باش بەت

جاھانكەزدى

14374يوللانما
10مەستانە

يول باشلاش سىستېمىسىغا كۆپ تايىنىۋالماڭ

مەنبە:تېڭشۈن تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-27 21:31 0 ئىنكاس چۈشتى

تەتقىقاتتا دېيىلىشىچە، ھەمىشە يول باشلاش سىستېمىسىغا تايىنىپ قالسا، مىڭىنىڭ «بىر قىسىمى تاقىلىپ» قېلىشى مۇمكىن ئىكەن


خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچنى دائىم ئىشلەتسە يۆلىنىش تۇيغۇسى ناچار بولۇپ قالامدۇ؟ ئەنگلىيە ئالىملىرىنىڭ ئەڭ يېڭى بايقىشىچە، ھەمىشە سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ قالسا، ئىشلەتكۈچىنىڭ يول تونۇش ئىقتىدارى ھەقىقەتەن ئاجىزلىشىپ كېتىدىكەن.

ئەنگلىيە لوندون ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنستىتۇتىدا 24 نەپەر پىدائىينى توپلاپ، ئۇلارنىڭ مەۋھۇم ئەھۋال ئاستىدا سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ يول تونۇش ياكى ئۆز ئىقتىدارىغا تايىنىپ يول تونۇش ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇلارنىڭ چوڭ مېڭىلىرىنى سىكاننېرلاپ كۆرگەن. نەتىجىدە كۆرسىتىلىشىچە: يولنى ئۆزى تېپىپ ماڭغان پىدائىيلارنىڭ چوڭ مېڭە سەقەنقۇرى ۋە پېشانە پوستلىقىنىڭ رايون تەسۋىرىنى يېيىش سۈرىتى كۆرۈنەرلىك چىقىپ تۇرغان، لېكىن سۈنئىي ھەمراھ يول باشلىغۇچقا تايىنىپ يول تاپقان پىدائىيلارنىڭ بۇ ئىككى پارچە چوڭ مېڭە رايون تەسۋىرىنى يېيىش سۈرىتىدە ئۆزگىرىش بولمىغان.

«قايسى يولدا ماڭسا بولىدىغانلىقىنى بىزگە دەپ بېرىدىغان تېخنىكا بولغاندا، بۇ چوڭ مېڭە رايونلىرىنىڭ كوچا تورلىرىغا ھېچقانداق ئىنكاس قايتۇرمىغان». تەتقىقاتقا قاتناشقان ئۇگو سپىئېر مۇنداق دېدى:».

ئالاقىدار تەتقىقات 21-مارت ئەنگلىيە ژۇرنىلى «تەبىئەت. خەۋەر»دە ئېلان قىلىنغان.


مەنبە: خەلق تورى

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号