باش بەت

پەرىدە

296يوللانما
1مەستانە

زىيادە سېمىز يىگىت جېنىدىن تويۇپ دەرياغا سەكرىۋالدى

مەنبە:تور دۇنياسى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-30 14:47 0 ئىنكاس چۈشتى

«تېز خەۋەرلەر گېزىتى» خەۋىرى (مۇخبىر تاۋ ۋېيجۇ، ئىختىيارىي مۇخبىر شيې نەن): ئېغىرلىقى 100 كىلوگرام كېلىدىغان بىر يىگىت ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قېلىپ جېنىدىن تويۇپ دەرياغا سەكرىۋالدى. بەختكە يارىشا نەنجىڭ سۇ ساقچىلىرى ۋاقتىدا نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ يىگىتنى سۇدىن قۇتقۇزۇپ چىقتى.

3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كېيىن، نەنجىڭ شەھەرلىك ج خ ئىدارىسى چىنخۈەي دەرياسى يىنماچياۋ كۆۋرۈكىدە بىرەيلەننىڭ سۇغا سەكرىۋالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرۇۋالدى. چىنخۈەي دەرياسى ئەسكەرلەر پونكىتىدا دىژورنىلىق قىلىۋاتقان ساقچىلار چارلىغۇچى قېيىققا ئولتۇرۇپ تېزلىكتە نەق مەيدانغا يېتىپ كەلدى. بۇ چاغدا سۇغا سەكرىۋالغان يىگىتنىڭ بېشىلا سۇدىن چىقىپ تۇرغان بولۇپ، ئىككى قولى بىلەن تىركىشىپ تۇراتتى، ھەرۋاقىت سۇغا چۆكۈپ كېتىشى مۇمكىن ئىدى. ساقچىلار دەرھال ئۇنىڭغا قۇتقۇزۇش كىيمى تاشلاپ بەردى، ئۇ قۇتقۇزۇش كىيمىنى تۇتۇۋالغاندىن كېيىنلا چۆكۈشتىن توختىدى.

ئارقىدىن چارلىغۇچى قېيىق سۇغا سەكرىۋالغان يىگىتنىڭ قېشىغا باردى، ئىككى ساقچى قېيىقنىڭ بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ يىگىتنىڭ ئىككى قولىدىن تارتتى. يىگىت ناھايىتى سېمىز بولۇپ 100 كىلوگرام ئەتراپىدا كېلەتتى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاللىبۇرۇن تەڭپۇڭلۇقىنى يوقاتقان بولغاچقا، ساقچىلار ئۇنى سۇدىن تارتىپ چىقىرىشقا ئاز قالغاندا يەنە سۇغا چۈشۈپ كېتەتتى، بىرقانچە قېتىملىق تىرىشىش ئارقىلىق ئاخىرىدا، ئىككى نەپەر ساقچى قېيىقنىڭ بېشىدا يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ، بىرى يىگىتنىڭ بېلىدىن، يەنە بىرى قولىدىن تۇتقىنىچە كۈچەپ تارتىپ ئۇنى سۇدىن چىقتى.

سۇغا سەكرىۋالغان يىگىت ساقچىخانىغا ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن، ساقچىلار ئۇنىڭغا ئالماشتۇرىدىغان قۇرۇق كىيىم ۋە قايناقسۇ، يېمەكلىكلەرنى بەردى. سوراق قىلىش ئارقىلىق ساقچىلار يىگىتنىڭ بۇيىل 30 ياشقا يېقىنلاشقانلىقىنى، ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئارازلىشىپ قالغاچقا، ئاچچىققا پايلىماي مۇشۇنداق ئەخمىقانە ئىشنى قىلغانلىقىنى بىلدى. ساقچىلارنىڭ ئەستايىدىل نەسىھەت قىلىشى بىلەن، يىگىتنىڭ كەيپىياتى نورماللاشتى. ئۇ ساقچىلارنىڭ ياردىمى ۋە تەربىيىسىگە چوڭقۇر رەھمەت ئېيتتى ھەمدە بۇندىن كېيىن بىرەر ئىشقا يولۇققاندا سوغاققانلىق بىلەن بىرتەرەپ قىلىدىغانلىقىنى، ھاياتىنى چوقۇم قەدىرلەيدىغانلىقىنى، ئۆيىدىكىلىرىنىڭ ئۈمىدى ۋە ساقچىلارنىڭ غەمخورلۇقىنى يەردە قويمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号