باش بەت

رازى

1705يوللانما
47مەستانە

ئوغۇل بوۋاق قەغەز يەشىككە سېلىنىپ يول بويىغا تاشلىۋېتىلدى

مەنبە:جۇڭگو ئاخبارات تورى يوللانغان ۋاقىت:2017-03-30 23:47 0 ئىنكاس چۈشتى

3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە، لاڭفاڭ شەھىرى داچېڭ ناھىيەسى خۇاڭدېۋۇ يول ئېغىزىدا بىر ئوغۇل بوۋاق قەغەز يەشىك ئىچىگە سېلىنىپ، يول بويىغا تاشلىۋېتىلگەن. مۇخبىرنىڭ تۈنۈگۈن ئىگىلىشىچە، تاشلىۋېتىلگەن ئوغۇل بوۋاق شۇ يەردىكى ساقچىلار تەرىپىدىن خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئېلىپ بېرىلىپ ۋاقىتلىق ئورۇنلاشتۇرۇلغان. 

ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن تورداشنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتە، بىرى داچىڭ ناھىيەسى خۇاڭدېۋۇ كەنتىدىكى ماشىنا ۋە ئادەملەر ئانچە كۆپ بولمىغان يول بۆلىكىدە كېتىۋاتقاندا، يول بويىدا بىر يوغان قەغەز يەشىك بارلىقىنى، يەشىك ئىچىدە بىر ئوغۇل بوۋاق تۇرغانلىقىنى بايقىغان. بوۋاقنىڭ ئۇچىسىغا كۈل رەڭلىك مايكا، قىزىل رەڭلىك ئىسسىقلىق ساقلاش ئىشتىنى كىيدۈرۈلگەن بولۇپ، قارىماققا بىر ياش ئەتراپىدا كۆرۈنگەن، ئەمما ئۇ قەغەز يەشىكتىن ئۆزى تۇرالمىغان. ئۇ كىشى ئەتراپتىكىلەردىن سۈرۈشتۈرۈپ ھېچقانداق ئۇچۇرغا ئېرىشەلمىگەندىن كېيىن، ساقچىغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلغان. بوۋاقنىڭ تاشلىۋېتىلگەنلىكىنى ئاڭلاپ يېقىن ئەتراپتىكى ياخشى نىيەتلىك كىشىلەر دەرھال يېتىپ كەلگەن ھەمدە تەشەببۇسكارلىق بىلەن بالىغا قارىغان.

تۈنۈگۈن مۇخبىرنىڭ داچىڭ ناھىيەسى فۇساۋ ساقچىخانىسىدىن ئىگىلىشىچە، ساقچىلار ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، تېز سۈرئەتتە نەق مەيدانغا يېتىپ كېلىپ، تاشلىۋېتىلگەن بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرگەن. نەق مەيداندىن بالىنىڭ كىملىكىگە ئالاقىدار ھېچقانداق ماددىي بۇيۇم تېپىلمىغان. بالا تەخمىنەن بىر ياش ئەتراپىدا بولۇپ، قارىماققا روھىي ھالىتى ۋە سالامەتلىك ئەھۋالى نورمالدەك كۆرۈنسىمۇ، ئۆزى ئورنىدىن تۇرالمىغان. ئۇنىڭ تۇغما كېسىلى بار-يوقلىقى ھەققىدە دوختۇرلارنىڭ ئومۇمىيۈزلۈك تەكشۈرۈپ بېكىتىشىگە توغرا كېلىدىكەن. ساقچىلار بالىنىڭ ئاتا-ئانىسىنى تاپالمىغاچقا ۋاقتىنچە ئۇنى داچىڭ ناھىيەلىك خەلق ئىشلىرى قۇتقۇزۇش پونكىتىغا ئورۇنلاشتۇرغان.

ساقچىلار بالىنىڭ ئۆز ئاتا-ئانىسىنىڭ بالدۇرراق نىيىتىدىن يېنىپ، ئۆز يۈرەك پارىسىنى قايتۇرۇپ كېتىشنى، شۇنداقلا بۇ بوۋاقنى تونۇيدىغان كىشىلەرنىڭ ساقچىلارنى مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇر بىلەن تەمىنلىشىنى، بالىنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرنى تېپىشىغا ياردەم قىلىشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

باش سۈرەت تاللاش x
ﺷﯩﻨﺠﺎﯓ ﺋﯘﻟﯩﻨﯩﺶ ﺗﻮﺭ ﺗﯧﺨﻨﯩﻜﺎ ﭼﻪﻛﻠﯩﻚ ﺷﯩﺮﻛﯩﺘﻰ ﺋﯧﻼﻥ ﺋﺎﻻﻗﻪ ﻧﯘﻣﯘﺭﻯ:13699999340 新疆连线网络有限公司版权所有
ﺗﻪﺷﻜﯩﻠﻰ ﺋﺎﭘﺎﺭﺍﺗﻼﺭ ﺋﯩﺠﺎﺯﻩﺗﻨﺎﻣﯩﺴﻰ : Email : ulinixcn@sina.com | 组织机构代码证:68646203 - 0
新ICP备14001103号-2增值电信业务经营许可证 新B2-20100001号
新公网安备 65010202000070号