپىي رېتسىپىنىڭ ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە ئۈچ كىشىنىڭ بىرلا ۋاقىتتا ئالقان ئىزىنى بېسىشى ۋە ئاچقۇچنى سېلىشى كېرەك ئىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىگىدارلىق ھوقۇقىغا ئىگە بۇ ئۈچ نەپەر مەبلەغ سالغۇچىنىڭ بىر ئايروپىلانغا ئولتۇرۇشى مەنئىي قىلىنىدىكەن.

كوكا كولانىڭ مەخپىي رېتسىپىنى ھېچكىم ھەقىقىي چۈشەنمەيدۇ. كوكا كولا شىركىتىمۇ پۈتۈن دۇنيا ئۈچۈن ئېيتقاندا مەڭگۈلۈك سىر ھېسابلىنىدۇ. بىراق دەل مۇشۇ سىرلىق تۈسكە ئىگە بولغاچقىلا، كوكا كولانىڭ سېتىلىش مىقدارىمۇ زور دەرىجىدە ئاشماقتا.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号