باش بەت

جۇشقۇنجان

3238يوللانما
3مەستانە

خۇاۋېي ئامېرىكا ئالاقە شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىپ ئامېرىكا بازىرىنى ئاچماقچى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-22 23:10 0 ئىنكاس چۈشتى

بېتا تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بەش يىل ئىلگىرى خۇاۋېي شىركىتىنىڭ پۈتۈن يەر شارى يانفون بازىرىدىكى ئۈلۈشى پەقەت %1 ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يانفون كەسپى ئۇچقاندەك تەرەققىياتلارغا ئېرىشتى، ئۆتكەنكى ئىككى يىل جەريانىدا خۇاۋېي شىركىتى يەر شارى يانفون بازىرىدا ئۈچىنچى ئورۇننى قولغا كەلتۈردى، ئۇنىڭ ئۈستىگە خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بۇ نەتىجىسى ئامېرىكا بازىرىنى زادىلا ئاچمىغان ئەھۋال ئاستىدا قولغا كەلتۈرۈلدى.

خۇاۋېي ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشنى سىناپ بېقىش ئويىدىن ۋاز كەچمىدى. دەسلەپتە خۇاۋېينىڭ گۇگول شىركىتى بىلەن بولغان ھەمكارلىقى مەغلۇپ بولدى. يېقىندا يەنە ئېلېكترونلۇق سودا سۇپىسى ئارقىلىق يانفون سېتىش سىنىقىمۇ ئامېرىكىدىكى كەسپىگە چوڭ ئۆزگىرىش ئېلىپ كېلەلمىدى. ھازىر خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا يانفون بازىرىدا دۇچ كەلگەن رېئاللىق بولسا، ئامېرىكىدىكى كۆپ سانلىق يانفونلار ئالاقە شىركەتلىرى ئارقىلىق سېتىلىدۇ.

تېخنىكا تور بېكىتى The Informationنىڭ دېيىشىچە، خۇاۋېي شىركىتى ئامېرىكىدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركەتلىرىنىڭ بىرى AT&T بىلەن ھەمكارلىشىش ئۈمىدىدە بولۇۋېتىپتۇ. بىر نەپەر ئۇزۇن قۇلاق ئەربابنىڭ ئاشكارىلىشىچە، خۇاۋېي  شىركىتى ئۆز بايرىقى ئاستىدىكى چىلىن يانفون بىر تەرەپ قىلغۇچىنى AT&T شىركىتىنىڭ ئۆز تورىدا دەسلەپكى باسقۇچتا ئىشلىتىشنى تەستىقلاشقا تۈرتكە بولۇشقا تىرىشىۋېتىپتۇ. AT&T شىركىتى خۇاۋېينىڭ چىلىن بىر تەرەپ قىلغۇچىنى ئۆز تورىدا ئىشلتىسنى تېخى تەستىقلىمىغان. چىلىن ئۆزىكى AT&T شىركىتىنىڭ تەستىقىغا ئېرىشكەن تەقدىردىمۇ، خۇاۋېي شىركىتى يەنە AT&T شىركىتى بىلەن ئۆز يانفونلىرىنى سېتىش توغرىسىدا تەپسىلىي كېلىشىم ئىمزالىشى كېرەك. خۇئاۋېي شىركىتى بىلەن AT&T شىركىتى بۇ ئەھۋالغا باھا بېرىشنى رەت قىلغان.

بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IDCنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۆتكەن يىلى خۇاۋېي شىركىتى پۈتۈن دۇنيا ئەقلىي ئىقتىدارلىق يانفون بازىرىنىڭ %10ىنى ئىگىلىگەن، پەقەت سامسۇڭ ۋە ئالما شىركىتىنىڭ كەينىدىلا تۇرغان. ئالما شىركىتىنىڭ ئىستېمال ئېلېكترون بۇيۇملىرى بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى يۈ چېڭدۇڭنىڭ «بايلىق» ژۇرنىلى مۇخبىرىغا بىلدۈرۈشىچە، خۇاۋېي شىركىتى كېلەر يىلى ئالمىدىن ئېشىپ پۈتۈن دۇنيا يانفون بازىرىنىڭ %15ىنى ئىگىلەشنى نىشان قىلغان.

خۇاۋېينىڭ ئېشىشنى ئىلگىرى سۈرگۈچى ئاساسلىق ماتورى بولسا جۇڭگو ۋە ياۋروپا قاتارلىق دۆلەتلەردە تۆۋەن باھالىق يانفون سېتىش ئۇسۇلىدىن ئىبارەت. ئامېرىكا بازىرىغا كىرىش ئۈچۈن خۇاۋېي شىركىتى لېيكا كامېراسى قاتارلىق زاپچاسلار سەپلەنگەن يۇقىرى سەپلىمىلىك  يانفونلارنى چىقاردى. ئەمما خۇاۋېي شىركىتى ئالدىنقى ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن خەلقارا كۆچمە ئۈسكۈنىلەر يەرمەنكىسىدە يېڭى بايراقدار دەرىجىلىك يانفونى P10نى ئېلان قىلغان چاغدا بۇ يانفوننىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىدىغان ۋاقتىنى ئېلان قىلمىغان. خۇاۋېي شىركىتى ئامازون، ۋولمارت قاتارلىق ئېلېكترونلۇق سۇپىلار ئارقىلىق ئامېرىكا بازىرىدا ئوتتۇراھال تىپتىكى يانفونلارنى ساتقان، ئەمما يالغۇز ئېلېكترونلۇق سۇپىغا تايىنىپلا يانفون سېتىشتىكى تىرىشچانلىق ئالما شىركىتىدىن ئېشىپ كېتىشتىن ئىبارەت نىشانغا يېتىشتىن خېلى يىراق. يانفوننىڭ سېتىلىش مىقدارى تۆۋەنلىگەنلىكتىن گۇگېل شىركىتى ئۈچۈن Nexus يانفونلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش پىلانىمۇ سۇغا چىلاشقان. گۇگېل شىركىتىمۇ خۇاۋېي ماركىسىنىڭ Pixel يانفونلىرىدا كۆرۈلۈشىنى خالىمىغان.

ھازىر خۇاۋېي شىركىتى پىلانىنى ئۆزگەرتىپ كۆچمە خەۋەرلىشىش مۇلازىمەت شىركىتى بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئۈمىد قىلدى، خۇاۋېينىڭ تاللىشى ئىنتايىن چەكلىك. پەقەتلا AT&T شىركىتى ۋە T-Mobile شىركىتىنىڭ تورىلا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچى بىلەن ماسلىشىدۇ، خۇاۋېي شىركىتىنىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچى AT&T شىركىتىنىڭ تەسىتىقىدىن ئۆتكەندىن كېيىن بۇ شىركەت بىلەن ھەمكارلىشىشنىڭ بىرىنچى قەدىمى باشلانغان بولىدۇ، ئەمما بۇ 2 شىركەتنىڭ ھەمكارلىشىشىغا تىخى خېلى بىر مەزگىل بار. ئەگەر خۇاۋېي شىركىتى بۇ قېتىم AT&T شىركىتى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتالمىسا خۇاۋېي شىركىتىنىڭ ئامېرىكا بازىرىغا كىرىشتىن ئىبارەت بۇ نىشانى تېخىمۇ ئۇزىراپ كېتىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号