باش بەت

bahar031

276يوللانما
1مەستانە

جياڭشى خۇيچاڭ دەرياسىدا لەيلەپ قالغان ئايالنىڭ جەسىتى زادى قانداق ئىش؟

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-17 16:18 0 ئىنكاس چۈشتى

 

يېقىندا جياڭشى ئۆلكىسى گەنجۇ شەھىرى خۇيچاڭ ناھىيىسىدىكى ئاھالىلەرنىڭ دوسىتلار چەمبىرىكىدە خۇيچاڭ دەرياسىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى لەيلەپ قالغانلىقىغا ئائىت خەۋەر تارقالدى. 15-مارت، مۇخبىرنىڭ خۇيچاڭ ناھىيىلىك ج خ ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچىلار تەكشۈرگەندىن بۇ خەۋەرنىڭ يالغانلىقىنى بايقىغان. ئەكسىچە، بۇنىڭ ئارقىسىغا ئىنتايىن تەسىرلىك ھېكايە يوشۇرۇنغان. 15-مارت، خۇيچاڭ ساقچى تەرەپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ياردىمىدە سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزۇۋالغان تۆتەيلەننى تېپىپ، ھەقىقىي ئەھۋالنى ئېنىقلىغان. 12-مارت، «خۇيچاڭ دەرياسىدا بىر ئايالنىڭ جەسىتى لەيلەپ قالغان» دېگەن تېمىدىكى خەۋەر ئۈندىدار دوسىتلار چەمبىرىكىدە كەڭ تارقىلىپلا قالماي، يەنە ساقچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان. دېلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسنى تەكشۈرگەندىن كېيىن، ساقچىلار شۇ كۈنى خەۋەردە تىلغا ئېلىنغان ئىشقا مۇناسىۋەتلىك دېلو مەلۇم قىلىش خاتىرىسى يوقلىقىنى بايقىغان. تەكشۈرۈش ئارقىلىق ساقچىلار بىر نەپەر نەق مەيداندىكى گۇۋاھچىنى تېپىپ، دەسلەپكى قەدەمدە ھەقىقى ئەھۋالىنى ئىگىلىگەن.

 

 12-مارت چۈشتىن كېيىن سائەت 15:30 مىنۇت ئۆتكەندە، خۇيچاڭ ناھىيەسى خۇاڭفاڭ دەريا بۆلىكىدە بىر ئايال ئېھتىياتسىزلىقتىن دەرياغا چۈشۈپ كېتىپ، ئەتراپتىكىلەردىن قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان. قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلىغان تۆتەيلەن سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنى قۇتقۇزغاندىن كېيىن جىمجىتلا كېتىپ قالغان. 15-مارت چۈشتىن بۇرۇن، خۇيچاڭ ساقچىلىرى بىلەن مۇخبىر تورداش تەمىنلىگەن يىپ ئۇچىغا ئاساسەن ئادەم قۇتقۇزغان تۆتەيلەننىڭ بىرى بولغان ئو چىچاڭنى تاپقان. ئۇنىڭ دېيىشىچە، شۇ كۈنى يەكشەنبە بولۇپ، ئۇ ئۆيدىن چىقىپ سەيلە قىلغاچ لەنشەن تېغىغا چىقىپ چېنىقماقچى بولغان. ئۇ خۇاڭفاڭ يول بۆلىكىدىن ئۆتۈۋاتقاندا تۇيۇقسىز سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئاۋازنى ئاڭلىغان، ئارقىدىنلا قۇتقۇزۇش تەلەپ قىلغان ئاۋازنى ئاڭلاپ، كۆپ ئويلىمايلا دەرھال دەريا بويىغا قاراپ يۈگۈرگەن. ئۇ دەريا بويىغا توختىتىپ قويغان كېمىنىڭ بىر مېتىر نېرىسىدا سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنىڭ جان تالىشىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كېمىدىن بىر تال كالتەكنى ئېلىپ ئايالغا سۇنۇپ، ئايال كالتەكنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىن ئۇنى كېمىگە تارتىپ چىقارماقچى بولغان، لېكىن كېمە بەك تەۋرەپ كەتكەچكە، ئايالنى قۇتقۇزۇشقا ئامالسىز قالغان، بەختكە يارىشا، ئۈچ ئوقۇغۇچى يۈگۈرۈپ كېلىپ ياردەملەشكەن، تۆتەيلەن بىرلىشىپ ئايالنى پالۇبىغا ئېلىپ چىققان.

ئىگىلىنىشچە، سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايال ئەينى چاغدا ھوشىدىن كەتكەن بولۇپ، ئۇلار ئۇنىڭغا قۇتقۇزۇش تەدىبىرىنى قوللانغاچ، «120» جىددىي قۇتقۇزۇش مەركىزىگە تېلېفون قىلغان. ئۇ كۈنى ھاۋا بىر قەدەر سوغۇق بولغاچقا، قۇتقۇزۇش ماشىنىسى كەلگىچە، ئايالغا سوغۇق ئۆتۈپ قېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئو چىچاڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن چاپىنىنى سېلىپ ئايالنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغان. قۇتقۇزۇش خادىملىرى كەلگەندىن كېيىن، بۇ تۆتەيلەن جىمجىتلا نەق مەيداندىن ئايرىلغان. زىيارەت داۋامىدا ئو چىچاڭ مۇخىبىرغا قالغان ئۈچ ئوقۇغۇچىنى تونۇمايدىغانلىقىنى، پەقەت ئۇلارنىڭ خۇيچاڭ ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنىلا بىلىدىغانلىقنى ئېيتقان. كېيىن مەكتەپنىڭ ياردىمى بىلەن مۇخبىر قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان تولۇقسىز 1-يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى 13 ياشلىق ئوقۇغۇچىلىرى ۋۇ لىنجىن، جياڭ يۈخاۋنى تاپقان. قۇتقۇزۇشقا قاتناشقان شۈ يوڭتاۋمۇ ئۇلارنىڭ دوستى بولۇپ، جياڭ يۈخاۋنىڭ دېيىشىچە، ئۇ ۋۇ لىنجىن بىلەن نەق مەيداندىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، بىرسىنىڭ ياغاچ كالتەك بىلەن بىر نەرسىنى سۈزۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن، كېيىن بىر ئايالنىڭ سۇغا چۈشۈپ كەتكەنلىكىنى بىلىپ، ئىككىيلەن ھېچنېمىنى ئويلىمايلا بېرىپ ياردەملەشكەن. سۇغا چۈشۈپ كەتكەن ئايالنىڭ ساقىيىپ دوختۇرخانىدىن چىققانلىقىنى بىلىپ، بۇ ئىككىيلەن قىلغان ئىشىدىن تولىمۇ مەمنۇن بولغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号