باش بەت

رۇشەن

2679يوللانما
109مەستانە

Model 3نىڭ مەھسۇلات مىقدارى مۆلچەردىكىدىن بەكلا تۆۋەن تېسلا خەتەرلىك ئەھۋالغا چۈشۈپ قالدىمۇ؟

مەنبە:تېخنىكا تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-30 13:15 0 ئىنكاس چۈشتى

Techweb تورى 30-مارت خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، تېسلا بۇ يىل تاپشۇرۇش ئالدىدا تۇرغان Model 3كە قارىتا ئىزچىل ناھايىتى ئىشەنچىسى بار بولسىمۇ، لېكىن تەھلىلچىلەر ئۇنچىۋالا ئۈمىدۋار پوزىتسىيەدە بولمىغان. مورگان سىتانلېينىڭ تەھلىلچىسى ئادام جوناس يېقىندا بىلۇمبېرىگ ئاگېنتلىقىنىڭ تېلېۋىزىيە زىيارىتىگە قاتناشقاندا، تېسلانىڭ بۇ يىللىق مەھسۇلات مىقدارى پىلانىنى بەلكىم بۇ يىل ئىشقا ئاشماسلىقى مۇمكىنلىكىنى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئاخىرقى بېكىتىلىدىغان باھاسىنىڭ بەلكىم بۇرۇنقى ئالدىن بېكىتىلگەن 35 مىڭ ئامېرىكا دوللىرىدىنمۇ يۇقىرى بولۇش مۇمكىنچىلىكىنىڭ ناھايىتى چوڭ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئادام جوناسنىڭ قارىشىچە، تېسلا بۇ يىل 2000 دانە ئەتراپىدىكى Model 3نى ئىشلىتىشكە تاپشۇرالايدىكەن، لېكىن كېلەر يىلى تولۇق بىر يىل ئىچىدە 80 مىڭ دانە ئاپتوموبىلنى ئىشلىتىشكە تاپشۇرالايدىكەن. بۇنداق تاپشۇرۇش مىقدارى تېسلا بۇرۇن بېكىتكەن 400 مىڭ دانىلىق نىشان بىلەن بولغان پەرقى ئادەتتىن تاشقىرى يىراق. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، تېسلا بۇ يىل دۇنيا بازىرىغا 76 مىڭ 230 دانە توكلۇق ئاپتوموبىل تاپشۇرغان بولۇپ، بۇمۇ ئۇلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى جەھەتتە ھەقىقەتەن مۇئەييەن مەسىلىگە دۇچ كەلگەنلىكىنى ئىسپاتلايدىكەن.

بۇنىڭدىن بۇرۇن goldman sachs شىركىتىنىڭ تەھلىلچىسى داۋىد تامبېررىنو بىر تەتقىقات دوكلاتى ئېلان قىلغان، ئۇ تېسلانىڭ يېڭى تىپتىكى توكلۇق Model 3 ئاپتوموبىلىنىڭ تاپشۇرۇش ۋاقتى كېچىكتۈرۈلىدۇ، دەپ قارىغان. گەرچە تېسلا بۇرۇن Model 3نىڭ بۇ يىل كىچىك كۆلەملىك مال تارقىتىدىغانلىقىنى قايتا-قايتا بىلدۈرگەن بولسىمۇ، لېكىن تامبېررىنو ھېچ بولمىغاندا 2018-يىلىغا كەلگەندە ئاندىن بۇ خىل تىپتىكى يېڭى ئاپتوموبىلنى كۈتۈۋالغىلى بولىدۇ، دەپ قارىغان، بۇنىڭ ئاساسلىق سەۋەبى ئۇلارنىڭ يەنىلا مەبلەغ كىرىزىسى ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىدىن ئىكەن.

تېسلانىڭ يېڭى ئاپتوموبىلنى تاپشۇرۇش مەسىلىدە ئىزچىل كەينىگە سۈرۈش ئەنئەنىسى بار، بۇنىڭدىن بۇرۇنقى Model S ۋە Model Xنىڭ ھەممىسى بېكىتكەن ۋاقىتتىن كېچىككەن. بىراق دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، Model 3نىڭ ھۈنەر-سەنئىتى Model S ۋە Model Xغا قارىغاندا ئاددىي، ئۇنىڭ ئۈستىگە تېسلا يېقىندا كىرىشتۈرگەن ئۈسكۈنىلەرمۇ بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى، بۇ ئۈسكۈنىلەر ئىشلەپچىقىرىش قەدىمىنى تېزلىتىپلا قالماستىن، يەنە تېخى پۈتكۈل مەھسۇلاتنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرەلەيدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号