engadget تورى 20-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئورگان تەرەپنىڭ ئۇچۇرىغا ئاساسلانغاندا، 2015-يىلى ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىپ 70D ئورنىنى ئالغان، ئاندىن بۇلتۇر 7-ئايدا ئىستېمالچىلار بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەن Tesla Model Sنىڭ ئەڭ تۆۋەن باھالىق 60/60D نۇسخىسى «خېرىدارلارنىڭ سېتىۋېلىش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇش» سەۋەبلىك قايتا ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىلىدىكەن، ئاتالمىش ئىشلەپچىقىرىشتىن توختىتىش ئەمەلىيەتتە يۇمشاق دېتالدا قۇلۇپلىنىدىغان ئىقتىدار تۈرىنى بىكار قىلىشتىن ئىبارەت. بۇنىڭ سەۋەبى يېڭى ئەسىردىكى Tesla 60/60D تىپىغا ئەمەلىيەتتە يەنىلا ھازىرقى باسقۇچتىكى ئەڭ تۆۋەن باتارېيە سىغىمى بولغان 75kWh سەپلەنگەن، ئەمما يۇمشاق دېتالدا قۇلۇپلاش ئارقىلىق 60kWhكە تۆۋەنلىتىلگەن، ئەمما كېيىنكى باسقۇچتا ھەق تۆلەش ئارقىلىق يەنىلا قۇلۇپنى ئېچىپ مۇكەممەل ئىشلەتكىلى بولاتتى.
بۇنىڭغا قارىتا تېسلانىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەمەلىيەتتە كۆپ قىسىم ئىستېمالچىلار 60kWhلىق نۇسخىسىنى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، يەنىلا ھەق تۆلەش ئارقىلىق قۇلۇپنى ئاچالايدىكەن، شۇڭا بۇ خىل نۇسخىسىنى داۋاملىق ئىشلەپچىقىرىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئەمما بازاردىكىلەرنىڭ پەرىزىچە، تېسلا ئەڭ تۆۋەن سەپلىمىلىك نۇسخىدىكى Model 3 بىلەن بولغان باھا پەرقىنى ئېچىشنى ئۈمىد قىلىدىكەن. ھازىرقى باسقۇچتىكى Model S 60kWh نۇسخىسى 4-ئاينىڭ 16-كۈنىگىچە داۋاملىق سېتىلىدۇ.