باش بەت

جۇشقۇنجان

3607يوللانما
8مەستانە

ئالما چىقىمدانىنىڭ ئىقتىدارى يەنە كېڭەيتىلىدۇ

مەنبە:cnBeta تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-26 23:55 0 ئىنكاس چۈشتى


بېتا تورى 26-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: 

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇ يىل تۆتىنچى ئايدىن باشلاپ iPhone ئابۇنتلىرى ئالما چىقىمدانى Apple Pay ياكى iOS سىستېمىسى ئىچىگە قاچىلانغان ئۇچۇر ئەپ دېتالى ئارقىلىق ئۆزى خالىغان ئادەمگە Starbucksنىڭ ئىستېمال كارتىسىنى سوۋغا قىلالايدىكەن. 22- مارت بۇ زەنجىرسىمان قەھۋە سېتىش شىركىتى يىللىق پايچېكلار يىغىنىدا بۇ خەۋەرنى جاكارلىغان، ئەمما نۆۋەتتە بۇ خەۋەرنىڭ كونكرېت تەپسىلاتى ئېنىق ئەمەس. پەرەز قىلىشقا بولىدۇكى، ئالما شىركىتى چوقۇم iOS سىستېمىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان iMessage ئۇچۇر ئەپ دېتالىنى يېڭىلايدۇ. ئۆتكەن يىلى 9- ئايدا، ئالما شىركىتى مەخسۇس iOS 10 سىستېمىسى ئىچىدىكى «Messages App Store»نى تونۇشتۇرغان.

ئالما شىركىتى ۋە ئۇنىڭ ھەمكارلاشقۇچىلىرى قەرەللىك ھالدا ئالما چىقىمدانى Apple Payنى قوللايدىغان ئورۇنلارنى كېڭەيتمەكتە. Starbucksنىڭ دېيىشىچە، بۇ شىركەت داۋاملىق ھالدا «My Starbucks»نىڭ قوللىنىشچان ئىقتىدارىنى كېڭەيتىدىكەن.

My Starbucks ئابۇنتلارنىڭ يازما شەكلىدە ياكى ئاۋازلىق شەكىلدە تالون چۈشۈرۈشىگە رۇخسەت قىلىدۇ، ئەپ دېتالى ئىچىدىكى تىزىملىكنى بىر بىرلەپ كۆرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. گەرچە Android سۇپىسنى قوللاش پىلانى بولسىمۇ، ئەمما ئەڭ ئاخىرقى نەشرىنى يەنىلا بىر مەزگىل كۈتۈشى كېرەك. 

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号