باش بەت

نۇسرەتگۈل

7723يوللانما
110مەستانە

ئايال فوتوگراف ئافرىقىلىقلارنى ئاقىرىش كېسىلى بىمارلىرىغا زىيانكەشلىك قىلماسلىققا چاقىردى

مەنبە:يەر شارى تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-22 17:12 0 ئىنكاس چۈشتى

يەر شارى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

يېقىندا، گوللاندىيەلىك ئايال فوتوگراف مارىنكا ماسسېئۇس (Marinka Masséus) تانزانىيەگە بارغاندا ئاقىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئۇچراتقان. بۇ بالىلار خۇراپاتلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچراپ پۇت قوللىرى پېرىخونلۇق ئۈچۈن كېسىۋېلىنغان ياكى ۋەھشىيلەرچە ئۆلتۈرۈۋېتىلگەن. بۇ ئىش مارىنكاغا قاتتىق تەسىر قىلغانلىقتىن ئۇ بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرگە ئۇلارنى قوبۇل قىلىشقا مۇراجىئەت قىلغان.

ئاقىرىش كېسىلى بولغان بىمارلارنىڭ تېرىسى، قېشى، چېچى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى ئاق ياكى سارغۇچ بولۇپ قالىدۇ، كۆرۈش تور پەردىسىدىكى پىگمېنتلار يوقاپ كېتىدۇ ھەمدە نۇردىن قورقىدىغان بولۇپ قالىدۇ. پۈتۈن دۇنيادىكى تەخمىنەن 20 مىڭ ئادەمنىڭ بىرى مۇشۇ كېسەلگە گىرىپتار بولىدۇ. يېقىن ئۇرۇق-تۇغقانلار بىلەن توي قىلغانلىقتىن تانزانىيە ۋە شەرقىي ئافرىقىدىكى بىر قىسىم دۆلەتلەردە ئاقىرىش كېسىلى بولىدىغانلارنىڭ سانى بىر قەدەر كۆپ. تانزانىيەدە يېڭى تۇغۇلغان 1400 بوۋاق ئىچىدە بىرى تۇغما ئاقىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولىدۇ.

بىراق، بۇ كېسەلگە گىرىپتار بولغان بىمارلار كۆڭۈل بۆلۈش ۋە كۆيۈنۈشكە ئېرىشەلمەي، ئەكسىچە ئېچىنىشلىق كەمسىتىلىشكە دۇچار بولىدۇ. 2014-يىلى 12-ئايدا، 4 ياشلىق بىر قىزنى باشقىلار ئاتا-ئانىسىنىڭ قولىدىن تارتىپ ئېلىپ كەتكەنچە ھازىرغىچە ئىز-دېرىكى بولمىغان. 2015-يىلى 2-ئايدا، 18 ئايلىق ئوغۇل بوۋاق ئۆيدىن ئوغرىلاپ كېتىلگەن بولۇپ، ئۇ تېپىلغاندا پۇت-قوللىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھالدا كېسىۋېتىلگەنلىكى بايقالغان.

خۇراپىي كىشىلەر ئاقىرىش كېسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى ئالۋاستىلارنىڭ ئادەم سۈرىتىگە كىرگەن ھالىتى، بالا-قازا ئېلىپ كېلىدۇ دەپ قارىغان. مارىنكا: «قورقۇش ۋە خۇراپاتلىق تانزانىيەلىكلەرنىڭ قەلبىگە چوڭقۇر ئورناپ كېتىپتۇ. ناۋادا يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقلار ئاقىرىش كېسىلى بولۇپ قالسا شۇ ھامان ئۆلتۈرىۋېتىلىدىكەن. ناۋادا بوۋاقنىڭ ئاپىسى بۇنداق قىلىشنى رەت قىلسا بالىسى بىلەن بىللە ئۆيدىن قوغلاپ چىقىرىلىدىكەن ۋە قورقۇنچ ئىچىدە ياشايدىكەن» دېگەن.

نۆۋەتتە، تانزانىيە ھۆكۈمىتى ئاكتىپ تەدبىر قوللىنىپ خۇراپاتلىقنىڭ زىيىنىنى ئازايتىشقا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن، شۇنداقلا ئاقىرىش كېسىلى بار بالىلارغا قۇياش نۇرىدىن ساقلىنىش مېيى تارقىتىپ بەرگەن.

مارىنكا: «بۇ تىرىشچانلىقلار ئازلىق قىلىدۇ. نۇرغۇن بالىلار، بولۇپمۇ يېزىلاردا تۇغۇلغان نۇرغۇن بالىلار يەنىلا خۇراپاتلىقنىڭ زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىماقتا. ئۇلار ئەڭ ئادەتتىكى داۋالىنىش كاپالىتىگىمۇ ئېرىشەلمەيدۇ» دېگەن. ئۇ بۇ سۈرەتلەر ئارقىلىق كىشىلەرنىڭ بۇ بىمارلارغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى، خۇراپىيلىققا ئىشەنمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号