باش بەت

نۇربىيە ئۇيقۇت

10318يوللانما
780مەستانە

ئامېرىكا تارىخىدىكى «يىراقلارغا تارقالغان» سەتچىلىكلەرگە نەزەر

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-03-17 13:14 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى خەۋەرلەر تورى» خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

قۇللۇق تۈزۈمى ئاياغلاشقاندىن كېيىن، لىنكولىن يەنىلا يوشۇرۇن دۈشمەنلىرىنى ھېس قىلالمىغانىدى. شۇنىڭ بىلەن 1865-يىل 14-ئاپرېل، ئۇ ئايالى بىلەن پايتەخت ۋاشىنگتوندىكى فورت تىياتىرخانىسىدا ئوپېرا كۆرۈۋاتقاندا بىرىنىڭ قەستلىشىگە ئۇچراپ، 15-ئاپرېل سائەت 5:22 مىنۇت ئۆتكەندە، قۇتقۇزۇش ئۈنۈم بەرمەي قازا قىلدى.

1865-يىل لىنكولىن قەستكە ئۇچرىغاندىكى فورت تىياتىرخانىسىنىڭ سۈرىتى.

يورۇق بىنا ۋەقەسى ياكى يورۇق بىنا سەتچىلىكى. بۇ ئامېرىكا تارىخىدىكى ئەڭ شەرەپسىز سىياسىي رەسۋاچىلىق ئىشىنىڭ بىرى. ئەينى ۋاقىتتا نىكسون دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىقچە ئاڭلىماقچى بولۇپ مەغلۇب بولغان ھەمدە پاش قىلىنغان. نىكسون ئامېرىكا تارىخىدىكى 2-ئەيىبلەنگەن زۇڭتۇڭ ھېسابلىنىدۇ.

ئامېرىكا ئەلچىخانسىى تېلېگراممىسىنىڭ كۆپەيتىلگەن نۇسخىسى. بۇنىڭدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى رىچارد نىكسوننىڭ 1974-يىل 8-ئاۋغۇست يورۇق بىنا سەتچىلىكىدىن كېيىن، ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەنلىكى يېزىلغان. 

گىرون ساھىلى ۋەقەسى، مەركىزى ئاخبارات ئىدارىسى كۇباغا مۇساپىر بولغان ئامېرىكىلىقلارغا ھەربىي ئىشلار ۋە ئىسىراتېگىيەلىك قوللاش قىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنى كۇباغا قايتىپ قوزغىلاڭ كۆتۈرۈشكە بۇيرۇق قىلىدۇ.

كېننىدى مىڭبىر مۇشەققەتلەر ئىچىدە ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپ ئۈچ ئايدىلا ئېزىنخاۋېر گۇروھىنىڭ ئۇۋالىغا قالىدۇ. بۇ ئىشنىڭ ئەڭ نومۇسلۇق يېرى شۇكى، ئامېرىكا شۇنچىلىك بەدەللەرنى تۆلىگەن بولسىمۇ، «كۇبا قوزغىلىڭى» يەنىلا مەغلۇب بولىدۇ.

دۆلەت رەھبىرى ناھايىتى ئاسانلا باشقىلارنىڭ غەزىبىنى قوزغايدىغان خىزمەت. بولۇپمۇ، لىنكولىن ۋە كېننىدى ۋەقەسىدىلا بۇنى ھېس قىلالايمىز. 1963-يىل 22-نويابىر زۇڭتۇڭ كېننىدى ۋە خانىمى ماشىنىنىڭ ئارقىسىدا ئولتۇرۇپ، ئەتراپتىكى كىشىلەرگە كۈلۈمسىرەپ سالام بەردى.

ئارقىدىن، قاۋاقخانا غوجايىنى جەك رۇبىي كېننىدىنىڭ بېشىغا قارىتىپ ئوق ئاتتى.

كىلىنتون ئامېرىكا تارىخىدىكى 3-ئەيىبلەنگەن زۇڭتۇڭ. گەرچە ئۇ قابىلىيەتلىك بولسىمۇ، بىراق ئۆزىنىڭ «نەپسى»نى يىغالماي، ئايالى ھىلارى بولغان ئەھۋالدا يەنە ئاقسارايدىكى پىراكتىكانت ئوقۇغۇچى بىلەن بولمىغۇر ئىشلارنى قىلغان.

تەلەيگە يارىشا، كېڭەش پالاتا ئەزالىرىنىڭ ئۇنى زۇڭتۇڭلۇقتىن چۈشۈرۈش بېلىتى يەتمىگەچكە، زۇڭتۇڭلۇق ئورنىنى ساقلاپ قالالىغان.

ئاق يورۇق بىنا ۋەقەسى: 1989-يىلى مەكدۇگال «بانكا ئالدامچىلىقى» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەندىن كېيىن، ھىلارى مادىسون شىركىتىدىن قانۇنسىز مەنپەئەتكە ئېرىشىپ، كىلىنتوننىڭ 1984-يىلدىكى ئىشتات باشلىقى خىراجىتىگە ئىشلەتكەن. بىراق دەلىل-ئىسپاتلار تولۇق بولمىغاچقا، تەپتىش ئەمەلدارلىرى كىلىنتون ئەر-ئايالنى گۇناھسىز دەپ ھۆكۈم قىلغان.

«تېيپوت توپ ۋەقەسى»: خاردىن زۇڭتۇڭ ۋەزىپىدە ئولتۇرغان مەزگىلنى ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ چوڭ سەتچىلىكى دېيىشكە بولىدۇ. ئىچكى ئىشلار مىنىستىرى ھولمىس 1922-يىلى ئايرىم-ئايرىم ئىككى پارچە نىفىتلىكنى مەخپىي ھالدا نىفىت ماگناتىغا ئىجارىگە بېرىپ، ئوتتۇرىدىن 400 نەچچە مىڭدىن ئارتۇق ئامېرىكا دوللىرىغا ئېرىشكەن. بۇ ھازىرقى 5 مىليون ئامېرىكا دوللىرىغا باراۋەر. دېمەك ئۇنىڭ نەپسىمۇ خېلىلا چوڭ ئىدى.

سىمپسوننىڭ ئايالىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى. بۇ دېلو ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئەڭ چوڭ جىنايەت گۇماندارىنىڭ جىنايىتىنى يوققا چىقىرىش ۋەقەسى ھېسابلىنىدۇ. سىمپىسون پىچاق بىلەن سابىق ئايالى ھەمدە ئاشخانىدا ئىشلەۋاتقان ۋايتېر رون گورماننى ئۆلتۈرۈپ، قاتىللىق دېلوسى بىلەن ئەيىبلەنگەندە، ساقچىلارنىڭ سەۋەنلىكى بىلەن ئىسپات ئۈنۈمىنى يوقىتىپ، سىمپسونغا پەقەت ھەق تەلەپ دېلوسى بويىچە ئىككى ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە مەسئۇل بولىدۇ، بىراق جىنايىتى يوق دەپ ھۆكۈم چىقىرىلغان. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号