باش بەت

ئادىلجان

6811يوللانما
70مەستانە

ئەڭ يېڭى ئۆزگەرتىلگەن نۇسخىدىكى بۇگاتتى ۋېيرون

مەنبە:بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەر يوللانغان ۋاقىت:2017-03-23 19:16 0 ئىنكاس چۈشتى

بۈگۈنكى مۇھىم خەۋەرلەر تورى 23-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

بۇگاتتى ۋېيرون دۇنياغا نىسبەتەن ھەشەمەتنىڭ سىمىۋولى ھېسابلىنىدۇ، بۇ ماشىنا گەرچە ئەڭ قىممەت ماشىنا بولمىسىمۇ، ئەمما بۇ ماشىنىنىڭ ئالدىغا ئۆتەلەيدىغان ماشىنا ساناقلىقلا. ئادەتتىكى ۋېيرون كوچىلاردا كۆرۈلگەن ۋاقىتتا كۆپلىگەن كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى تارتىدۇ، ئۇنداقتا سىزنىڭچە سۈرەتتىكى بۇ ماشىنا زىلزىلە پەيدا قىلالارمۇ؟

بۇ ماشىنىنى دۇنيادىكى ئەڭ داڭلىق ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇش شىركىتى MANSORY ياساپ چىققان، ماشىنا گەۋدىسىگە كۆپ مىقداردا كاربون تالا ئىشلىتىلگەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە سىزىقلىرىمۇ ئىنتايىن ئۆزگىچە. قاسقانلىرىغا ئالتۇندىن ھەل بېرىلگەن، قارىماققا دەرىجىدىن تاشقىرى ھەشەمەتلىك كۆرۈنىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىچىگە فار-فور تورمۇز ئورنىتىلغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ماشىنىنىڭ كۆپلىگەن تەرەپلىرى ئۆزگەرتىپ قۇراشتۇرۇلغان. 

ماشىنىنىڭ قۇيرۇق قىسمىمۇ ئىنتايىن قالتىس، بۇنداق قارا رەڭلىك ماشىنىغا سۇس سىزىقچىلار قوشۇلغاندىن كېيىن مەيلى قايسى تەرەپتىن قارىمايلى ئىنتايىن قالتىس كۆرۈنىدۇ. ماشىنا ئارقىسىدىكى تارقاقلاشتۇرغۇچ ئۆزگەرتىپ ياسىلىپ ئوخشىمايدىغان تۈسكە ئىگە قىلىنغان، ئۇنىڭغا يەنە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان ئارقا چىراغ سەپلەنگەن. 

بۇ بۇگاتتى ۋېيروننىڭ ئەسلى نۇسخىسىنىڭ بېزەكلىرى كۈمۈش رەڭدە بولۇپ، گەرچە ئىنتايىن چىرايلىق بولسىمۇ، ئەمما ھازىر سىستېمىلىق ئۆزگەرتىپ سېرىق رەڭگە ئالماشتۇرۇلغاندىن كېيىن تېخىمۇ گۈزەل تۈسكە كىرگەن. ئۇنىڭدىن باشقا گاز قويۇپ بېرىش سىستېمىسى بىلەن ھاۋا كىرىش سىستېمىسىمۇ ئەڭ يېڭى سىستېمىغا يېڭىلانغان، ھازىر بۇ ماشىنىنىڭ ئات كۈچى 1109غا يېتىدۇ، ئەسلىدىكىسىدىن 100 ئات كۈچى ئاشۇرۇلغان. 

ئىچىنىڭ بېزەكلىرىمۇ تېشىغا ماسلاشتۇرۇلغان، رولغا سېرىق رەڭلىك بېزەكلەر بېرىلىپ، تېخىمۇ ھەشەمەتلىك قىلىنغان، ئازادىلىك تۇيغۇسىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. بۇ ماشىنا يولغا چىقسا چوقۇم قىزىق نۇقتىغا ئايلىنىدۇ. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号