باش بەت

ياقۇپجان قۇناخۇن

600يوللانما
1مەستانە

ئەنگلىيەدىكى بويى ئەڭ ئېگىز ئەر-ئايالنىڭ بالىلىرىمۇ ئېگىز بويلۇق بالىلار بولدى

مەنبە:باش خەۋەر تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-13 13:07 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: رەسىمدە ۋىلكو ۋان كلېف بولتون ئائىلىسى، ۋىلكونىڭ ئېگىزلىكى 2.13 مېتىر، ئۇنىڭ ئايالى كېيشانىڭ ئېگىزلىكى 1.95 مېتىر، ئۇلار ئەر-ئايال ئەنگلىيەدىكى بويى ئەڭ ئېگىز ئەر-ئايال.

ئالدىنقى يىلى ۋىلكو ئەر-ئايال يەنە بىر جۈپ قوشكېزەك ئوغۇل گابرېل ۋە ئېرزاغا ئاتا-ئانا بولدى، بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك بالىنىڭ ئېغىرلىقىمۇ ئادەتتىكى بالىلارنىڭكىدىن ئېغىر.

ھازىر بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك 17 ئايلىق بولدى، ئېرزانىڭ ئېگىزلىكى 84 سانتىمېتىر، گابرېلنىڭ ئېگىزلىكى بولسا 81 سانتىمېتىر. ئۇلارنىڭ ئانىسى كېيشا بۇ بىر جۈپ قوشكېزەكنىڭ كەلگۈسىدە بويى ئەڭ ئېگىز قوشكېزەكلەردىن بولۇپ چىقىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

كېيشا بۇ بىر جۈپ قوشكېزەك گەرچە ئەمدىلا بىر ياشتىن ئاشقان بولسىمۇ لېكىن بالىلارنىڭ ئۆسىشى ئىنتايىن تېز بولغانلىقتىن 3 ياشلىق بالىنىڭ كىيىمىنى كىيىدىغانلىقىنى ئېيىتتى.

ئائىلىدىكى باشقا بالىلاردىمۇ ئاتا-ئانىسىنىڭ گېنىنىڭ تەسىرى بار، 11 ياشلىق ئوغلىنىڭ بوي ئېگىزلىكى 1.62 مېتىر بولۇپ سىنىپىدىكى ئەڭ ئېگىز بالا.

8 ياشلىق قىزى ئېۋانىڭ بويى 1.42 مېتىر بولۇپ، ئۇمۇ سىنىپىدىكى ئەڭ ئېگىز بالا. ھەتتا 4 ياشلىق جوناخنىڭ بويىمۇ بۇ يىل 1.24 مېتىر. ئۇلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن قارىغاندا ئۆزلىرى بىلەن تەڭتۈش نورمال بالىلارنىڭ بوي ئېگىزلىكىدىن 3-4 ياش پەرقلىنىدۇ.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا ۋىلكو ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ بوي ئېگىزلىكىنى قوشقاندا 9.75 مېتىردىن ئېشىپ كەتكەن. بالىلارنىڭ بويىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئېشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ ئائىلىنىڭ بوي ئېگىزلىكى ئەڭ ئېگىز ئائىلە بولۇپ قېلىشىدىن ئۈمىد بار. رەسىمدە: ۋىلكو بىر ئائىلە كىشىلىرى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号