باش بەت

رۇشەن

2837يوللانما
147مەستانە

دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك مايمۇن--پاپا مارموزېت مايمۇنى

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-03-18 11:42 0 ئىنكاس چۈشتى

«بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر» تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

پاپا مارموزېت مايمۇنى جەنۇبىي ئامېرىكىنىڭ ئامازون يامغۇرلۇق ئورمانلىقىنىڭ ئوتتۇرا قىسىمى، بىرازىلىيەنىڭ غەربىي قىسمى، كولۇمبىيەنىڭ جەنۇبىي قىسمى، ئېكۋاتورنىڭ شەرقىي قىسمى ۋە پېرۇنىڭ شەرقىي جەنۇبىدىكى يامغۇرلۇق ئورمانلىقىدا ياشايدىغان بىر خىل مايمۇننى كۆرسىتىدۇ.

پاپا مارموزېت مايمۇنى دۇنيادىكى ئەڭ كىچىك پىرىماتلار تۈرىدىكى ھايۋانات بولۇپ، تېنىنىڭ ئۇزۇنلۇقى تەخمىنەن 14~16 سانتىمېتىر كېلىدۇ، ئەركىكىنىڭ ئېغىرلىقى تەخمىنەن 140 گىرام، چىشىسىنىڭ 120 گىرام كېلىدۇ، ئەمدىلا تۇغۇلۇپ ئۈچ كۈنلۈك بولغان مايمۇنچاقنىڭ ئېگىزلىكى ئاران 3 سانتىمېتىر كېلىدۇ.

پاپا مارموزېت مايمۇنى دۇنيا بويىچە ئەڭ كىچىك مايمۇن، ئۇ كىچىكلىكىدىن كىشىلەرنىڭ كۆرسەتكۈچ بارمىقى ئۈستىدە يامىشىپ تۇرالايدۇ. ئۇلار پىت بېقىپ يېيىشكە ئامراق. پاپا مارموزېت مايمۇنىنىڭ ئەڭ چوڭ كۈشەندىسى قۇشلاردۇر.

بۇ خىل كىچىك مايمۇن ھاشاراتلارنى، بولۇپمۇ پىت يېيىشنى ئەڭ ياخشى كۆرىدۇ، ئەگەر ئۇزاق مۇددەتكىچە ئۇنى يېيەلمىسە ئۇلارنىڭ ئۆمرى قىسقىراپ كېتىدۇ، شۇڭا ئۇلارنىڭ يەنە «ھاشاراتخور مايمۇن» دېگەن نامى بار.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号