باش بەت

زورىگۈل

5741يوللانما
40مەستانە

ستارباكس پۈتۈن دۇنيادا 240 مىڭ خادىم كۆپەيتىشنى پىلانلىدى

مەنبە:سىنا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-24 16:23 0 ئىنكاس چۈشتى

بېيجىڭ سودا گېزىتى 23-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

داڭلىق قەھۋە زەنجىرسىمان ماركىسى Starbucksنىڭ 23-مارت ئاشكارىلىشىچە، كەلگۈسىدە خىزمەتچى قوبۇل قىلىش قەدىمىنى تېزلىتىدىكەن. پىلان بويىچە 2021-يىلى ئاخىرلىشىشتىن بۇرۇن دۇنيا مىقياسىدا 240 مىڭ يېڭى خىزمەت ئورنى كۆپەيتىدىكەن.

ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، ستارباكسنىڭ بۇ قېتىمقى خىزمەتچى قوبۇل قىلىش پىلانىدا ئامېرىكىدا بۇ مەزگىلدە يېڭىدىن 3400 دۇكان ئېچىش پىلانىغا ماسلىشىپ، يەرلىكتىن قوبۇل قىلىدىغان خىزمەتچى سانى 68 مىڭغا يېتىشى مۇمكىن ئىكەن. مۇشۇنداق بولۇپلا قالماي پۈتكۈل قوبۇل قىلىش پىلانىدا 2018-يىلىغا بارغاندا ھەربىيلىكتىن چېكىنگەن ھەربىي ۋە ھەربىيلەر ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىدىن 10 مىڭنى قوبۇل قىلىدىكەن ھەم ئۇنىڭدىن كېيىنكى 2025-يىلىدىن بۇرۇن بۇ ساننى 25 مىڭغا كۆپەيتىدىكەن.

بۇ ئۇچۇرغا نىسبەتەن بېيجىڭ سودا گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ستارباكسنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلىنى زىيارەت قىلدى، بۇ مەسئۇل كىشىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ ئۇچۇرنىڭ جۇڭگو رايونىغا بولغان تەسىرى چوڭ ئەمەس ئىكەن، نۆۋەتتە جۇڭگو رايونىدا تەپسىلىي خادىم قوبۇل قىلىش پىلانىنى بىلدۈرىدىغان ئېنىق ئۇچۇر يوق ئىكەن. لېكىن ستارباكس بۇنىڭدىن بۇرۇن ئاشكارىلىغان ئۇچۇرغا ئاساسلانغاندا، 2021-يىلىغا بارغاندا پۈتكۈل جۇڭگو چوڭ قۇرۇقلۇقى دائىرىسىدىكى ستارباكس دۇكىنىنىڭ سانىنى 5 مىڭدىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىدىكەن. ھازىر جۇڭگو بازىرىدىكى قىسمەن دۇكانلارنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولۇپ، سېتىشىنىڭ ئېشىشى كۈچلۈك ئىكەن، شۇڭا كەلگۈسى نەچچە يىلدا جۇڭگو بازىرىدىكى كېڭەيتىش سۈرئىتىنى داۋاملىق تېزلىتىدىكەن.

ئىگىلىنىشىچە، ستارباكس ماركىسى 1999-يىلى بېيجىڭدا چوڭ قۇرۇقلۇقتىكى تۇنجى دۇكىنىنى ئاچقاندىن بۇيان جۇڭگو بازىرى ئامېرىكا بازىرىدىنلا كېيىن تۇرىدىغان ئىككىنچى چوڭ بازارغا تەرەققىي قىلغان، نۆۋەتتە ستارباكسنىڭ جۇڭگودىكى 120 نەچچە شەھەردە 2600دىن كۆپرەك دۇكىنى بار. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号