باش بەت

ئادىلجان

7768يوللانما
96مەستانە

ئادۋوكاتلىق ئورنى تېسلانى كوللېكتىپ ئەرز قىلماقچى

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-23 22:21 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 23-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

Hagens Berman ئادۋوكاتلىق ئورنى تېسلانى كوللېكتىپ ئەرز قىلماقچى بولۇۋاتىدۇ، بۇ ئورۇننىڭ ئېيتىشىچە بۇ شىركەت Autopilot ئىقتىدارىنى كۆپتۈرۈپ، ئىستېمالچىلارنى خاتا يېتەكلەپ، بۇ ماشىنا ساپ ئاپتوماتىك ھەيدەش ھالىتىنى قوللايدىغاندەك تۇيغۇ بەردى دېدى. چەت ئەل تاراتقۇسى Electrekنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى ئورگان تورىدا بىر يېڭ بەت ئېچىپ، 10000 دوللار خەجلەپ Autopilot ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتالىنى سېتىۋالغان تېسلا ئاپتوموبىلى ئىگىلىرىنىڭ بىرلىشىشىنى ئۈمىد قىلدى، چۈنكى ئۇلار بۇ دېتالنىڭ بولۇشقا تېگىشلىك ئىقتىدارغا ئىگە بولالمىغان. 

Hagens Bermanنىڭ ئېيتىشىچە، تېسلا ئېلان تەشۋىقاتىدا تىلغا ئالغان Autopilot 2نىڭ ئالاھىدە خاسلىقىنى ئىشلەتكىلى بولمايدىكەن، ئەمما بۇ شىركەت ئىستېمالچىلارنى سېتىۋېلىشقا قايمۇقتۇرۇش ئۈچۈن بۇ ئەھۋالنى قەستەن يوشۇرغان. ئۇنىڭدىن باشقا بۇ ئادۋوكاتلىق ئورنى تېسلا «ساپ ئاپتوماتىك ھەيدەش يۇمشاق دېتالى» ئارقىلىق ئالدامچىلىق خاراكتېرىدە ھەق يىغقان.

Electrekنىڭ كۆرسىتىشىچە، تېسلا Model S بىلەن Model Xنىڭ زاكاز بېتىدىلا «تولۇق ئاپتوماتىك ھەيدەش ئىقتىدارى» بىلەن تەمىنلەيدۇ دەپ تەشۋىق قىلغان، نەتىجىدە قارا خەتلىك قىسمىدا بۇ «يۇمشاق دېتالنى كەڭ تۈردە يېڭىلاش ۋە نازارەت قىلىش تارماقلىرىنىڭ تەسىقىگە باغلىق» دەپ ئەسكەرتىپ قويغان. 

ئالدىنقى ئايدا تېسلانىڭ CEOسى ئېلون ماسىك مىكرو بلوگدا Autopilot 2نىڭ بىر چوڭ يېڭىلانمىسى مۇشۇ ئايدا خېرىدارلارغا يوللىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يېڭىلانمىدا قانداق يېڭىلىقلارنىڭ بارلىقى ئېنىق ئەمەس. 

Hagens Berman ئادۋوكاتلىق ئورنىدىن باشقا، J.D.Powerمۇ بىر خەۋەردە تېسلانىڭ كۆپلىگەن سۈپەت مەسىلىلىرىنى تەنقىد قىلغان بولۇپ، Model 3 چىقىرىلغاندا بۇ مەسىلىلەرنى ھەل قىلىدىغان ياكى قىلمايدىغانلىقىنى تەسەۋۋۇر قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号