باش بەت

ئادىلجان

7766يوللانما
95مەستانە

تەھلىلچىلەر: ئالما ئاپتوموبىلنى تاشلاپ، سۈنئىي ھەمراھ كەسپىگە يۈزلىنىشى كېرەك

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-13 17:20 0 ئىنكاس چۈشتى

ۋېيفېڭ تورىنىڭ 13-مارتتىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇلتۇر بىز ئالما بىلەن F1، ماكلارېن قاتارلىقلارنىڭ سەتچىلىكىنى كۆردۇق، بۈگۈنكى كۈندە بىر تەھلىلچى ئىنتايىن قىزىقارلىق تەسەۋۋۇرنى ئوتتۇرىغا قويدى، يەنى ئالما بوئىن بىلەن ھەمكارلىشىپ، ئىنتېرنېت سۈنئىي ھەمراھىنى ياساشقا مەبلەغ سالامدۇ قانداق؟ ئەگەر بۇ تەسەۋۋۇر راستقا ئايلانسا، ئۇ ھالدا ئالما راستىنلا يەرشارىدىن ھالقىپ كېتىشكە تەييارلانغان بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە تەھلىلچىلەر يەنە ئىنتېرنېت سۈنئىي ھەمراھى بازىرىنىڭ كۆلىمىنى ئاپتوموبىل، تېلېۋىزور ۋە باشقا ساھەگە سېلىشتۇرغىلى بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

كۆپلىگەن چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمراھ ياساش كارخانىسى، مەسىلەن بوئىنمۇ چوڭ تىپتىكى يەرشارى ماس قەدەملىك سۈنئىي ھەمراھ بازىرىنىڭ «قۇرۇپ كەتكەن»لىكىنى بايقىدى، تەھلىلچىلەر بارلىق سۈنئىي ھەمراھ ياساش كارخانىلىرى ھازىر «LEO/MEO دۇنياسى»، يەنى يەرشارى تۆۋەن ئوربېتا/ئوتتۇرا-تۆۋەن ئوربىتا دائىرىسىدە يەرشارى سىرتقى يۈزىگە تېخىمۇ يېقىنلىشىشى كېرەك، دەپ كۆرسەتتى. 

ئىككى يىل ئىلگىرى بوئىن شىركىتى ئىلغار پەن تېخنىكا شىركەتلىرى، مەسىلەن گۇگول، ئامازون، فەيسبۇك، ئالما قاتارلىقلار بىلەن سودا قىلىش ۋە ھەمكارلىق ئورنىتىشقا بەكلا قىزىقىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما گۇگول بىلەن فەيسبۇك ناھايىتى تېزلا سۈنئىي ھەمراھقا بولغان قىزىقىشىنى يوقاتتى، ئامازون بولسا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ئارقىلىق يېڭى دۇنيانى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىغاندەك قىلىدۇ، ئۇنداقتا ئالمىچۇ؟

SpaceX ئىلگىرى بىر سودا پىلانىنى ئويلاپ چىققان، ئۇلار 2025-يىلىغا كەلگەندە يەرشارى ماس قەدەملىك ئوربېتا چوڭ تىپتىكى سۈنئىي ھەمرا بازىرى ئاسترونومىيەلىك رەقەمگە ئوخشاش بايلىقلارنى يارىتىدۇ، دەپ قارىغان. ئالمىغا نىسبەتەن ئۆزىنىڭ كەڭ بەلباغلىق ئىنتېرنېت «تۇرۇبا يولى»غا ئىگە بولسا ئۇ ھالدا كىرىمى كۆپ بولغان مۇلازىمەت كەسپىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتەلەيدۇ، بۇ ئالمىنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشى بىلەنمۇ بىردەك، ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەم ئالمىنىڭ تېلېگراف/سىملىق تېلېۋىزىيە شىركىتى بىلەن بولغان خەۋەرلىشىش ۋە ۋىدىيو جەھەتتىكى رىقابىتىنى كۈچەيتىشكە پايدىلىق. 

ئەمما ھەمىمىز بىلىمىز، ئالما ئىجادكار شىركەت بولغاندىن باشقا، يەنە ئىنتايىن ئېھتىياتچان بىر شىركەت، ئالما «سۈنئىي ھەمراھ ساھەسى»گە كىرمەكچى بولسا، چوقۇم تولۇق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بېرىشى كېرەك. قارىغاندا ئاساسلىق سۈنئىي ھەمراھ كارخانىسىدىن باشقا، كۆپلىگەن تەھلىلچىلەر ئالما بەلكىم يەرشارى ماس قەدەملىك ئوربتا سۈنئىي ھەمراھىغا قىزىپ قېلىشى مۇمكىن دەپ قارىسا كېرەك، بەلكىم ئالما نۇقتىلىق سانائەتنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرۈشى مۇمكىن.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号