باش بەت

جاھانكەزدى

14371يوللانما
10مەستانە

يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ جەسىتى بېيجىڭدا كۆيدۈرۈلدى

مەنبە:تەڭرىتاغ تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-29 10:51 0 ئىنكاس چۈشتى

شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىغا بېرىپ ئۇزىتىپ قويدى


شىنجاڭ گېزىتى خەۋىرى: 

شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3–ئاينىڭ 28–كۈنى تېلېگراممىسى. داڭلىق ئىجتىمائىي پائالىيەتچى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتىنىڭ كۆزگە كۆرۈنگەن رەھبىرى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ يېقىن دوستى، جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك 8–، 9–نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، جۇڭگو دېموكراتىك دۆلەت قۇرۇش جەمئىيىتى 6–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ دائىمىي مۇئاۋىن رەئىسى، 7–، 8–نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ پەخرىي مۇئاۋىن رەئىسى يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ جەسىتى 3–ئاينىڭ 28–كۈنى بېيجىڭ باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىدا كۆيدۈرۈلدى.

يولداش ۋەن گوچۈەن كېسەل سەۋەبىدىن 2017–يىل 3–ئاينىڭ 23–كۈنى سائەت 13تىن 12مىنۇت ئۆتكەندە بېيجىڭدا 99 يېشىدا ۋاپات بولدى.

يولداش ۋەن گوچۈەن ئاغرىپ قالغان مەزگىلدە ۋە ۋاپات بولغاندىن كېيىن، شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، جياڭ زېمىن، خۇ جىنتاۋ قاتارلىق يولداشلار دوختۇرخانىغا بېرىپ يوقلىدى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ ۋاپاتىغا چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈردى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

3–ئاينىڭ 28–كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، باباۋشەن ئىنقىلابىي قۇربانلار قەبرىستانلىقىنىڭ مۇراسىم زالى مۇسىبەت تۈسىگە كىرگەن بولۇپ، ماتەم مۇزىكىسى تۆۋەن ئاۋازدا ئاڭلىنىپ تۇراتتى. زالنىڭ ئۇدۇلىدىكى تامنىڭ يۇقىرى تەرىپىگە ‹‹يولداش ۋەن گوچۈەنگە چوڭقۇر تەزىيە بىلدۈرىمىز›› دېگەن خەتلەر يېزىلغان قارىلىق پىلاكات ئېسىلغان، تۆۋەن تەرىپىگە يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ سۈرىتى ئېسىلغانىدى. يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ جەسىتى گۈل ۋە ئارچا ئىچىگە قويۇلغانىدى.

شى جىنپىڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى، خۇ جىنتاۋ قاتارلىقلار چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 ئەتراپىدا ماتەم مۇزىكىسى ئىچىدە ئاستا قەدەملەر بىلەن يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ جەسىتى ئالدىغا كېلىپ، ھۆرمەت بىلەن سۈكۈتتە تۇرۇپ، يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ جەسىتىگە ئۈچ قېتىم تەزىم قىلدى ھەم ئۇنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى بىلەن بىر–بىرلەپ قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، ھال سورىدى.

پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك رەھبەرلىرى ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ياكى تۈرلۈك شەكىللەر ئارقىلىق تەزىيە بىلدۈردى. مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، يولداش ۋەن گوچۈەننىڭ ھايات ۋاقتىدىكى دوستلىرى ۋە ئۇنىڭ يۇرتىنىڭ ۋەكىللىرىمۇ ئۇزىتىش مۇراسىمىغا قاتناشتى.


مەنبە: http://uy.ts.cn/homepage/content/2017-03/29/content_592439.htm?lang=uy

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号