باش بەت

جاھانكەزدى

14479يوللانما
21مەستانە

سەمىمىي غەمخورلۇق بىزگە كۈچ قۇۋۋەت ئاتا قىلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-21 20:11 0 ئىنكاس چۈشتى

شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى:

ئاينۇر ئابلىمىت خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىگە كېلىپ، ھەر مىللەت ۋەكىللىرىنى يوقلاپ، ئۇلارنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى ھەم مۇھىم سۆز قىلدى. بۇ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلققە بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق نامايان قىلدى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى بۇنىڭدىن چەكسىز ھاياجانلاندى ۋە زور ئىلھام ئالدى.

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى 3-ئاينىڭ 13-كۈنى مەخسۇس يىغىن ئېچىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا قىلغان سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگەندى .

ئاپتونوم رايونلۇق ئاياللار بىرلەشمىسى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، مۇئاۋىن رەئىس خۇ خەنمىن ھەر دەرىجىلىك ئاياللار بىرلەشمىلىرى تەشكىلاتلىرىدىن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى ۋە بۇرچ تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنىڭ ماھىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، ئۇنى ئاياللار خىزمىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىغا «ماياك» قىلىشنى تەلەپ قىلدى.

سانجى ئوبلاستلىق ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ما گۈييەن مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭ بىزنىڭ تەرەققىيات يۆنىلىشىمىز ۋە كۈرەش نىشانىمىزنى كۆرسىتىپ بەردى، ئۇنىڭ سۆزىدىن ھەم غەمخورلۇقنى، ھەم ئۈمىدنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن ئۆز خىزمىتىمىزنى ياخشى ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاچا-سىڭىللارنى «يېرىم دۇنيا»لىق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يېتەكلەپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سەمىمىي غەمخورلۇقىغا بولغان مىننەتدارلىقىمىزنى پارتىيەنىڭ سۆزىنى ئاڭلاش ۋە پارتىيەگە ئەگىشىش قەتئىي ئىرادىمىز ئارقىلىق نامايان قىلىمىز.

خوتەن ۋىلايىتى قاراقاش ناھىيەسى توخۇلا يېزىسىنىڭ ئاياللار مۇدىرى روزىلەم مەمەت مۇنداق دېدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزىنى ئۆگەنگەندىن كېيىن، بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ زىممىمىزدىكى يۈكنىڭ ئېغىرلىقىنى ھېس قىلدىم، باش شۇجى سۆزىدە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقنىڭ جان تومۇرى، شۇڭا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى داۋاملىق مۇستەھكەملەپ، ئىناق-ئىتتىپاق مۇھىتتا خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىدىغان جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش كېرەك، دەپ تەكىتلەپتۇ. مەن بۇنىڭدىن كېيىن خىزمەت ئورنۇمدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك بولۇش» پائالىيىتىنى جانلىق قانات يايدۇرۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئەمەلىيىتىمىزگە، ئائىلە تەربىيەسى ۋە جەمئىيەت تەربىيەسىنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرىغا سىڭدۈرۈپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنى ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلدۇرۇشقا پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئاتلىنىمەن.

ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئاياللار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئايگۈل ئىسمائىل مۇنداق دېدى: باش نىشاننى ئەمەلگە ئاشۇرۇش شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسى، شۇنداقلا ھەر مىللەت ئاياللىرىنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان مەجبۇرىيىتى ۋە مەسئۇلىيىتى. ھەممىمىز بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىقنى، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرگۈچىلەردىن، زامانىۋى مەدەنىيەتنى تارقاتقۇچىلاردىن بولۇپ، تىرىشىپ گۈزەل شىنجاڭ بەرپا قىلىپ، ۋەتەن ئارزۇسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىش ئۈچۈن ئورتاق كۈچ چىقىرىمىز.


مەنبە: http://uy.ts.cn/news/content/2017-03/21/content_591156.htm?lang=uy



دىيارىمىز ھەققىدىكى ئەڭ يېڭى خەۋەرلەر دۆڭكۆۋرۈك خاتىرىلىرى سالونىدا

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号