باش بەت

زورىگۈل

5742يوللانما
36مەستانە

ئامېرىكا پىۋا شىركىتى مارستا پىۋا ئېچىتماقچى

مەنبە:شىنخۇا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-15 18:06 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنخۇا ئاگېنتلىقى 15-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

ئىنسانلارنىڭ مارسقا چىقىشىغا يەنە ئاز دېگەندە 10~20 ياكى 30 يىل ۋاقىت كېتىشى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكا پىۋا ياساش كارخانىسى مارستىكى «مىكرو ئېغىرلىق»تا پىۋا ئىچىتىشنى تەسەۋۋۇر قىلدى.

Anheuser-Busch شىركىتى قارمىقىدىكى Budweiser پىۋا شىركىتى يېقىندا ئامېرىكىنىڭ تېكساس ئىشتاتىدىكى بىر مۇزىكا، كىنو بايرىمىدا بۇ «دادىل يېڭى ئارزۇسى»نى جاكارلىدى ھەم مارس پىۋىسى مەخسۇس تېمىلىق سۆھبەت يىغىنى ئاچتى. سۆھبەت يىغىنىغا ھوللىۋود كىنوسى «مارسلىق»نىڭ ئايال ئارتىسى كېيت مارا رىياسەتچىلىك قىلدى. Anheuser-Busch شىركىتىنىڭ بازار ئىجادىيەت مۇئاۋىن باش دېرىكتورى ۋالېرى، ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسىنىڭ ۋەزىپىدىن چېكىنگەن ئالەم ئۇچقۇچىسى ئاندېرسون قاتارلىقلار قاتناشتى.

Budweiser پىۋا شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دېرىكتورى شىركەتنىڭ بىر باياناتىدا نەزىرىمىزنى كېيىنكى بىر جايغا ئاغدۇرىدىغان ۋاقىت بولدى، «مارسنى مۇستەملىكە قىلىش ئارزۇيىمىز رېئاللىققا ئايلانغاندا Budweiser ئۇ يەردە ئىنسانلارنىڭ ئۇلۇغ قەدىمىنى تەبرىكلەيدۇ» دېدى.

لېكىن مارستا پىۋا ئىچىتىش ۋە ئىشلىتىش ئاسان ئىش ئەمەس. مارستا سۇ چەكلىك، تۇز مىقدارى يۇقىرى، ھاراق ياساشقا ماس كەلمەيدۇ، نۇرنىڭ يېتەرسىز بولۇشىمۇ پىۋاگۈلنىڭ ئۆسۈشىگە ماس كەلمەيدۇ. مىكرو ئېغىرلىق شارائىتىدا تىل ئاسانلا ئىششىپ، تەم سەزگۈسى ئاجىزلايدۇ، پىۋىنىڭ تەمىنى تېتىشمۇ تەسلىشىدۇ، كاربونلۇق ئىچىملىكلەرنى ئىچسىمۇ «كېكىرىش» ئەھۋالى پەيدا بولىدۇ، يەنى ئاشقازاندىكى كاربون Ⅳ ئوكسىد بىلەن پىۋا قاتارلىقلار كېكىرىش بىلەن بىللە يېنىپ چىقىدۇ...

Budweiser پىۋا شىركىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مارسقا چىقىشقا يەنە بىر قانچە يىل، ھەتتا نەچچە ئون يىل كەتسىمۇ، لېكىن بۇ شىركەت «بوشلۇقتىكى ھاياتنىڭ يەر شارىدىكىگە ئوخشاش خوشال خورام بولىدىغانلىقى، پىۋا ئىچىشنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان»لىقىغا ئىشىنىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋىئاتسىيە ئىدارىسى بۇرۇن ئالەم ئۇچقۇچىلىرىنى مارسقا چىقىشقا ئورۇنلاشتۇرماقچى بولۇپ، لېكىن ئەڭ بالدۇر بولغاندىمۇ مۇشۇ ئەسىرنىڭ 30-يىللىرىغىچە ساقلىسا ئاندىن يولغا قويالايدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号