باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

گۇگول يەنە سۈنئىي ھەمراھ قاتارلىق نۇرغۇن كەسىپلىرىدىن ۋاز كەچتى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-13 12:18 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

«بايلىق» ژۇرنىلى تور نۇسخىسىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، گۇگول ئانا شىركىتى ئالفابېتنىڭ كۈنسايىن پىشىپ يېتىلىشىگە ئەگىشىپ، بۇ شىركەت «ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلەر»نىڭ قايسىلىرى توغرا، قايسىلىرى خاتا ئىكەنلىكىنى ئايدىڭلاشتۇرغان. ئالفابېت بازار ئىستىقبالى يوق بىر قىسىم «ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلەر»نى سېتىشقا ياكى تاقاشقا باشلىدى. گەرچە ئالفابېتنىڭ كۆپ قىسىم سىناق تۈرى ئاساسىي جەھەتتىن پۇل تاپالمىغان بولمسىمۇ، ئەمما دەسلەپكى ئالامەتلەردە بىرقانچە تۈرنىڭ بازار ئىستىقبالىغا ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن. 

ئالفابېتنىڭ 809 مىليون دوللارلىق «باشقا كىرىمى»دە ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۆي سايمانلىرى ياساش كارخانىسى Nest، ئىنتېرنېت تەمىنلىگۈچى كارخانا Fiber ۋە ھاياتلىق ئىلمى شىركىتى Verily كۆپ قىسىم كىرىمنى ئىگىلەيدۇ. ئەمما بۇ «باشقا كىرىم»نى قوشقاندا ئالفابېتنىڭ يىللىق  تىجارەت كىرىمىدە %1نى ئىگىلىمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە تىجارەت زىيىنى 3.6 مىليارد دوللار. 

ئالفابېتنىڭ CFOسى رۇس پورات (Ruth Porat) يېڭىدىن تەسىس قىلغان مالىيەنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش تۈزۈمى ئاستىدا ھەر بىر تىيىنمۇ قاتتىق كونترول قىلىنىدۇ. ئۇ ئالفابېتنىڭ خامچوت سىياسىتىنى ئۆزگەرتكەن بولۇپ، شىركەتنىڭ سىناق خاراكتېرلىك تۈرلىرىنى قۇتقۇزۇش، ۋاز كېچىش ياكى «تەڭشەش»نى مەقسەت قىلغان. 

ئالفابېت ئۆزىنىڭ كەلگۈسىگە ئىنتىلىش ئىدىيەسىگە تويۇنغان «ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلەر» بىلەن داڭق چىقارغان. تۆۋەندىكى بىرقانچە تۈر ئاللىبۇرۇن سېتىۋېتىلدى ياكى تاقالدى:


سۈنئىي ھەمراھ كەسپى

سۆز مەنىسىدىن قارىغاندا، سۈنئىي ھەمراھ كەسپى ئالفابېتنىڭ «ئادەتتىن تاشقىرى تۈرلەر» تۈرىگە ئەڭ يېقىن بىر تارمىقى ھېسابلىنىدۇ. ئەمما ئالفابېت بۇ يىل 2-ئايدا ئۆزىنىڭ Terra Bella سۈنئىي ھەمراھ گىرافىك كەسپىنى سېتىۋېتىشنى قارار قىلدى. Terra Bella ئامېرىكا ئالەم قاتناش ئىدارىسىنىڭ سابىق ئىنژېنېرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان بولۇپ، دەسلەپتە Skybox Imaging دەپ ئاتالغان، ئۇنىڭ يېڭى خوجايىنى سۈنئىي ھەمرا گىرافىك شىركىتى Planet Labs.

ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان

بۇ يىل 1-ئايدا ئالفابېت بۇلتۇر قۇياش ئېنىرگىيەلىك ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان تارمىقى Titanنى تاقىغانلىقىنى جاكارلىدى. ئالفابېتنىڭ ئېيتىشىچە، شىركەت بۇرۇلۇش ھاسىل قىلىپ، بوشلۇقتىكى ئىسسىق گاز شارى ئارقىلىق چەت رايونلارنى ئىنتېرنېت بىلەن تەمىنلەشكە يۈزلىنىدىكەن. 


مال يەتكۈزۈش مۇلازىمىتى

ئالفابېتنىڭ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش تۈرى Project Wing يېقىنقى بىرقانچە ئايدا ئىزچىل تەۋرىنىش ھالىتىدە تۇردى. توسالغۇلارنىڭ نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش تارمىقىنىڭ مەسئۇلى داۋې ۋوس (Dave Vos)نىڭ كېتىپ قېلىشى شۇنداقلا سىتاربۇكس بىلەن بولغان ھەمكارلىق تۈرىنىڭ بىكار قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەر بۇ ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلاندا مال يەتكۈزۈش تۈرىنى مۈشكۈل ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويدى. 


ماشىنا ئادەم تارمىقى 

ئالفابېت ماشىنا ئادەمنى تاۋارلاشتۇرۇش بەكلا يىراقتا دەپ قارىغان بولغاچقا، 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن باشلاپ ماشىنا ئادەم تارمىقىنى تارقىتىۋېتىشقا باشلىغان. خەۋەرلەرگە ئاساسلانغاندا، ئالفابېت ماشىنا ئادەم شىركىتى Boston Dynamicsنى بازارغا سالغان، ئەمما تېخى سېتىۋالغۇچى تاپالمىغان. 

مودۇللاشتۇرۇلغان ئەقلىيفون

بۇلتۇر ئالفابېت بىر زاكاسلىق تۆۋەن باھالىق ئەقلىيفون ئېلان قىلىشنى، ئۇنىڭغا ئالماشتۇرۇشقا بولىدىغان دېتال، مەسىلەن: ئېكران ۋە باتارىيە قاتارلىقلارنى سەپلەشنى پىلانلىغان. بۇ مودۇللاشتۇرۇلغان كۆچمە ئۈسكۈنە تۈرىنىڭ نامى Project Ara ئىدى، ئەمما ئەسلى تىپلىق مەھسۇلاتتىن ئىشلەپچىقىرىش باسقۇچىغا كىرەلمىگەنلىكى، مەسئۇل خادىمنىڭ فەيسبۇكقا كېتىپ قېلىشى سەۋەبلىك بۇ تۈردىن ۋاز كەچكەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号