باش بەت

ئادىلجان

8598يوللانما
123مەستانە

تېسلا كېلەر ئايدىن باشلاپ 60 كىلوۋات سائەتلىك Model S ئاپتوموبىلىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-18 20:24 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 18-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

تېسلا 18-مارت رەسمىي بايانات ئېلان قىلىپ، 4-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ 60 كىلوۋات سائەتلىك Model S ئاپتوموبىلىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىدى. بۇ Model S ئاپتوموبىلى ئىلگىرى تېسلا قارمىقىدىكى ئەڭ ئەرزان تۆۋەن سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل بولۇپ، ئىشتات ياكى فېدراتسىيە باج ئېتىبارى بولمىغان ئەھۋالدىكى پارچە سېتىلىش باھاسى 68 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 469 مىڭ يۈەن)، كېلەر ئايدا سېتىش توختىتىلغاندىن كېيىن ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىلى 75kWhلىك Model S بولۇپ قالىدۇ، پارچە سېتىلىش باھاسى 74.5 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 514 مىڭ يۈەن). تەبىئىيكى بۇ يىلنىڭ ئاخىرىدا بازارغا سېلىنىدىغان Model 2نىڭ باھاسى تېخىمۇ ئەرزان بولۇپ، باشلىنىش باھاسى 35 مىڭ دوللار (تەخمىنەن 241 مىڭ يۈەن).

ئەمەلىيەتتە بۇلتۇر باھاردا چىقىرىلغان 60kWhلىق Model S ئاپتوموبىلى (ھەمدە چەكلىك مىقداردا سېتىلغان 70kWhلىك تىپى)غا 75kWhلىك باتارېيە گۇرۇپپىسى ئىشلىتىلگەن، ئەمما سېتىۋالغۇچىلار پەقەت %80 توك كۈچىنى ئىشلىتەلەيدۇ. سېتىۋالغاندىن كېيىن ئەگەر سېتىۋالغۇچى قالغان توك مىقدارىغا ئېرىشمەكچى بولسا، ئىچكى قسىمدا سېتىۋېلىش ئارقىلىق قۇلۇپىنى ئاچسا بولىدۇ، Model S 60نى 75kWhلىق تىپقا كۆتۈرۈش ئۈچۈن 9500 دوللار چىقىم قىلىشقا توغرا كېلىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号